تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توردا جۇڭگو بايرىمى . چاغان丨بورتالا شەھىرى 2021-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك « غەربىي رايون پانۇس شەھەرچىسى» چاغاننى كۈتۈۋېلىش پانۇس كېچىلىكى ئۆتكۈزدى

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى بورتالا شەھىرىنىڭ كەيپىڭ كۆلى باغچىسىدا، شەھەر ئاھالىلىرى چىراغدىن ھۇزۇرلانماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈسۈپ غېنى فوتوسى، خەۋىرى):چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بورتالا شەھىرى 2021-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «غەربىي رايون پانۇس شەھەرچىسى» چاغاننى كۈتۈۋېلىش پانۇس كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى چاغاننى كۈتۈۋېلىش پانۇس كېچىلىكىدە كەيپىڭ كۆلى باغچىسىغا جايلاشقان «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شانلىق 100 يىل» چوڭ تىپتىكى پانۇس توپى باش تېما كۆرگەزمىسى، بورتالا شەھىرى سودا پىيادىلەر كوچىسى(نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى)دىكى «دۆلەتنى بېيىتىش، خەلقنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش» باش تېما قىلىنغان ۋاڭخۇڭ داكا رايونى، بىڭخې باغچىسىدىكى «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى» باش تېما قىلىنغان تارقاق نۇقتا رايونى ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شەھەردىكى ئاساسلىق كوچىلارغا تارقالغان «بورتالا ھېكايىلىرى توپلىمى» قاتارلىقلار بار. چاغاننى كۈتۈۋېلىش پانۇس كېچىلىكى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى رەسمىي باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى