تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات

− 2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا بېرىلدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. (ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

2020 - يىلىدىكى ئاساسلىق خىزمەتلەر

ئۆتكەن بىر يىل ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش غەلىبە قازىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «3 + 1» نۇقتىلىق خىزمىتىگە زىچ باغلاپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق، پائال نەتىجە ياراتتۇق. 8 قېتىم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتۇق، ئاپتونوم رايون نىزامىدىن 8نى چىقاردۇق ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، بېكىتمە، قاراردىن 3نى چىقاردۇق، رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە نىزامىدىن 20نى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدۇق، 18 دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، 8 قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردۇق، 3 قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدۇق، 16 قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق، دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى قانۇن بويىچە 542 ئادەم قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلىدۇق، ۋەزىپىدىن قالدۇردۇق، خىزمەتتە دائىرىنى كېڭەيتىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، چوڭقۇر ئىزدىنىش، ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

1. پارتىيە رەھبەرلىكىدە مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈردۇق

دائىمىي كومىتېت پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىدىيەنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن قەلبىمىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر زىچ، چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى ھەقىقىي نامايان قىلدۇق. سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جىددىي ئىشلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىن ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق.

بىرىنچى، ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى قەتئىي، كەسكىن بىرلىككە كەلتۈردۇق. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا ياخشى باشلامچى بولۇش، ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگە بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردۇق. بىرىنچىدىن، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈردۇق. دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسى مەركەزلىك ئۆگىنىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر باش بولۇپ ئۆگىنىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىدا سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەت ئۈنۈمىگە ئايلاندۇردۇق. ئىككىنچىدىن، زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدۇق، چۈشەندۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ قاتلام، كۆپ نۇقتىدىن، كۆپ يوللۇق، كۆپ ئاۋازلىق تەشۋىق قىلىپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ چۈشەندۈرۈپ، ئىدىيەنى ئاممىنىڭ قەلبىگە، نەزەرىيەنى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تىرىشىپ سىڭدۈردۇق. ئۈچىنچىدىن، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتۇق. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت، مىللەتلەر - دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم نۇقتا، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە قوشتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى چىقىرىپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ۋە قۇرۇلۇشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق.

ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قىلچە تەۋرەنمەي قوغدىدۇق. مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتسىز جاي، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تارىسىنى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلدۇق. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلىدۇق. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش قانۇن لايىھەسىگە قارىتا كەسكىن بايانات ئېلان قىلىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرى ئاكتىپلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ توغرىسىدا تەپ تارتماستىن بوھتان چاپلىغانلىقى ۋە ئاساسسىز ئەيىبلىگەنلىكىنى قاتتىق سۆكتۇق. مۇقىملىقنى قوغداشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر نىزام - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتى ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئەقىل - پاراسەت، كۈچ - قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي تۈردە دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغدىدۇق، مۇقىملىق پايدىسىنى يەتكۈزدۇق.

ئۈچىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلاندۇق. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، دائىمىي كومىتېت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش» ئومۇمىي تەلىپى ۋە «تاشقى جەھەتتە سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنى يوقىتىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسەتتۇق. بىرىنچىدىن، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە ئورتاق ئاتلاندۇق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش چوڭ ۋەزىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تارىسىنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، 8 تۈرلۈك كۆزىتىش - سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەزگىلدە ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدا يۇقۇملانغانلار بولماسلىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىدۇق. ئىككىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي تاماملىدۇق، ئاساسىي قاتلامدا نۇقتىدا تۇرۇپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ «پارتىيە بىزنىڭ قەيەردە بولۇشىمىزغا ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇ يەردە بولىمىز، پارتىيە بىزدىن نېمە قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بىز شۇنى قىلىمىز» دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى نامايان قىلدۇق. ئۈچىنچىدىن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇردۇق. ئاممىۋى ساغلاملىققا دائىر قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ساھەسىدىكى يەرلىك نىزاملارنى يىغىپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى تاماملىدۇق، نىزام چىقىرىش يىرىك پىلانى، پىلانىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، مۇناسىۋەتلىك نىزاملارنى چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتىكى قانۇنچىللىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، قانۇن قورالى ئارقىلىق ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە پائال ئاتلىنىپ، ھەرقايسى سەپلەردە، ھەرقايسى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئاكتىپ رول ئويناپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان، خەلقنى كۆزلەيدىغان، خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان شەرەپلىك بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

تۆتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچ قوشتۇق. بۇ نۆۋەتلىك دائىمىي كومىتېت ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى باشتىن - ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىگە زىچ باغلاپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»، «ئۈچ سالماقنى ئاشۇرۇش» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ»، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ»، نىزام چىقىرىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ تۆھپە قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ، مۇھىم ئىشلىرىدا، پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ زادىلا قاتاردىن قالمايدىغانلىقىنى، زادىلا كەم قالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلدۇق. بىرىنچىدىن، نىزام چىقىرىش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدۇق. نامراتلارنى يۆلەشنى نىزام چىقىرىشتىكى مۇھىم ساھە ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تۈر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نىزام ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، نىزام ئارقىلىق نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى نامراتلانى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى قاتارلىق نىزاملارنى چىقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىق ئۇلىنى چىڭىتتۇق. ئىككىنچىدىن، نازارەتچىلىك ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئۇدا ئۈچ يىل خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش نىزامى قاتارلىقلارنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى قاتارلىق مەخسۇس دوكلاتلارنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، نۇقتا بەلگىلەپ ئۇدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا بولۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئۈچىنچىدىن، ۋەكىللەر ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ توپلىدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتۇق، ۋەكىللەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئائىت تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى نۇقتىلىق بېجىردۇق، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەرىكەتتە» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى ۋەكىللەر خىسلىتىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ۋەكىللەر كۈچىنى نامايان قىلدۇق. تۆتىنچىدىن، پۇختا ھالدا جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدۇق، نازارەتچىلىك قىلدۇق، يار - يۆلەك بولدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ھۆددە ئېلىپ، ئالاقىلىشىپ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يامىنىغا تېگىش قىلىشتىن قورقماي «ھەيدەكچىلىك قىلىپ»، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «جەڭ قىلىپ»، «ھەيدەكچىلىك قىلىش»نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈملۈك بولۇشىغا، «جەڭ نەتىجىسى»نىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا، «يار - يۆلەك بولۇش»نىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. نۇقتىدا يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە ئېغىر نامرات كەنت 1 - شۇجىلىرىنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاخىرلاشتۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندۇق.

2. باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق

دائىمىي كومىتېت شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا دوكلات قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە زىچ باغلاپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشنى تەڭ تۇتۇپ، سۈپەت بىلەن ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر - دىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قانۇنچىللىق تىرىكى بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق.

بىرىنچى، مۇھىم ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشتا يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنى چىقىرىپ، ئەسەبىزم ئائىلە تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئوبيېكتىغا كىرگۈزۈپ، كۆپ ئاپپارات ھەمكارلىشىپ ئارىلىشىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، باراۋەر، ئىناق ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە ساغلام، مەدەنىي ئائىلە ئىستىلى مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا يېتەكلىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت نىزامىنى چىقىرىپ، شىنجاڭچە «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى يارىتىپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، ياخشى بولغان ئەرزىيەت تەرتىپىنى ئورنىتىش، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ كىلىمات بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن ئېچىپ پايدىلىنىش نىزامىنى چىقىرىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كىلىمات بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، قوغداش، ئېچىش ۋە پايدىلىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ گېئو مۇھىتنى ئاسراش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، گېئو مۇھىتنى ئاسراش، تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يېزا - بازارلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى قېلىپلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق بېجىغا دائىر كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى، باج ئېلىش ئۇسۇلى ۋە باجنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش چارىسى توغرىسىدىكى قارارنى چىقىرىپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى تەپتىشلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئىتىنى قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردۇق. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، 12 يەرلىك نىزامنى يىغىپ بىر يولىلا تۈزەتتۇق.

ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامىنى چىقىرىش 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىغىندا قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان نىزام لايىھەسىگە ھەرقايسى تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىپ، قايتا - قايتا تۈزىتىش كىرگۈزدۇق، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدۇق. ئىشىنىمىزكى، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئەستايىدىل قاراپ چىقىشى ئارقىلىق، بۇ مۇھىم نىزام چىقىرىش ۋەزىپىسى چوقۇم ئوڭۇشلۇق تاماملىنىدۇ.

