تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توردا جۇڭگو بايرىمى . چاغان丨چاغاندا ئۆيگە قايتالمىغاندا، كەيپىياتنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

  يېقىنقى مەزگىلدە، نۇرغۇن جايلار سىرتتىن كەلگەنلەرنى ئۆز يېرىدە چاغان ئۆتكۈزۈشكە، ئامال بار يۇرتىغا قايتماسلىققا ئىلھاملاندۇردى. ئۆزگىرىشچان يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، چاغاندا ئۆيگە قايتالماسلىق ئادەمدە بىر قىسىم كەيپىياتلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، مەسىلەن تەشۋىشلىنىش، چۈشكۈنلىشىش، يالغۇزلۇق، غەزەپلىنىش قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، ئۆيگە قايتالمايدىغان چاغانغا قانداق يۈزلىنىشىمىز كېرەك؟

  ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى سېزىپ، تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىڭ:

  1.چۈشكۈنلۈك تۇيغۇسى

  چاغان جەم بولىدىغان ئەنئەنىۋى بايرام، ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىغاندا چۈشكۈنلىشىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىل چۈشكۈنلۈك بىزگە ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان ۋاقىتنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئەسكەرتىدۇ، چاغاندىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان پۇرسەت بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تور ئالاقىسى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، سىندا پاراڭلىشىش ياكى يىغىن دېتالى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «مىڭ چاقىرىملىق ئورتاق ئارزۇ»نى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يەنە ئائىلىسىدىكىلەرگە بىر پارچە سالام خەت يېزىپ، شۇ چاغدىكى جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلغان كەيپىياتنى خاتىرىلەپ، كېلەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا ئائىلىسىدىكىلەرگە ئالغاچ بېرىپ، ئەپسۇسلىنىشنى يەنە بىر خىل گۈزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.

  2. تەنھالىق تۇيغۇسى

  ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزەلمىگەندە، بىر ئادەم ياقا يۇرتتا ئاسانلا يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، تەۋەلىك تۇيغۇسى بولۇشى تەس. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئالاھىدە مەزگىلدە، بىزنىڭ يۇرتقا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزمەسلىكنى تاللىشىمىز يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ خىل ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە ئېھتىيات قىلىش ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە يۇرتىغا بولغان مۇھەببەتنى چىقىش قىلغان، بۇ ئۇلارنى قوغداش ئۈچۈندۇر. يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن، نۇرغۇن ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار ۋە دوستلارغا ئوخشاش ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزەلمەيدۇ، ئىككى-ئۈچ دوستىنى چاقىرىپ بىللە چاغان ئۆتكۈزۈشمۇ بىر ئالاھىدە كەچۈرمىشتۇر.

  3. غەزەپلىنىش ۋە تەشۋىشلىنىش

  يۇقۇمنىڭ تەكرارلىنىشى ۋە ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزەلمەسلىكتەك ئەمەلىيەت بىر قىسىم كىشىلەرنى غەزەپلەندۈرۈشى ۋە تەشۋىشكە سېلىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا بىز ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى سەزگەن ۋاقىتتا، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشنى تاللىساق بولىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەرىكەت تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە-مېڭە ئاستى بېزى-بۆرەك ئۈستى بېزى (HPA) ئوقىنى تەڭشەش، تەشۋىشلىنىش ياكى بېسىمغا مۇناسىۋەتلىك مېڭە رايونىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چوڭ مېڭىنىڭ ئاكتىپ ماددا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش(مەسىلەن: دوپامىن قاتارلىقلار)، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى، يەككە تەننىڭ تەشۋىشلىنىشكە بولغان سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇقنى ياخشىلايدۇ. ھەرىكەت كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا، ئۆزىنى توختىماستىن ئويلىنىش ۋە ئەندىشە ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىگە ئېنېرگىيە تولۇقلىيالايدۇ.

  ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىنىش ۋە غەزەپلىنىش كەيپىياتىنى سەزگەن ۋاقىتتا، يەنە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئۇسۇلى —— يەنى قورساقتىن نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، ئۆرە تۇرۇش، تۈز ئولتۇرۇش ياكى تۈز يېتىش ھالىتىنى ساقلاش كېرەك، ئاستا-ئاستا چوڭقۇر قورساقچە نەپەسلىنىش، ئۆزىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق نەپەس ئېلىشىنى سېزىش، دىققىتىنى يۆتكەش، ئۆزىگە كۆڭۈل قويۇش، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، كۆپرەك مۇقىم نەپەس ئېلىش كەيپىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولۇپ، دىققەت قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

  4.ئۇيقۇسىزلىق

  چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، تۇيۇقسىز ئارام ئالسا، ئاسانلا ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىش تەرتىپسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى كەيپىياتلارمۇ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چاغانلىق دەم ئېلىش «قىسقا دەم ئېلىش» بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت جىددىي ئىشلەش روھى ئاسانلا بوشىشىپ كېتىدۇ، خالىغانچە ئىش قىلىدۇ، دەم ئېلىش قانۇنىيەتلىك بولمايدۇ. بىراق دەم ئېلىشنىڭ تۇيۇقسىز قالايمىقانلىشىشى ئۇيقۇغا پايدىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەيران قىلىش ئاسان، بەرپا قىلىش ناھايىتى تەس، دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندا دەم ئېلىش ئوربىتىغا قايتالمايدۇ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ئەڭ ياخشى ئارام ئېلىش ھېسابلىنىدۇ.

  كارىۋاتتىكى «ئۇخلىمايدىغان ۋاقىت»تىن ساقلىنىش كېرەك. ئارام ئالغاندا سەھەر تۇرۇپ خىزمەت قىلىش، ئۆگىنىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ناھايىتى ئاسانلا كارىۋاتتا ئۇزاق يېتىپ، ئۇيقۇنىڭ قانۇنىيەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «ئۇخلىمايدىغان ۋاقىت»نى كارىۋاتتا ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق، ئاڭلىق ھالدا كارىۋات بىلەن ئۇيقۇ ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئورنىتىپ، «ئۇيقۇ» بىلەن «ئارام»نىڭ ئېنىق چەك-چېگرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك قانۇنىيەتلىك ئۇخلاپ، بەدەن ساپاسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ھاياجانلاندۇرىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، مەسىلەن: چاي، قەھۋە، ئەتكەن چاي قاتارلىقلار، نۇرغۇن چاي ئىچىملىكلىرىنىڭ تەركىبىدە كوففېئىن بار بولۇپ، نېرۋىنى ئاسانلا غىدىقلاپ، ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇخلاشتىن ئالتە سائەت بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، «يېمەكلىك مەنبەلىك» ئۇيقۇسىزلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، چاغاندا ھاراق كۆپ ئىچىلىپ قالىدۇ، ھاراق ئىچىپ ئۇيقۇ كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ھاراق ھەتتا ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچكەندە ئاسانلا ئىسپىرتقا تايىنىۋېلىش شەكىللىنىپ، كۆپ خىل ئىچكى ئەزالارغا زىيان يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى