تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

− 2021- يىل 2- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنىغا بىرىلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرمەكتە. (ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بىرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىر بىرىشىنى سورايمەن.

1. 13 - بەش يىل مەزگىلىدە ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە نەزەر

13 - بەش يىل مەزگىلى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، نامايەندىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەش يىل بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تىرىشىپ نەتىجە يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۇھىم، زور تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال كۈچى يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 100 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى. يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسى ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، دۇنيانىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش تارىخىدا جۇڭگو مۆجىزىسى يارىتىلدى. 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپە تولۇق ئورۇندالدى، دۆلىتىمىز ھاللىق جەمئىيەتنى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشتە ئالدىغا قاراپ يېڭى چوڭ بىر قەدەم تاشلىدى، سوتسىيالىستىك جۇڭگو تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. بولۇپمۇ، 2020 - يىلى تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىزنى باشلامچىلىق بىلەن يۇقۇمنى تىزگىنلەش، باشلامچىلىق بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇسبەت ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇردى. شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنيانى تاڭ قالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ تەڭداشسىز ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەر ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يۈكسەك ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2 -، 3 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، قىلىنمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلدۇق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خورام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردۇق. ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم تاشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدۇق، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلىدۇق، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۆزىمىز يېتىدۇ، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى دەۋرگە ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ!

ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغان، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن بەش يىل بولدى.

بىز مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ، بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ» «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»نى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، «ئۈچ بىرلەشمە ھەرىكەت»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆتكەن بىر مەزگىلدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ، پات - پات يۈز بىرىشتەك پاسسىپ ۋەزىيەتنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتتۇق، پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئاممىۋى خىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنى تۈزەشتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى ياراتتۇق. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تىنچ، خاتىرجەم، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى ئىشقا ئاشتى، شىنجاڭ دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئامانلىق باشقۇرۇشى ئەڭ ياخشى، جەمئىيەت مۇھىتى ئەڭ بىخەتەر، مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئەڭ خاتىرجەم» جايغا ئايلاندى. مۇقىم، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئەڭ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى!

ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇردۇق، بۇ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمىز تېز ئاشقان، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان بەش يىل بولدى.

بىز 1 - كەسىپتە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 - كەسىپتە زور تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، خەۋپ - خەتەر خىرىسىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىمىزنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈردۇق. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2015 - يىلىدىكى 930 مىليارد 688 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلى 1 تىرىليون 379 مىليارد 758 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1 ئاشتى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 2015 - يىلدىكى 133 مىليارد 85 مىليون يۈەندىن 2020 - يىلى 147 مىليارد 720 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %2.1 ئاشتى. 2020 - يىلى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 34 مىڭ 838 يۈەن بولۇپ، بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.8 ئېشىپ، 2010 - يىلىدىكىنىڭ 2.41 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 14 مىڭ 56 يۈەن بولدى، بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %8.3 ئېشىپ، 2010 - يىلىدىكىنىڭ 2.82 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - چېۋە، چارۋا ۋەكىللىكىدىكى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەلالاشقان، كەسىپلەشكەن، بازارلاشقان تەرەققىياتىنى ئالغا سىىلجىتتۇق. 2020 - يىلى ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 15 مىليون 834 مىڭ توننىغا يىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى؛ پاختا ئومۇمىي ھوسۇلى 5 مىليون 161 مىڭ توننىغا يىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %87.3 ىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىلىق ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، دۆلەتنىڭ پاختا ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك ھوسۇلىنى 11 مىليون 200 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك بازىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق؛ بەش چوڭ گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق، قوتاندىكى چارۋىنى 50 مىليون تۇياقتىن ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋالىدىغان ۋە شىنجاڭ سىرتىغا ساتىدىغان «ئىككى تور» نى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردۇق. سانائەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پولات - تۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولدۇرۇش»نىڭ نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىدۇق، جەمئىي كۆمۈر ساھەسىدە 23 مىليون 560 مىڭ توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى تۈگەتتۇق، پولات - تۆمۈر ساھەسىدە 10 مىليون 150 مىڭ توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى تۈگەتتۇق، 1 مىليون 591 مىڭ كىلوۋاتلىق قالاق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورىنى ئىشتىن توختىتىۋەتتۇق. دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەرقىي جۇڭغار، تۇرپان - قۇمۇلنى ئاساس قىلغان كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى تەرەققىياتىدا توپلانما رايوننى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردۇق. جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلغان توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، پۈتۈن ساھە بويىچە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار جەمئىي 686 مىڭ ئادەم (قېتىم) كۆپەيدى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ساھەلەر، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردۇق، سىلىتسىي، ئاليۇمىن ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى كەسىپلەرنىڭ يېڭى ئېشىش پەللىسىگە ئايلاندۇردۇق، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى تىرەكلىك رولىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتۇق. 2020 - يىلى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئېشىپ، سانائەت ئىقتىسادى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا كۈچلۈك چىدامچانلىقى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. «ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىردى، كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر 2017 - يىلى 100 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى، 2019 - يىلى 200 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى،2020 - يىلى يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىدىمۇ 158 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئېشىپ، ساياھەتچىلىك شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى. پۇل مۇئامىلىسى كەسپى پۇختا، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، 13 - بەش يىل مەزگىلىدە جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13.2 ئاشتى، خەلق پۇلى - چەت ئەل پۇلى قەرزى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10.9 ئاشتى. داۋاملىق تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتتۇق، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، تېببىي دورا - ساقلىقنى ساقلاش، مالىيە - پۇل مۇئامىلىسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىدا ئاكتىپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇردۇق. «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق، 13 - بەش يىل مەزگىلىدە شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 4150 قېتىم قاتنىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 2020 - يىلى 1105 قېتىمغا يەتتى، چۆچەك نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇشنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىدى. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇردۇق، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بىرىش مىقدارىنى سىجىل تۆۋەنلەتتۇق. ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا كۈن سانى نىسبىتى %72.7تىن %75.4كە ئۆرلىدى، مۇھىم دەريا - ئېقىنلارنىڭ ئەلا سۇ سۈپىتى نىسبىتى %98.8 كە يەتتى. بەش يىلدا جەمئىي قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈلگەن، قۇم تىزگىنلەنگەن كۆلەم 28 مىليون 375 مىڭ 600 مو بولدى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلغان يەر 4 مىليون 922 مىڭ مو بولدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2015 - يىلىدىكى %4.7تىن 2020 - يىلىدىكى %5.02 كە ئۆرلىدى، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، چېكىنىش ۋەزىيىتى تىزگىنلەندى، ئاقسۇ كۆكيار قۇرۇلۇشى مەملىكىتىمىزنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتىكى ئۈلگىگە ئايلاندى، سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل، گۈللەپ ياشناۋاتقان گۈزەل شىنجاڭ كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولماقتا!

ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇ، مۇتلەق نامراتلىقنى تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگەتكەن، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بەش يىل بولدى.

بىز نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى زورايتىش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە ھازىرقى ئۆلچەم ئاساسىدا يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقتى، 35 ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىدى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەرىكەتچان ھەل قىلدۇق، نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدۇق. 40 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدىكى 169 مىڭ 200 نامراتنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن تاماملىدۇق. ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىدە كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولدۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، سىگنال بىرىش ۋە ھەرىكەتچان ياردەم بىرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردۇق، مۇكەممەللەشتۈردۇق، يېزىلاردا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ۋە خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدۇق، بەش يىلدا جەمئىي 1 مىليون 520 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق ۋە مۇستەھكەملەپ ياخشىلىدۇق، نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر، خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى، نامرات ئاھالىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە تۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردۇق، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدۇق، شىنجاڭنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيانقى مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق!

ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال زورايتىشتا چىڭ تۇردۇق، بۇ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولغان بەش يىل بولدى.

بىز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى سىجىل زورايتتۇق، زور بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بەش يىلدا ئورۇنلانغان سېلىنما جەمئىي 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن بولۇپ، 12 - بەش يىل مەزگىلىدىكىنىڭ 1.29 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، «شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىش تېز بولۇش»تا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تورىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇردۇق، 2020 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا قاتناش باشلانغان تاشيول مۇساپىسى 209 مىڭ كىلومېتىرغا يىتىپ، بەش يىلدا 30 مىڭ كىلومېتىر كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 5500 كىلومېتىر، كۆپەيگىنى 1184 كىلومېتىر بولۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دەۋرىگە قەدەم قويدى. 13 - بەش يىل مەزگىلىدە تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىدىن 4ى كۆپىيىپ، پۇقراۋى ئايرودۇرۇم ئومۇمىي سانى 22 گە يىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى يادرو، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمىنى تىرەك قىلغان «ھاۋا يىپەك يولى» دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى. تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى 7398 كىلومېتىرغا يىتىپ، بەش يىلدا 1530 كىلومېتىر كۆپىيىپ، تۆمۈريول شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى مېترو دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە ئوق پويىز قاتنىدى، شىنجاڭ تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتى مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئاساسىي تورىغا كىردى. گولمۇد - كورلا تۆمۈريول لىنىيەسى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىدىغان ئۈچىنچى چوڭ تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلدى. سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، يۇرۇڭقاش، چوڭ جىلغا، مومۇق قاتارلىق 21 چوڭ، ئوتتۇرا ھال سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، ئاراتاش، قارابەل، بەختئاتا، سۇبېشى قاتارلىق 18 چوڭ، ئوتتۇرا ھال سۇ ئامبىرى پۈتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە سۇ ئامبىرى سىغىمى 23 مىليارد كۇب مېتىرغا يىتىپ، بەش يىلدا 3 مىليارد 563 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 11 مىليون 560 مىڭ مو بولدى، بولۇپمۇ يەكەن دەرياسى، چەرچەن دەرياسى قاتارلىق نۇقتىلىق دەريا - ئېقىنلارنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈشى بىلەن، يەكەن دەرياسىدا مىڭ يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن سۇ ئاپىتى خەۋپى تۈپتىن تۈگىتىلىپ، ۋادىدىكى 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق خەلققە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى، سىجىل تۈردە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بىرىلدى ۋە پۈتۈن ۋادىدىكى توغراقلىققا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاندى، تېتىما كۆلىنىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر كۆل يۈزى قايتىدىن زۇمرەتتەك دولقۇنلاپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى! ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتۇق، دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر ئۆتۈشمە يول» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىشى بويىچە، نېفىت، تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىش تېزلىتىلىپ، تارىم 30 مىليون توننىلىق نېفىتلىكى قۇرۇپ چىقىلدى، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ ماناس كۆلى، جىمىساردىن ئىبارەت 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك ئىككى چوڭ نېفىتلىكى چارلاپ بايقالدى؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار پۈتتى، 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بارلىق ۋىلايەت - ئوبلاستلاردا ئومۇملاشتى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلېكتىر كۈچى گېنېراتورلار سىغىمى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، 102 مىليون 530 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقدارى 300 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 2020 - يىلى 100 مىليارد كىلوۋات سائەتلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق بىر تۈركۈم رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنىڭ قىياپىتى كۈندىن - كۈنگە يېڭىلاندى، كۇچا، باشئەگىم، قوشئۆگۈز، قورغاس، كۆكدالا، قۇرۇمقاش، ئېقىنتال قاتارلىق شەھەرلەر يېڭىدىن قەد كۆتۈردى، شەھەر - بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتى 2015 - يىلدىكى %47.23تىن 2020 - يىلى %52.4كە ئۆرلىدى. 2020 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى، تۇرمۇش ئەخلىتىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98، %96.9، %97 كە يەتتى. قۇرۇلۇپ پۈتكەن رايونلارنىڭ كۆكەرتىش نىسبىتى %39.47 بولدى. بەش يىلدا جەمئىي 1 مىليون 169 مىڭ 800 يۈرۈش يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، شەھەر - بازارلاردا 1 مىليون 293 مىڭ 600 يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى پۈتتى، شەھەر - بازارلاردا 1 مىليون 122 مىڭ يۈرۈش كەپە ئۆي ئۆزگەرتىلدى، 10 مىليونغا يېقىن ئامما خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، يېزىلاردا پاكىز ھاجەتخانىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %84.95كە يەتكۈزدۇق، %87.15 مەمۇرىي كەنتتە تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش ئىشقا ئاشتى. بارلىق مەمۇرىي كەنتلەردە يولنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتناش، ئۈچ فازىلىق توك يەتكۈزۈش، ئوپتىك تالالىق كەڭ بەلباغلىق ئالاقە تورى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. شىنجاڭدا ھەر مىللەت خەلق كېسەك ئۆيدە ئولتۇرىدىغان، شورلۇق سۇ ئىچىدىغان، پاتقاق كېچىپ ماڭىدىغان تارىخ كەلمەسكە كەتتى!

ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇردۇق، بۇ، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن بەش يىل بولدى.

بىز تەرەققىياتنى «خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردۇق، مالىيە چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردۇق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتتۇق، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىدىكى بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق، بەش يىلدا، شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 2 مىليون 330 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 14 مىليون 330 مىڭ ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى 10 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان 50 مىڭ نامرات ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردۇق، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردۇق، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدىكى ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتۇق، 2020 - يىلى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدا يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98تىن ئاشتى، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.9تىن ئاشتى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكىلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98تىن ئاشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشتى، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش ئالدىنقى قاتار» قۇرۇلۇشى ۋە مىنىستىرلىق - ئاپتونوم رايون ھەمكارلىشىپ قۇرۇش خىزمىتى پۇختا قەدەمدە يولغا قويۇلدى، ئالىي مائارىپنى تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تېز ئالغا سىلجىدى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ قىياپىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، تېببىي دورا -ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردۇق، يېزا - بازار شىپاخانىلىرى ۋە كەنت سەھىيە ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇش نىسبىتى %100كە يەتتى، ئۇزاقتىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا باش قېتىنچىلىقى بولۇپ كەلگەن ئۆپكە تۇبېركۇليۇز قاتارلىق ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىندى، بىمارلار داۋالىتىلدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن يېزا نوپۇسىدىكىلەر ۋىلايەت، ئوبلاست تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا يېتىپ داۋالانغاندا «ئاۋۋال بالنىتسىدا يېتىش، ئاندىن ھەق تۆلەش»تىن ئىبارەت بىر ئورۇندا راسچوت قىلىش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك يېنىكلىدى. پىلانلىق تۇغۇت بويىچە باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھامىلىدار - تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بوۋاقلار - بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت، سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتۇق. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈردۇق، ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق، ئاپتونوم رايونىمىزدا 13 مىليون 110 مىڭ كىشى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلدى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.71 كە يەتتى، كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىغا تولۇق قاتناشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشتى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردۇق، ئۆزى ئىختىيار قىلغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى يىغىپ بېقىش نىسبىتى ۋە يېتىم بالىلارنى يىغىپ بېقىش نىسبىتى %100كە يەتتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (1 - قەرەللىك) قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، جەمئىي 605 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، چەت - يىراق، ئارقىدا قالغان يېزىلارنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلدۇق. بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇردۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم ياخشىلاندى. ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار قۇرۇلۇشلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، گۆدەكلەر يەسلىگە كىرەلەيدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيالايدىغان، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان، بىمارلار داۋالىنالايدىغان، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، ئۆيسىزلەر ئۆيگە، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئېشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇردۇق، بۇ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان، ئەمەلىيلەشتۈرگەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن بەش يىل بولدى.

بىز قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق، دىنىي زاتلار، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا قارىتىلغان تەربىيە، مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى پۇختا ياخشى ئىشلىدۇق، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردۇق، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ھەر مىللەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولدۇق. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردۇق، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 120 مىڭ كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 690 مىڭ ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى!

ئۆتكەن بەش يىلدا، بىز ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە، «بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق، بۇ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، خەلق رازى بولىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان بەش يىل بولدى.

بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، بەش يىلدا جەمئىي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەۋسىيەسىدىن 2540 نى، سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپىدىن 3066 نى بېجىردۇق. ئاپتونوم رايون، شۇنداقلا ۋىلايەت، ناھىيەلەردە ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاپ، مەسئۇلىيەت - ۋەزىپىسى ئېنىق، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق. ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق، بەش يىلدا، جەمئىي يەرلىك نىزام لايىھەسىدىن 33نى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق، يەرلىك ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن 16نى ئېلان قىلدۇق، ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن 46 نى بىكار قىلدۇق، تۈزەتتۇق، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 1635نى بىكار قىلدۇق. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ئېلان قىلىش، قانۇن ئىجراسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى خاتىرىلەش، مۇھىم، زور قانۇن ئىجرا قىلىش قارارلىرىنى قانۇن - تۈزۈم جەھەتتىن تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك تۈزۈم»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق. «بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇردۇق، جەمئىي 27 تۈرلۈك تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بەردۇق، 217 تەستىقلاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇردۇق، تىزىملىك سىرتىدا تەستىقلىماسلىقنى يولغا قويدۇق، «كۆپ تەستىقنى بىرلەشتۈرۈش، كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش، كۆپ قائىدىنى بىرلەشتۈرۈش» «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى داۋاملىق قىسقارتتۇق، «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە تولۇق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتۇق. كارخانا ۋە ئامما ئىش بېجىرىشتە «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم يول ماڭدۇرۇش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر توردا راۋان بېجىرىش» «ئۆلكىلەر ئارا راۋان بېجىرىش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىر گەۋدىلەشكەن توردىكى مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق، ئاپتونوم رايوندا مەمۇرىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلدۇق، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىدە تور سىرتىدا «بىرلا ئىشىكتىن كىرىش»، توردا «بىرلا تورغا كىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىشتا بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت كارخانىلىرى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلدۇق. كادىرلار ئىستىلىنى سىجىل كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا ياتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش - باھالاش ئىشلىرىنى ئازايتتۇق ۋە قېلىپلاشتۇردۇق، يىغىن ۋە ھۆججەتلەرنى زور دەرىجىدە ئىخچاملاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتۇق. ئاساسىي قاتلامغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەمەلىي ئىشلىگەنلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان روشەن يېتەكچى يۆنىلىش تۇرغۇزدۇق. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادچىللىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭىدىن ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرنى سېلىشنى قاتتىق چەكلەپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»نى زور كۈچ بىلەن ئازايتىپ، بارلىق ئىشلارنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېجىرىپ، تىرىشىپ ھەر بىر پۇڭنىمۇ دەل جايىغا ئىشلەتتۇق. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتۇق!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىڭتۇەن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. بىز «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللىدۇق، بىڭتۇەنگە قانۇن بويىچە 3511 تۈرلۈك مەمۇرىي فۇنكسىيە ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بەردۇق، بىڭتۇەننىڭ شەھەر - بازار تەسىس قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدۇق، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا مەدەت بەردۇق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. 2020 - يىلى بىڭتۇەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 290 مىليارد 514 مىليون يۈەنگە يىتىپ، بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1 ئاشتى، شەھەر - بازار ۋە ليەن - دۈيلەردە دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.4 ۋە %10.2 ئاشتى. بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە مۇھىم رول ئوينىدى، مۇھىم تۆھپە قوشتى!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىشكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا جەمئىي 76 مىليارد 677 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ياردەم مەبلىغى سېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىش تۈرىدىن 8540 نى يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بىرىلگەن مەبلەغنىڭ %80ىدىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ۋە ئاساسىي قاتلامغا ئىشلىتىلىپ، زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرى يولغا قويۇلۇپ، ياردەمگە ئېرىشكەن جايلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. داۋالاش، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى «ئۆمەك شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بىرىش ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، شىنجاڭغا ياردەم بىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىنى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىۋاتقان كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2020 - يىلى تۇيۇقسىز كۆرۈلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇردۇق، ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «3 + 1» نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا «قوش غەلىبە»نى قولغا كەلتۈردۇق! بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، «يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ دائىملىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە تېببىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق سورۇن، نۇقتىلىق ئاپپارات، نۇقتىلىق كىشىلەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بارلىق چارە - ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، ئادەم، ئەشيا، مەبلەغ يۈرۈشۈشىنى راۋانلاشتۇردۇق، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردۇق؛ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق يېڭىدىن جەمئىي 11 مىليارد يۈەن كۆپەيدى، ئوتتۇرا ھال، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەر تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن مەنپەئەتلەنگەن مەبلەغ 131 مىليارد 730 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ بىلەن، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى؛ مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن دەرس باشلاپ، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەكتەپ ئىچىدە يۇقۇم كۆرۈلمەسلىك، يۇقۇملانماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئالاھىدە كىشىلەر ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش، ئۇلارغا ياردەم بىرىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسى، كۆڭۈل ئارامسىزلىقى، باش قېتىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلدۇق. ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن بىر پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىدى، تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، 4 - پەسىلدە بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ، %4.6 تە تىزگىنلەندى.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بەش يىلغا نەزەر سالساق، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا چۈشمىدى، بۇنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىمۇ مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يەردە، مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارغا، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىغا، شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋە شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، مەدەت بىرىۋاتقان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇقكى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھېلىھەم بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە: ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايماقتا، يۇقۇمنىڭ تەسىرى ۋە تاشقى مۇھىتتا كۆپلىگەن ئېنىقسىزلىقلار ساقلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى يەنىلا پۇختا ئەمەس، بىر قىسىم ئوتتۇرا ھال، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىيىن بولماقتا؛ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە زىددىيەت گەۋدىلىك بولماقتا، ئۈچ كەسىپنىڭ قۇرۇلمىسىنى يەنىلا ئەلالاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۇلىمىز تېخى پۇختا ئەمەس، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە يەنىلا يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت: بەزى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلىشى جايىدا ئەمەس، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، قابىلىيىتى كۈچلۈك ئەمەس، ئىستىلى پۇختا ئەمەس؛ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ، «بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتر» دا توسالغۇ مەۋجۇت، بەزى تارماق، ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس؛ شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق ھېلىھەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. بىز چوقۇم خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى تۇتۇپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان جاسارەت، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە ئارقىلىق، بەجانىدىللىق بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز!

2. 14 - بەش يىل مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەر

14 - بەش يىل مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان بىرىنچى بەش يىل، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم قويىدىغان ئاچقۇچلۇق بەش يىل. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز بىر قاتار پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىككىمۇ ئىگە: بىرىنچىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھمىيەت بىرىۋاتىدۇ، كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، غەمخورلۇق قىلىۋاتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنىڭ 3 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئىككىنچىدىن، ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىلغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى ئېشىۋاتىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتىكى نۇقتىلىق رايون، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستىھكام، «ئۈچ بازا، بىر ئۆتۈشمە يول» قىلىپ، بىر قاتار ئالاھىدە قوللاش سىياسىتى بىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. ئۈچىنچىدىن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىشنىڭ ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە بولۇۋاتىدۇ. مەملىكەت بويىچە 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭ خىزمىتىگە نىشانلىق ياردەم بىرىپ، يېڭى دەۋردە پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياردەم بەرگەن - ياردەمگە ئېرىشكەن ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئاساس سالدى. تۆتىنچىدىن، رايون ئەۋزەللىكى روشەن بولماقتا. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ نىسپىي يېپىق ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، بۇ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بەشىنچىدىن، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولماقتا. شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، قېزىلما بايلىقى مول، ساياھەت بايلىقى مول ۋە توپلاشقان، يەر، ئېلېكتىر كۈچى، ئەمگەك كۈچى تەننەرخى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، بىرقەدەر كۈچلۈك يوشۇرۇن رىقابەت كۈچىگە ئىگە. ئالتىنچىدىن، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى تولۇق كۆرۈلمەكتە. ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئارقىلىق، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقى ساقلاپ قېلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىلدى. يەتتىنچىدىن، كىشىلەر قەلبى مۇجەسسەملىنىپ، كۆزلىمە نىشانغا بولغان ئىشەنچ ئاشماقتا. ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ قۇرۇلۇش قىلىش، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ بارلىققا كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يىپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا قەتئىي ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار!

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ»ىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى (لايىھە)»نى تۈزۈپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندۇق.

14 - بەش يىل مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 3 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى خەلقنى بېيىتىپ روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ئۇزاق يۈرۈشۈشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، گۈللەنگەن - باياشات، مەدەنىي - ئالغا ئىلگىرىلىگەن، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خورام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش.

14 - بەش يىل مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى: 2035 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نىشانى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، 14 - بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق: ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىدە يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ياخشىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىدا بەخت - سائادەتنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، جەمئىيەتنى تۈزەش ئۈنۈمىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش. 14 - بەش يىل مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرىچە %6تىن ئارتۇق ئاشۇرۇش، ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمنى يىلىغا ئوتتۇرىچە %6تىن ئارتۇق ئاشۇرۇش، شەھەر - بازاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش. يۇقىرىقى نىشاندا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئورنىنى بېكىتىش تەلىپىگە قويۇپ، ھەرقايسى ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشتۇق؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇشنى، ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئىمكانىيەت قالدۇرۇشنى نەزەردە تۇتتۇق؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى بىر تەرەپلىمە قوغلاشماي، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نەزەردە تۇتتۇق.

14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىشىمىز شەرت؛ شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ۋە دۆلەت ئىچى - خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشتىكى ئورنى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى توغرا تېپىشىمىز، بىر تەرەپتىن مەۋقەنى دۆلەت ئىچى بازىرىغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى ئاساسىي نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، زور كۈچ بىلەن سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالدا دۆلەت ئىچى بازىرىغا كۆپرەك تايىنىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، «غەربتىن كىرگۈزۈپ، شەرقتىن كەلتۈرۈش» «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»تىن ئىبارەت رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىمىز شەرت؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان 14 - بەش يىلدىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۈردە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، «بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق ئون چوڭ ئىشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن، تۆۋەندىكى 15 جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى كونكرېت ئوبدان تۇتىمىز.

1) يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئىختىساسلىقلار سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئامىللار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىمىز، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىگە ئايلاندۇرىمىز، يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز.

2) يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي قولدىن بەرمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرىمىز. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، يېزا - كەنتلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز ۋە ياخشىلايمىز، يېزا ئىگىلىك سۈپىتى - ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشىگە، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش - كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىشىگە، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئاشلىقنى يەر ۋە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ساقلاش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىمىز. 14 - بەش يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايوندا مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى 41 مىليون مودىن ئارتۇق سەۋىيەدە ساقلايمىز (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 32 مىليارد جىڭدىن يۇقىرىغا يەتكۈزىمىز. 14 - بەش يىلنىڭ ئاخىرىدا، تىرىشىپ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 5 مىليون توننا ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەلا سورت نىسبىتىنى %98تىن كۆپرەككە، ماشىنا بىلەن يىغىش نىسبىتىنى %80تىن كۆپرەككە يەتكۈزىمىز؛ باغ - ئورمان كۆلىمىنى 22 مىليون مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇپ، مېۋە ھوسۇلىنى 12 مىليون توننا ئەتراپىغا يەتكۈزىمىز؛ چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتىنى 110 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرىمىز.

3) سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك ۋە كەسىپ سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر ئۆتۈشمە يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش - پايدىلىنىش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاشنى تېزلىتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، رەقەملەشكەن، ئەقلىيلەشكەن تەرەققىياتنى سىجىل تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز. 14 - بەش يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، تىرىشىپ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى 1 مىليون ئادەم ئۆپچۆرىسىگە يەتكۈزىمىز، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش ساھەسىدە 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز؛ ئاپتونوم رايوننىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمىنى 82 مىليون 400 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇپ چىقىمىز؛ دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقىمىز؛ 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپلەر توپىدىن ئون ئەتراپىدا، 10 مىليارد يۈەنلىك كەسىپلەر توپىدىن بىرقانچىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، 10 مىليارد دەرىجىلىك بىر تۈركۈم ئۇچۇر كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز.

4) شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز، بىر تۈركۈم ئېسىل ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە بارلىققا كەلتۈرىمىز، «شىنجاڭ سوۋغىسى» ساياھەت تاۋارلىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز، ساياھەتچىلىك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنى كۈچەپ يارىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلىگە ئايلاندۇرۇپ، 2025 - يىلىغا بارغاندا، تىرىشىپ چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىنى 400 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئاشۇرىمىز. ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مۇلازىمەت تەمىناتىغا قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مەدەت بىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كەسىپلىشىشىگە ۋە قىممەت زەنجىرىنى يۇقىرى پەللىگە ئۇزارتىشىغا تۈرتكە بولىمىز. تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق، ئاساس خاراكتېرلىك مۇلازىمەت تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەتكە قاراپ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز.

5) ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى ئاساسىي نۇقتىسىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت ئىچى چوڭ بازىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىستېمالىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز، غەربكە ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىمىز. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قاتناش - تىرانسپورت، زامانىۋى سۇچىلىق، ئېلېكتىر كۈچى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت چوڭ تىرەك سىستېما»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايمىز. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئىستېمالنى يېتىشتۈرۈپ، ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىمىز. 14 - بەش يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، تىرىشىپ تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسىنى يېڭىدىن 2100 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي مۇساپىدە 9500 كىلومېتىرلىق سەۋىيەنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ ئىچىدە ئايلىنىپ تۇتاشقان بولۇش، نۇقتىلىق رايونلاردا تۆمۈريول تۇتاشقان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) تاشيولنى 4500 كىلومېتىردىن ئارتۇق ياساپ، ئومۇمىي مۇساپىنى 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشۇرۇپ، ھەممە ناھىيەلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) تاشيوللارنى تۇتاشتۇرۇشنى، ئاساسلىق مەنزىرە رايونلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) تاشيول بىلەن قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ بەش يىلدا قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنى 15 كە، تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ئومۇمىي سانىنى 37 گە يەتكۈزىمىز؛ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش مىقدارىنى 180 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتكۈزىمىز. ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى يىلىغا ئوتتۇرىچە %6 ئاشۇرىمىز.

6) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىشتىكى ئۈستۈنلۈكىنى بەرپا قىلىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلايمىز، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى يادرولۇق رايوننىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرىمىز، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى يادرولۇق رايوننىڭ جەنۇب - شىمالدىكى ئىككى مۇھىم تايانچ نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، قاتناش تۈگۈنى، مەدەنىيەت، پەن - مائارىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى، رايون پۇل مۇئامىلىسى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەر، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، «ئۆتۈشمە يول ئىقتىسادى»نىڭ «كەسىپ ئىقتىسادى» «پورت ئىقتىسادى»غا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

7) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىسى تۈزۈلمىسى ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، يېزا ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتى، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، «بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرىمىز، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جانلاندۇرىمىز.

8) ئىقتىسادنىڭ جايلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز، مۇھىم ئامىللار تەرتىپلىك، ئەركىن يۆتكىلىش، ئاساسىي فۇنكسىيە چەكلىمىسى ئۈنۈملۈك بولۇش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت باراۋەر بولۇش، بايلىق، مۇھىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش تەلىپى بويىچە، زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكى كەسىپ بەلبېغىنى يېتىلدۈرىمىز، تەرەققىي قىلدۇرىمىز، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ھەمتۈرتكىلىكى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىنى تىرىشىپ كۈچەيتىمىز.

9) يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر چەمبىرەك، بىر بەلباغ، بىر توپ» شەھەر تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى كۈچەپ يېتىلدۈرىمىز، غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغىنى بەرپا قىلىمىز، قەشقەرنى رايون مەركىزى قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر توپىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز، چېگرا بويىدىكى رايونلارنى شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن نوپۇسنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، دائىملىق نوپۇسقا قارىتىلغان ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولىمىز، كەسىپ بىلەن شەھەرلەرنىڭ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئېشىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايوندا دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر - بازارلىشىش نىسبىتىنى %60تىن كۆپرەككە يەتكۈزىمىز.

10) شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمىز. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمىگەن ھالدا بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، يېڭى دەۋر كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزىمىز، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز. جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز، بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولىمىز، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

11) ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز. ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداشتىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، كاربون قويۇپ بىرىش مىقدارىنى يۇقىرى پەللىدىن تۆۋەنلىتىش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قۇم تىزگىنلەش، سۇنى تىزگىنلەش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ۋە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىش خەۋپىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ماس ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلق تۇرمۇشىغا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان بەخت - سائادەتكە ئايلاندۇرىمىز.

12) خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرىمىز. خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە، ياخشىلاشقا ئىشلىتىمىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئەمىن ئۆي بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇقىملىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر يولغا قويىمىز، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى سىجىل ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ھەقىقىي ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، ياخشى قوغدايمىز، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

13) شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرىمىز. سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى تەتبىقلايدىغان، مەسىلە ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى پەسەيتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى قانۇنچىللىق كەيپىياتىنى يارىتىمىز. بىر قولدا زوراۋان تېررورچىلارغا قانۇن بويىچە زەربە بىرىشتە، يەنە بىر قولدا كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىش، ئىنچىكىلىشىش، دائىملىشىشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىمىز، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش خىزمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە خەۋپ - خەتەر خىرىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىمىز، سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

14) شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. شىنجاڭغا ياردەم بىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مايىللاشتۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بىرىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتىمىز، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بىرىشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئارقىلىق ياردەم بىرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ تولۇق ھېس قىلدۇرىمىز.

15) بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايمىز، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايمىز، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئەۋزەللىكتە ئۆزئارا تولۇقلاش، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق پايدىلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەننى باشتىن - ئاخىر چېگرا رايوننى تىنچلاندۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچقا، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى چوڭ پېچقا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك رايونغا ئايلاندۇرىمىز.

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. 14 - بەش يىللىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى چوقۇم ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز!

3. 2021 - يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان يىل، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلان باشلىنىدىغان يىل، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور.

2021 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ 3 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئاساسىي تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، داۋاملىق تۈردە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرۈشۈشىنى تىرىشىپ ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، 14 - بەش يىلنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش.

2021 - يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %10 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5، %6.5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسى كۆرسەتكۈچىنى %3 ئەتراپىدا ساقلاش، شەھەر - بازاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش، بىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش.

يۇقىرىقى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بىرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەپ، تۆۋەندىكى 12 جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتىمىز:

1) يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز

ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگىلىك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، يېڭى ماتېرىيال، خىمىيە سانائىتى دۆلەت دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى پائال بەرپا قىلىمىز، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئۈلگىلىك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭنىڭ 3 - قېتىملىق ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەيمىز.

كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. كارخانىلارنىڭ يېتەكچى كەسىپ تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىنى تەسىس قىلىمىز، ئورتاق تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى تىپتىكى تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بىرىمىز، يېڭى ماتېرىيال، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق، يېڭى ئېنېرگىيە، بىيوتېببىي دورا، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يولغا قويىمىز، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمىدىكى كارخانىلار، چوڭ، ئوتتۇرا ھال، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى بىرىكتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز، مۇھىم، چوڭ تۈرلەر، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، «ئىقتىدارلىقلار باشلامچى بولۇش»نى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پەن - تېخنىكا باشلامچىلىرى، تايانچ ئىختىساسلىقلار، مۇنەۋۋەر ياش ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئەمەلىي ئۈنۈمى، تۆھپىسىنى يېتەكچى قىلغان پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم، تېخنىكا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلىدىغان پايدا تەقسىملەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.

2) ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز

1 - كەسىپتە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 - كەسىپتە زور تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز، نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر كۈچى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، باغۋەنچىلىك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نان، ئۈزۈم ھارىقى، ساياھەت قاتارلىق «ئون چوڭ كەسىپ»نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتىمىز، كەمتۈكلۈكلەرنى تولدۇرۇش ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ئاساسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.

يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاسلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 33 مىليون مودىن چۈشۈرمەيمىز، تېرىلغۇ يەرنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنى قەتئىي توسۇپ، ئاشلىق تېرىقچىلىقىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. جايلىشىشنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ھوسۇلنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پاختىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ سورتلۇق پاختا، پاختا يىپ بازىسىنى قۇرىمىز. باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئېسىل، ئۆزگىچە مېۋە - چېۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىمىز، باغۋەنچىلىكتىكى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم توپلاش - تارقىتىش بازىرىنى قۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىككى سېتىش تورىنى كېڭەيتىمىز. چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يەم - خەشەك، نەسىل، كېڭەيتىش، كۆپەيتىش، بېقىش، سويۇش، پىششىقلاش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىمىز. ئۇرۇقچىلىق قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، يەم خەشەك ۋە قىزىلچا قاتارلىق ئۆزگىچە زىرائەت ئەلا سورت بايلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، پىششىقلاش، سېتىش ئەشيا ئوبوروت بازىسى قۇرىمىز، بىر تۈركۈم يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يۆلەپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ زور تېخنىكا ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر كۈچى، سىلىتسىي، رەڭلىك مېتال قاتارلىق بايلىق كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پۇختا تەرەققىي قىلدۇرىمىز، «ئۈچ بازا، بىر ئۆتۈشمە يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سىلىتسىي، ئاليۇمىن، مىس، ماگنىي قاتارلىق ئۇل كەسىپلەرنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ ئېچىش، پىششىقلاپ پايدىلىنىشنى تېزلىتىمىز. «ئون چوڭ كەسىپ»نى چۆرىدەپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق سانائەت تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بىرىمىز، بىر تۈركۈملىرىنى قۇرۇشقا، بىر تۈركۈملىرىدە ئىش باشلاشقا، بىر تۈركۈملىرىنى زاپاس ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. يەنجىڭ ئاپتوموبىل يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق پەن - تېخنىكا كەسىپلەر رايونى تۈرى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى 600 مىڭ توننىلىق ئېتىلېن تۈرى، قورغاس سەنيۇفۇشىن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ كەسىپ زەنجىرى تۈرى قاتارلىق نۇقتىلىق داۋاملاشما تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز، خېڭدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك دىنامىكىلىق باتارېيە تۈرى، شياڭشېڭ شىركىتىنىڭ يىلىغا 30 مىڭ توننىلىق يۇقىرى ئىقتىدارلىق تىتان ۋە تىتان قېتىشمىسى يېڭى ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى قاتارلىق يېڭى تۈرلەردە تېزدىن ئىش باشلايمىز، دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، ئۆزگىچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زورايتىمىز، كۈچەيتىمىز، ئاياغ، باش كىيىم، ئويۇنچۇق، كەيمە چاچ، چامادان، سومكا، خۇرۇم بۇيۇم قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داڭلىق ماركا، كۆلەم، ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرىمىز. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، بىيوتېببېي دورا، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق كەسىپلەرنى تېز زورايتىمىز. رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «تىيانشان بۇلۇت جىلغىسى» قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىدىغان مۇلازىمەتنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ساياھەتچىلىكنى باشلامچى قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىك ۋە تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇلازىمەتچىلىك قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرىمىز. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويىمىز، مەۋقەنى يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قويۇپ، ساياھەت بازىرىنىڭ مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىمىز، سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىپ، ساياھەت ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت بازىرى تىجارىتىنى كېڭەيتىپ، «ساياھەت +» ۋە «+ ساياھەت»كە تۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرۇلغان داڭلىق ماركىنى بەرپا قىلىپ، 200 مىليون ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشقا تىرىشىمىز. سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى، ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە يۇمشاق ماتېرىيال، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئەنئەنىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلاملىق، ياشانغانلارنى كۈتۈش، گۆدەكلەرنى بېقىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ئائىلە مۇلازىمىتى، مەھەللە، خوجىلىق باشقۇرۇش قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەتچىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

3) ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سېلىنما ۋە ئىستېمالنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىمىز

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ زورايتىمىز. مۇھىم «كۆزنەك قەرەلى»نى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات ئۇسۇلى، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈر ئارقىلىق يېتەكلەش، مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىمىز، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە پىشاڭ قىلىپ، بازار يېتەكچى بولىدىغان مەبلەغ ئىچكى ئېشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرىمىز. «بىر تۈركۈملىرىدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈملىرىنى زاپاس ساقلاش، بىر تۈركۈملىرىنى پىلانلاش» تەلىپى بويىچە، تۈر ئامبىرىنى قۇرىمىز، مۇكەممەللەشتۈرىمىز، تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، داۋاملىشىدىغان، يېڭىدىن يولغا قويىدىغان ۋە زاپاس ساقلايدىغان تۈرلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىمىز. قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، ئېلېكتىر كۈچى، خەۋەرلىشىش، شەھەر - بازار ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش سالمىقىنى نۇقتىلىق ئاشۇرىمىز. غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى، جىڭ - ئالاتاۋ تۆمۈريولى، G218 نارات - بالغۇنتاي تاشيولى ۋە شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ)، بايىنبۇلاق، بارىكۆل ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلايمىز، G7 چىنارغول - بارىكۆل - مورى بۆلىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، S20 ۋۇگۇڭتەي - قاراماي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى، ئاقسۇ - ئارال تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. يۇرۇڭقاش، چوڭ جىلغا، چوڭسۇلاغ، قورغان قاتارلىق بىر تۈركۈم سۇچىلىق تۈگۈنى، سۇچىلىق تايانچ قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىمىز، ئويئېڭىز سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە سۇ ئامبىرى تۈرىدە كەينى - كەينىدىن ئىش باشلاشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ھەر دەرىجىلىك توك بېسىم تورى جازىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، فۇكاڭ 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق، قۇمۇل 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە يىغىش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرىمىز. يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىمىز، 5G تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، 5G، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، يۇمشاق ماتېرىيال، رايون - بۆلەك زەنجىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنى مۇناسىپ نىسبەت بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەر دەسمايىسى قىلىپ ئىشلىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ ھەمكارلىقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئاممىۋى ئىشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى چەكلىمىنى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىمىز.