ئىككىنچى، نىزام چىقىرىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزدە يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلدۇق. پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق، مۇھىم نىزام لايىھەسىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەخسۇس كومىتېتى، دائىمىي كومىتېت خىزمەت ئاپپاراتى باش بولۇپ تەييارلاپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نىزام چىقىرىش خىزمىتى مەخسۇس گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، چىقارغان نىزاملارنىڭ پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى نامايان قىلىشى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا ئۇيغۇن كېلىشى، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، نىزام چىقىرىشتا خەلقتىن ئەقىل سوراشنى نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، نىزام چىقىرىش توغرىسىدىكى ئورتاق تونۇشنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملىدۇق. ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئورنىتىپ، خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نىزام چىقىرىشقا بولغان پىكرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى توپلاپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىش، ئەلرايىنى تېخىمۇ ياخشى كۆزىتىش، ئەلنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولدۇق. نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسلەر تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت قائىدىسى ۋە ئالاقىلىشىش چارىسىنى تۈزۈپ، مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئەقلىي مەدەتكە ئىگە قىلدۇق. نىزام چىقىرىشتىن ئىلگىرىكى، نىزام چىقىرىش جەريانىدىكى، نىزام چىقىرىلغاندىن كېيىنكى باھالاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسلىرىنى نىزام چىقىرىلغاندىن كېيىنكى باھالاشقا تۇنجى قېتىم تەشكىللىدۇق. يەرلىك نىزام چىقىرىشتا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى سىناق قىلىپ، رايونلار ئارا ھەمكارلىشىپ نىزام چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتتۇق. نىزام چىقىرىش خىزمىتى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۆپ تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇق.

ئۈچىنچى، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يېڭى قەدەم تاشلىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «ھۆكۈمەت، كومىتېت، ئىككى مەھكىمە» ۋە بىڭتۇەننىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش بويىچە جىپسىلاشتۇرۇش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئەنگە ئېلىشنى ئاساس، تەكشۈرۈشنى يادرو قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ھۆججەتلا بولىدىكەن جەزمەن ئەنگە ئېلىش، ئەنگە ئېلىنغانلىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق بولسا جەزمەن تۈزىتىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ بەلگىلىمىسى ۋە روھىغا زىت كېلىدىغان، ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ماس كەلمەيدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، دۆلەت قانۇنچىللىقىنىڭ بىرلىكىنى قوغدىدۇق. پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى قاتارلىق ساھەلەردىكى يەرلىك نىزام، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى يىغىپ ئېنىقلىدۇق ھەمدە چىقىرىش، تۈزىتىش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاشتىكى «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلار»نى ياخشى قىلىپ، قانۇن سىسىتېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق. ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلارغىچە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. دائىمىي كومىتېت قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن دوكلاتنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆتتۈق ۋە قاراپ چىقتۇق.

تۆتىنچى، نىزامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش ئومۇمىي سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. يىللىق تەستىقلاشقا يوللىنىدىغان نىزام خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇردۇق. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەستىقلاشقا يوللىنىدىغان مۇھىم نىزاملارغا ئالدىن ئارىلىشىپ، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى نىزام تەستىقلىنىشتىن ئىلگىرى ھەل قىلدۇق. تەستىقلاشقا يوللىنىدىغان نىزاملارنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، «نىزام چىقىرىشتا يوچۇق قالدۇرۇش» ئەھۋالىنى قەتئىي توسىدۇق.

3. باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق

دائىمىي كومىتېت پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر - دىن، ئىقتىساد - خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق نازارەتچىلىك مۇھىم نۇقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆپ خىل نازارەتچىلىك ئۇسۇلىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتى مېخانىزمى، تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە قاراتمىلىقىنى كۈنسېرى كۈچەيتىپ، ئوبيېكتىپلىقى ۋە نوپۇزىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق.

بىرىنچى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى تەشۋىق قىلىش، يولغا قويۇش كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. ئاساسىي قانۇننى تۈپ ھەرىكەت مىزانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇردۇق، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىدۇق، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلىدۇق. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنى سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقنىڭ سادىق قەدىرلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلىدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلغان دۆلەت خادىملىرىنى ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىشكە قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، دۆلەتنىڭ ئومۇم ۋەزىپىسىدىكى خادىملىرىنى ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولۇشقا، ئاساسىي قانۇننى قوغداشقا، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا رىغبەتلەندۈردۇق.

ئىككىنچى، مۇقىملىق خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتنى تۈگىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق ھەمدە مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش ۋە ئاپەت، ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىدۇق، كۈچەيتتۇق ھەمدە مۇناسىۋەتلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە ئاساس سالدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، قانۇن قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشى ۋە تارقىلىشى، سىڭىپ كىرىشىنى توستۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ، چېگرا رايوننى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەشكە تۈرتكە بولۇپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغدىدۇق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چياۋمىنلار خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قىممىتى بار پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىپ، خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدۇق.

ئۈچىنچى، ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پىلان ۋە خامچوت ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىشلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق نەق چوتىنى ۋە 2020 - يىللىق خامچوت تەڭشەش لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىگىچە كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خامچوتنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خامچوت تۈزۈش ۋە خامچوت ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق مالىيە يۆتكىمە چىقىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ «ھەميانى»غا ياخشى قاراپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا ئىشلىتىلىشىگە، تېخىمۇ زور ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات ۋە كارخانا دۆلەت مۈلكى(پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، خەلقنىڭ ئورتاق بايلىقىنى يەنىمۇ ياخشى باشقۇردۇق.

تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جايلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئەمىن ئۆي قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى ئۇدا ئۈچ يىل تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەممە ئادەمنى تىرىشىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ خىزمىتىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق ھەمدە مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدۇق، بۇ دائىمىي كومىتېتنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىدە تۇنجى قېتىم ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى، تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى يىل ئوخشاش بىر مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىشى، تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ يىغىنغا كېلىپ سوئالغا جاۋاب بېرىشى بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشى، بىخەتەر، سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنالايدىغان، ياخشى داۋالىنالايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

بەشىنچى، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ بۇلغىنىشنى تۈزەش، قانۇنچىللىقنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا چىڭ تۇرۇپ، «قانۇن بويىچە تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشۇش» باش تېمىسىدىكى تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق، تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلدۇق.

ئالتىنچى، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولدى. «قانۇن يۈرگۈزۈلگەن ھەربىر دېلودا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش»نى چۆرىدەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشنى قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق ۋە قاراپ چىقتۇق ھەمدە مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدۇق، بۇ دائىمىي كومىتېتنىڭ تۇنجى قېتىم قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىشى بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ماجىرالارنى ھەل قىلىشى ۋە دەۋا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ خەلققە قولايلىق بولۇشى، خەلققە پايدىلىق بولۇشى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار تەپتىشلىكى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈپ ۋە قاراپ چىقىپ، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش جىنايى ئىشلار سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە دەل جايىدا زەربە بەردۇق. ئادۋوكاتلار قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ، ئادۋوكاتلىق قانۇن مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق.

يەتتىنچى، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۈچلۈك، يۇقىرى بولدى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى نازارەتچىلىكىنىڭ دەل جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈزۈمنى كۈچەيتتۇق، قانۇننىڭ كۈچىنى ئاشۇردۇق، قائىدىنى قاتتىق چىڭىتتۇق. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە قانۇننى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن - نىزاملارغا زىچ باغلاپ مەسىلە تېپىپ چىقتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋالىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ «قانۇن كۆزىتىشى» بولۇشتەك ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. مەخسۇس دوكلاتنى قاراپ چىقىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نەتىجىنى باھالاپ ئارتۇقچىلىقنى كۆرسىتىپ يۈرمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، قوللاشنى نازارەتچىلىككە سىڭدۈرۈپ، ھەم دەل جايىغا تەگكۈزۈپ مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تاقابىل تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردۇق. مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىغاندا تېمىنى دەل جايىدا تاللاپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، بىر يىلدا ئىككى قېتىم سوراشنى ئۈچ قېتىم سوراشقا، سورايدىغان مەسىلىنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈشنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرمەسلىككە ئۆزگەرتىپ، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر مەسىلىنى تۈزىتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. مەخسۇس دوكلاتتىن ۋە مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش خىزمىتىنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ قىلغان گېپىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى، سورالغان سوئالنىڭ ئۈنۈمى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. نازارەتچىلىك خىزمىتىدە بايقالغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا تۇنجى قېتىم يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىغا سىجىل نازارەت قىلىش، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشنى ھاۋالە قىلىپ، مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق.

4. باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق

دائىمىي كومىتېت خەلق قۇرۇلتىيى دېگەن سۆزنىڭ بېشىدىكى «خەلق» دېگەن سۆزنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەكىللەرنى ھۆرمەتلەش، ۋەكىللەرگە تايىنىش، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئۇل ۋە ئاساس قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قويۇپ، ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق.

بىرىنچى، ۋەكىللەر خىزمىتى تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق. ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەتنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. مەخسۇس كومىتېتلار ۋە خىزمەت كومىتېتلىرى ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش چارىسىنى تۈزۈپ، ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت ۋە مەخسۇس كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملىدۇق. ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى» قۇرۇلۇشىغا دائىر يېتەكچى پىكىرنى تۈزۈپ، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى، فۇنكسىيەسى، پائالىيەت مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت»نى ئۆلچەملىك قۇرۇش ۋە ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتۇق. ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەسىنى بېجىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە تەقدىرلەش چارىسىنى تۈزۈپ، بېجىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ «ياخشى ساداسى»نىڭ ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئۈنۈم بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش نەتىجىسىنى ياخشى خاتىرىلەپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بەردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەت خىراجىتىنى ئىشلىتىش چارىسىنى تۈزۈپ، مەخسۇس پۇلنى جايىغا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، خىراجەتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردۇق.

ئىككىنچى، ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق. دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىگە دائىر تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ نىزام چىقىرىشقا قاتنىشىشىغا «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول» ياساپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى «نازارەت قىلىش تورى»نى زىچ توقۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇردۇق. ۋەكىللەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قېتىمدا بىر باش تېمىنى بېكىتىپ، سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدۇق، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇردۇق. تۇنجى قېتىم دائىمىي كومىتېت «بۇلۇت تېرمىنالى»دا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىغا يېقىنلىشىشى، خەلق قۇرۇلتىيىنى نازارەت قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتۇق. «ھۆكۈمەت، كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئەھۋالدىن، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق. ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، خەلقنىڭ ياخشى «ۋاكالەتچى»سى بولۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردۇق.

ئۈچىنچى، ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىشى، تەربىيەلىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردۇق. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ۋەكىللەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنى تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەرنى پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا زىچ باغلاپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە، چوڭ ۋەزىيەت ۋە ئومۇمىيەت نۇقتىسىدىن مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، تەۋسىيە بېرىشكە ماھىر بولۇشقا پائال يېتەكلىدۇق. ۋەكىللەرنى يىراق مۇساپىلىك توردا تەربىيەلەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ۋەكىللەر «بۇلۇت تېرمىنالى» چوڭ دەرسخانىسى ئۇيۇشتۇردۇق، قاتناشقان ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 80 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى «بۇلۇت دەرسخانىسى» يۇقۇم پەيدا قىلغان خىرىسنى يېڭىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، تور ۋە تور سىرتىدا ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە ماس قەدەمدە تۈرتكە بولۇش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئىدىيەدە باشتىن - ئاخىر سەگەك بولۇشىغا، ئەقىل - پاراسىتىنى ھەر ۋاقىت جارى قىلدۇرۇشىغا، ئالاقىنى مەڭگۈ ئۈزۈپ قويماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تۆتىنچى، ۋەكىللەر «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى» قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. ۋەكىللەر ئائىلىسى، ۋەكىللەر ئىشخانىسى، ۋەكىللەر ئالاقە پونكىتى قۇرۇلۇشىنى ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت»نىڭ شەھەر، يېزىلارنى قاپلىشى، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل بولۇشى، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان بولۇشى، ئاممىغا يېقىن بولۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت»تىن 5923نى قۇرۇپ، پونكىت - نۇقتا قۇرۇلۇشى ۋە ۋەكىللەرنىڭ پونكىتقا كىرىپ پائالىيەت قىلىشىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت» ۋەكىللەر ئۈچۈن يېڭى خەلق رايى يولى ئېچىپ، ئۇلارغا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، كۈنسېرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىدىكى مۇھىم تايانچقا ئايلانماقتا.

بەشىنچى، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ - تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇردۇق. ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، قاراپ چىقىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. ۋەكىللەر بەرگەن تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بېجىرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەقدىرلەپ، بېجىرىش خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، مۇشۇ نۆۋەتتىن بۇيانقى ۋەكىللەر تەۋسىيەلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى قايتا قاراپ چىقىپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ پۇختا ئىشلەپ، ۋەكىللەر ساداسىنىڭ جاۋابى بولۇشى، خەلق تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. بېجىرگۈچى ئورۇنلار ۋەكىللەر بەرگەن تەۋسىيەلەرنى بېجىرىش خىزمىتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر پىكىرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى تاپشۇرغان 11 پارچە ۋەكىللەر تەكلىپى ۋە 415 پارچە ۋەكىللەر تەۋسىيەسى، يىغىن يېپىق مەزگىلدە ۋەكىللەر بەرگەن 6 پارچە تەۋسىيەنىڭ ھەممىسىدە ۋەكىللەرگە جاۋاب قايتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئەمەلىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا تۈرتكە بولدۇق، بېجىرىپ پۈتتۈرۈش نىسبىتى ۋە رازى بولۇش نىسبىتى يەنىمۇ ئاشتى.

ئالتىنچى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقىلىشىدىغان ئاساسىي ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ئاممىنىڭ تومۇرىنى توغرا تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، ئاممىغا يېقىشلىق، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈمى بار تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «خەلق مېنى ۋەكىل قىلىپ سايلىغان ئىكەن، مەن ۋەكىل بولۇپ خەلقنى كۆزلەيمەن» دېگەن ۋەدىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قاتارلىق خىزمەتلەردە گۈزەل سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشتى.

5. باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق

دائىمىي كومىتېت دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۈنۈم ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئورگان بولۇشىغا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۈستىگە ئالغان خىزمەت ئورگىنى بولۇشىغا، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقىنى ساقلايدىغان ۋەكىل ئورگان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

بىرىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنە ئورگاننى تىرىشىپ بەرپا قىلدۇق. دائىمىي كومىتېت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتتۇق. پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئارقىلىق ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى چىڭىتىپ، يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق.

ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سەۋىيەمىزنى سىجىل ئۆستۈردۇق. دائىمىي كومىتېت مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت ھوقۇقىنى كوللېكتىپ يۈرگۈزۈش، مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ قارار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قاراپ چىقىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش دوكلاتى بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ توغرا، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. مەخسۇس كومىتېتلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېخىمۇ توغرا بېكىتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كۆپلىگەن مول ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي ماھارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ھەقىقىي تەجرىبىلەرنى ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى كەڭ دائىرىدە توپلاش ئاساسىدا ئىشلىدۇق. دائىمىي كومىتېت مەخسۇس تېما لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، قابىلىيەتنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ قاتتىق ئومۇرتقىسى، تۆمۈر يەلكىسى، ھەقىقىي قابىلىيىتىنى تىرىشىپ چېنىقتۇرۇپ چىقتۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى نەزەرىيە تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم قىممىتى بار نەزەرىيە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكرى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭى، نامراتلىقنى تۈگىتىش جېڭى»دە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىقى، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، دۆلەت تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش، خامچوتنى تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت، سىن يىغىنى، قەغەزسىز ئوقۇش قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇرنى راۋانلاشتۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، خىزمەتتە تەڭ ھەرىكەتلىنىشنى ئىلگىرى سۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى سىستېمىسى ئەرزىيەت خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى بېسىپ تارقىتىپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەجرىبىسى ئالماشتۇرۇپ، خىزمەتلەردە زىچ ماسلىشىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىدۇق.

ئۈچىنچى، خىزمەت ئىستىلىمىزنى سىجىل ئۆزگەرتتۇق. بىرىنچى سەپتە تەپەككۇر قىلىش، بىرىنچى سەپتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، بىرىنچى سەپتە نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خىزمەتلەرنى بىر - بىرلەپ چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىپىلەرنى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى بىر - بىرلەپ ياخشى ئورۇنداپ، ھەربىر خىزمەت، ھەربىر ۋەزىپە، ھەربىر ئىشنىڭ نەتىجىسى، ئۈنۈمى بولۇشىغا تىرىشتۇق. خەلق ئاممىسىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىمىزنىڭ تۆرىگە قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدۇق، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى تۈگەتتۇق، خەلق قەلبىنى ئىللىتتۇق. «قىلچە ئالاھىدە بولۇۋالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق ئەڭ چوڭ دۈشمەن» دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى سىجىل تۈزىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئىستىلىدا يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدۇق.

ئۆتكەن بىر يىلدا، بىز ئۇچرىغان قىيىنچىلىق پەرىزىمىزدىكىدىنمۇ زور بولدى، دۇچ كەلگەن خىرىس مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ كۆپ بولدى، ئەمما قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە كۆزلىگىنىمىزدىنمۇ ياخشى بولدى، ئالاھىدە يىلدا قالتىس جاۋاب قەغىزى تاپشۇردۇق. بۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، رېۋىزىيە كومىتېتى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قوللىغانلىقى، ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

بىر يىلدىن بۇيان، بىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردۇق، نۇرغۇن نەتىجىگىمۇ ئېرىشتۇق. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتۇقكى: ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت؛ جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش شەرت؛ جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش شەرت؛ جەزمەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت؛ جەزمەن راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت.

ماڭغان يولىمىزغا قايتا قاراپ، ئىلگىرىلەش يولىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا، دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدە يەنە بەزى يېتەرسىزلىكلەر ساقلىنىۋاتىدۇ: نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچى رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇش دېگەندەك يېتەرلىك بولمىدى، نىزام چىقىرىش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، نازارەتچىلىكنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، ئىستىلى بىلەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا پەرق بار، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. دائىمىي كومىتېت مەسىلە ھەل بولمىغۇچە غەيرەتنى بوشاشتۇرماسلىق، ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلمىغۇچە قولنى قويۇۋەتمەسلىك، خەلق ئېتىراپ قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.

2021 - يىلىدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم تاشلايدىغان يىل. يېڭى باسقۇچتا يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى كېرەك، يېڭى باسقۇچ يېڭى نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت تەسەۋۋۇرى مۇنداق: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ، 3 - ، 4 - ، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرگە زىچ باغلاپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنىڭ بالدىقىنى ئۆرلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش.

1. پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمىز. پارتىيە رەھبەرلىكىنى باشتىن - ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يادرولۇق ئورنىغا قويۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىلەرگە سىياسىي جەھەتتىن قاراشقا، سىياسىي چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىمىزنى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەرىكەت ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاخىرغىچە، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز چۈشىنىپ، ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشىمىز.

2. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باش نىشاننى باشتىن - ئاخىر خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي تەدبىر كۆرسىتىپ، داۋاملىق تۈردە نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇنچىللىق تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز، نازارەتچىلىك خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىمىز، كاپالەتلىك قىلىمىز، ۋەكىللەر خىزمىتى ئارقىلىق باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

3. چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشقا زىچ باغلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، نەتىجە يارىتىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت يېڭى يولى، يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چوڭ ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى باشتىن - ئاخىر قەلبىمىزگە پۈكۈپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، قولىمىزدا چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى تولۇق يەتكۈزىمىز. ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، 8 تۈرلۈك كۆزىتىش - سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى جەھەتتە سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئاممىۋى ساغلاملىق جەھەتتىكى قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىكنى چىڭ تۇتۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەر ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشقا تۆھپە قوشىمىز. بىخەتەرلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇشنى چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تۈردە ياخشى تاماملايمىز.

