تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 7-نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 2021-يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش-يۆلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە، قۇياش نۇرى مېيىپلەرگە ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئېلېكترونلۇق سودا ئارقىلىق مېيىپلەرگە ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق مېيىپلەرگە ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش، مېيىپ ئاياللار قولدا توقۇش، ئەمالارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، نامرات مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئىشقا ئورۇنلاشقان مېيىپلەرنىڭ سانى 160 مىڭدىن ئاشقان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2 مىليون 877 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ مېيىپلەرنى ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆستۈرۈش، باقمىچىلىق، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى رېمونت قىلىش، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 8202 مېيىپ تەربىيەلەندى. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 22 مىڭ 705 نامرات مېيىپنىڭ ھەممىسى نامراتلارنى يۆلەش سېخى، ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 120 مىڭ مېيىپنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.