4. نىزام چىقىرىش خىزمەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت تايانچ بولىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر قاتنىشىدىغان نىزام چىقىرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمەت مېخانىزمى ۋە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇشتىكى كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن نىزام چىقىرىش ۋەزىپىسىنى ياخشى تاماملاپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈنۈم بېرىپ كەلگەن، كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا نىزام - بەلگىلىمە ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر - دىن، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئاممىۋى ساغلاملىق قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش خىزمەتلىرىدە ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. نىزامنى ئىنچىكە، دەل جايىدا چىقىرىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «چوڭ»لىرىمۇ بولۇش، «كىچىك، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان، ئەپچىل»لىرىمۇ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «كىچىك ئېغىز» ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، چىقىرىلغان نىزامنىڭ قاراتمىلىقى، تەتبىقلىنىشچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىمىز، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمىز. نىزام چىقىرىش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش، باھالاش خىزمەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى ۋە نىزام چىقىرىش مەسلىھەتچى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش نىزامىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەنگە ئېلىش - تەكشۈرۈش ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نىزام ۋە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى يىغىپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەيمىز. رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ۋە رايونلار ھەمكارلىشىپ نىزام چىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىمىز، نىزامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى چىڭىتىمىز. نىزام چىقىرىش قوشۇنىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، كەسپىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. بۇ يىل دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنى باشقۇرۇش نىزامى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش پائالىيىتى نىزامى، كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى، ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى، ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى نىزامى، ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش نىزامى، تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش نىزامىنى چىقىرىمىز، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى، ئۆلچەش - سىزىش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىمىز، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پۇقرالار ئارىسىدا 8 - بەش يىللىق قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا قارار قاتارلىقلارنى چىقىرىمىز.

5. نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. پارتىيەنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا زىچ باغلاپ، پۇقرالار غەم قىلىۋاتقان جىددىي، قىيىن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، دىققەتنى ئاساسىي قانۇن، قانۇن - نىزاملارنىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ۋە «ھۆكۈمەت، كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا نازارەت قىلىمىز، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىمىز. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر - دىن، ئىقتىساد - خەلق تۇرمۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىمىز. نازارەتچىلىك خىزمىتى مېخانىزمىنى، تەشكىللەش شەكلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جانلىق قوللىنىش، قىيىنىغا تېگىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىك ئۈنۈمىنى تۈزەش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرىمىز. بۇ يىل توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى، ئۇرۇقچىلىق قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسى، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش چارىسى قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىمىز، تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز؛ چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، دىن خىزمىتى، ئاممىۋى ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتىمىز ۋە قاراپ چىقىمىز؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى، ئاممىۋى ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، خوجىلىق باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىدا سوئال سورايمىز.

6. ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. خەلقنىڭ مەيدانىنى باشتىن - ئاخىر تۈپ مەيدان، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى تۈپ بۇرچ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ باغلاپ، خەلق ئۈچۈن ھوقۇقىمىزنى يۈرگۈزىمىز، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز. ۋەكىللەرنىڭ سىياسىي، ئىدىيە، ئىستىل، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش، خەلققە يېقىندىن تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتى تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت»نىڭ خەلق رايى كۆزنىكى، قەلب كۆۋرۈكى، تەشۋىقات پونكىتى، نازارەتچىلىك ئورنى، چوڭ دەرسخانىلىق فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت، مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنى ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋەكىللەر خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. ۋەكىللەر تەكلىپ - تەۋسىيە بېرىش، ئۇنى بېجىرىش، قايتما ئىنكاس قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، ۋەكىللەر تەۋسىيەسىگە جاۋاب بېرىش، ۋەدە بېرىش، ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، تەكلىپ - تەۋسىيە مەزمۇنىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشى، بېجىرىلىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ۋەكىللەرنىڭ ئاۋانگارت، ئۈلگە بولۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ، خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىمىز.

7. ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ۋەزىپە ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىدىغان جان تىكىپ ئىلگىرىلەش روھى، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان چىدامچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لاچىن بايەكەنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، خەلققە بەخت يارىتىش مەسئۇلىيەتچانلىقى، كۈتۈپ تۇرالمايدىغان، سۆرەلمىلىك قىلمايدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، جاسارەتلىك ئىشلەيدىغان غەيرەت بىلەن، قانچە مۈشكۈل، خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش روھى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتتە چىڭ تۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە نامايان قىلىمىز. ئىگەرنى ئاتتىن ئايرىمايدىغان، چۇلۋۇرنى قويۇپ بەرمەيدىغان ئىرادە بىلەن، قايتا - قايتا تۇتۇش، قايتىلىنىشنى تۇتۇش چىدامچانلىقى بىلەن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى سەپىرى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق كېلەچەك بىزنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىمەكتە. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلىپى بويىچە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى!

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەرجىمە گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.