ئىستېمالنى قايتا تولۇقلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى تېزلىتىپ، ساياھەت ئىستېمالىنى زورايتىمىز. ئاپتوموبىل ئىستېمالى مەخسۇس مۇكاپاتىنى يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىستېمالىغا ئىلھام بىرىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى سىجىل كېڭەيتىمىز. «ئالاقە تورى+» ئىستېمال ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى ئىستېمالنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە ئىستېمالنى سىجىل كېڭەيتىمىز. يېزىلارنىڭ بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سانائەت بۇيۇملىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەرگە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئىستېمالىنى سىجىل كېڭەيتىمىز. ئاممىۋى ئىستېمالنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، ئىستېمال تەمىناتىنى ياخشىلاپ، كېچىلىك ئىقتىساد ۋە كونا مال بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «توردا بىۋاسىتە مال تونۇشتۇرۇش»نى قېلىپلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىستېمال كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىستېمال ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىستېمالنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

4) يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىمىز

«بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورت تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئالاتاۋ پورت تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى ئۈلگىلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. مەركەزنىڭ قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا بەرگەن ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پىششىقلاش سودىسى ۋە مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلانما تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ (قەشقەر) دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزى، دۆلەت بالىلار رايون داۋالاش مەركىزى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال دورا كەسىپلەر رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق، ئۈلگىلىك، بەلگە خاراكتېرلىك نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. 17 قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئۆزگىچە ئىمپورت - ئېكسپورت بايلىقلىرىنى پىششىقلاش رايونلىرىنى تېز قۇرىمىز.

ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. خېرىدار چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونلىرى (باغچە رايونلىرى)نىڭ شەرقىي قىسىمدىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىشىنى قوللايمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىش»ىغا ئىلھام بىرىپ، چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى باغچە رايونى، چېگرا (چېگرا ھالقىغان) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، 2021 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. چۆچەك نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى، جۇڭگو (ئالاتاۋ، قورغاس، قەشقەر) چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەسىس قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بىرىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرىمىز. شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پەرقلىق سىياسەتتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن كەسىپ تەرەققىياتى بويىچە ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا رايونلاردىن ئۆمەك شەكلى، زەنجىرسىمان شەكىل، توپلىشىش شەكلىدە يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە قوبۇل قىلىپ، كەسىپلەرنى يۆتكەش بويىچە ئۈلگىلىك باغچە رايونى قۇرىمىز. مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ئىقتىساد - تېخنىكا ئالاقىسى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمىز، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارنىڭ مۇستەقىل مەبلەغ سېلىش، پاي تىزگىنلەش، پاي قوشۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشى، شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بىرىمىز، ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭدا رايون ھالقىپ «چاچما باغچە رايونى» قۇرۇشىغا مەدەت بىرىمىز.

5) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە كېڭەيتىمىز. «تۆتنى ئېلىپ تاشلىماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بىرىش سىياسىتى، مەبلەغ مەدىتى، ياردەم بىرىش كۈچىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلايمىز. قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەتچان كۆزىتىش، سىگنال بىرىش ۋە ياردەم بىرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىگە مۇقىم ياردەم بىرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەيمىز. كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلارنى كۆچۈرگەندىن كېيىنكى يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە «سەككىز جىپسىلاشتۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قوللاشتىن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا قاراپ سىلىق ئۆتۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىمىز. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەردە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىمىز، يېزىلارنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز. يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول، گاز، خەۋەرلىشىش، رادىيو - تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرنى مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى يەرلەرنىڭ «تارقاق بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. ئۇچۇرنى كەنتلەرگە، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىشنى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئالغا سىلجىتىمىز، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، كەنت قىياپىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز، تىرىشىپ بىر تۈركۈم ئۆزگىچە يېزا - بازار، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ئۆزگىچە كەنت بەرپا قىلىپ، يېقىملىق سەھرا ناخشلىرىنى، گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى شىنجاڭنىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندۇرىمىز.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىككىنچى قېتىملىق يەر ھۆددىگەرلىك قەرەلى توشقاندىن كېيىن، يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا بىرىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىمىز. مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا، سالماقلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. پاختىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولىمىز. يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېزا پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى گەۋدىلىك ئوبدان تۇتۇپ، كەسپىي دېھقانلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش سىنىقىنى پائال قانات يايدۇرىمىز، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالىتىگە قاتنىشىشقا تەرتىپلىك يېتەكلەيمىز. يېزىلاردا يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئەسقاتىدىغان كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ تەرەققىيات باشلامچىلىرى ۋە دېھقان ئائىلىلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىمىز. ئىختىساسلىقلارنىڭ يېزىلارغا بېرىپ ئىشلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەرلەردىكى ئىختىساسلىقلار ۋە سودا - سانائەت كاپىتالىنى يېزىلارغا يۈزلىنىشكە يېتەكلەپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىختىساسلىقلارنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرىمىز.

6) شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولىمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى، شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى، جەنۇبىي شىنجاڭ شەھەر توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز، ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىدە بىر سائەتلىك قاتناش تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى - سانجى رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون - شەھەر ھەمكارلىقى تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ھەمتۈرتكىلىكى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىش، ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ يېزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بازار قۇرۇش، يېزىنى كوچا باشقارمىسىغا ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز. شەھەرلەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - بازارلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، شەھەر ئاممىۋى قاتنىشى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى، يەر ئاستى تۇرۇبا تورى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى كۈچەيتىمىز، يېشىل شەھەر، ئەقلىي شەھەر، ئادىمىيەت شەھىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر - بازارلارنىڭ نوپۇسقا ئېلىش شەرتىنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىپ، يېزا نوپۇسنى شەھەر نوپۇسىغا يۆتكەشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بىخەتەر، ساغلام، بىرقەدەر يۇقىرى سۈپەتلىك شەھەر تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.

شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا مۇھىم ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالمىشىشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز، شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇپ ۋە باشقۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېزىلارغا ئۇزارتىش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يېزىلارغا كېڭەيتىش، بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى يېزىلارغا مايىللاشتۇرۇش، زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق يېزىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىمىز.

7) «بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىمىز

«بىرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ئىجازەت تۈرلىرىنى تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويىمىز، ئىسپات تۈرلىرى ۋە كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تىجارەت ئىجازىتى تۈرلىرىدە خەۋەرلەندۈرۈش ۋەدە تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم يول ماڭدۇرۇش» «ئەڭ تېز بولغاندا بىرلا قېتىم ئېلىپ بېرىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز. «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش، ئاپتوماتىك بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش»نى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىيەت مۇلازىمەت تۈرلىرىدە «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»كە تۈرتكە بولۇپ، بازار سۇبيېكتى ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزەپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، سۆرەلمىلىك قىلىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق، بازار سۇبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەيمىز. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، ئەۋزەل بايلىق ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىمىز، ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىمىز، مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغدايمىز.

نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتىمىز، يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانا گۇرۇھىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ، تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا، ئوتتۇرا ھال، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلىسى جەھەتتە مەدەت بىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بىرىمىز، پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان مېھمانساراي، يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرىدىكى ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىمىز. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىمىز.

پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز. پۇقراۋى ئىگىلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەرنىڭ يېقىن، پاك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىمىز. قەرزنى مەخسۇس ئېنىقلاش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز. مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە بازار ئىستىقبالى ياخشى، يېتىلىشچانلىقى يۇقىرى، باشلامچىلىق رولى كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىلارنى نۇقتىلىق يۆلەپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا تايانچلىق رول ئويناش، باش رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

8) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى ۋە تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى ساقلايمىز، زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش ۋە ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئاساسىي ئېتىز، شەھەر - بازارلارنى ئېچىش قاتارلىق بوشلۇقنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش پاسىلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان يەر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز. سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى تىزگىنلەش، سۇدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى تىزگىنلەش ۋە سۇ فۇنكسىيەلىك رايونى قوبۇل قىلىدىغان بۇلغىمىغا چەك قويۇش «ئۈچ قىزىل سىزىق»ىنى قاتتىق ساقلايمىز.

مۇھىتنى تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىمىز. بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق چوڭقۇر، ياخشى قىلىمىز، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، كۆپ خىل بۇلغىمىنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەش ۋە رايونلار ھەمكارلىشىپ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىمىز. «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» «كۈيتۈن - مايتاغ - شىخۇ» قاتارلىق رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى چىڭىتىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىمىز، قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسىپلەرنى يۆتكەش ۋە تەڭشەشكە تۈرتكە بولىمىز، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىمىز. دەريا - كۆللەرنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، تۇرمۇش بۇلغىمىلىرى ۋە ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىش، پاكىز سۇ ئىچىش، ئىشەنچلىك يېمەكلىكلەرنى يىيىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ماس كېلىدىغان مۇھىتتا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمى، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇملۇق، چۆل - جەزىرە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىمىز، مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، زېمىننى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى گىرۋىكىدىكى بوستانلىق رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە مۇھىتىنى قوغداشنى ئالغا سىلجىتىمىز، تەبىئىي ئورمان، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى سىنىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، كۆچەت تىكىش، ئوت - چۆپ تېرىش سالمىقىنى زورايتىمىز، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش، چارۋا يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش، تېرىلغۇدىن سۇ بايلىقىغا قايتۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق يولغا قويىمىز، چۆللىشىشنى ۋە سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەسى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن رايونلاردا توسۇش، دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈشتەك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويىمىز، تارىختىن قېپقالغان تاشلاندۇق زاۋۇت - كان يەرلىرىنى تۈزەيمىز.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. دۆلەتنىڭ يېشىل كەسىپ يېتەكچى مۇندەرىجىسىدىكى ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكى بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىشتا چەكلىمە كۆرسەتكۈچ بويىچە باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز، يېشىل ئىمارەتنى كۆپەيتىپ، ئاددىي، لايىقىدا، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

9) جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىمىز. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىق - تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايوننى پائال بەرپا قىلىمىز. مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.

دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلايمىز، دىنىي زاتلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمىز. دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى سىجىل، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىنلار ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىمىز. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى يولغا قويىمىز. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەكتەپ، ئائىلە، مەھەللىگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولىمىز. تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - خارابىلىكلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى، مۇزېي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تارىخ ئارقىلىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق دەلىللەشنى كۈچەيتىمىز. مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى روشەن دۆلەت دەرىجىلىك بىر تۈركۈم ساياھەت، ئىستىراھەت شەھەرلىرى ۋە كوچىلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز.

10) ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرىمىز ۋە ياخشىلايمىز

خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسى ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان، ئەڭ ئەندىشە قىلىۋاتقان، ئەڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرىمىز، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئون تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىمىز، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، قىيىنچىلىقى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتىمىز، بىناكارلىق ساھەسىنىڭ تېخنىكىلىق ئىش تۈرلىرىدە ئۈچ يىلدا 200 مىڭ كىشىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىمىز، شىمالىي شىنجاڭ كەسىپلەر ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ھەر بىر كىشىنى تىرىشىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. شەھەر - بازارلاردا 460 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن كۆپرەكىنى يۆتكەيمىز.

كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئاھالىنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق كىرىم تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا ھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىمى ۋە ئەمگەك ھەققىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدىكى مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىمىز. يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزۈش تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلاردىن يەسلىدە «ئوقۇشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇتۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا ئىلھام بىرىمىز. كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي مەكتەپ بىلەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىكىشى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئالىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز، خوتەن شۆيۈەنى قۇرۇشنى قوللايمىز. ئالىي مائارىپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە مائارىپ، مەخسۇس مائارىپ كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ھەر بىر بالىنى مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان، ياخشى ئوقۇيالايدىغان، ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدىغان قىلىمىز.

ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى سىجىل قانات يايدۇرىمىز، يېڭى دەۋر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، ئاممىۋى ساقلىقنى ساقلاش جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ داۋالاش بايلىقىنى مۇۋاپىق جايلاشتۇرىمىز. ئاساسىي قاتلامنىڭ ساقلىقنى ساقلاش بايلىق سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تورى ۋە دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئالاقە تورى + داۋالاش» ۋە يىراق مۇساپىلىك داۋالاش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار نۇقتا قىلىنغان ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلايمىز، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. نۇقتىلىق يەرلىك كېسەللىكلەر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، كەسپىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇپ داۋالاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. داۋالىنىش ئارقىلىق كۈتۈنۈش، ساقلىقنى ساقلاش ئارقىلىق كۈتۈنۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىمىز.

ئىجتىمائىي كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى، شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ ئومۇملىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، مېيىپلار، روھىي كېسەللەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بىرىشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئۆزى ئىختىيار قىلغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلىك بېقىش، يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلىك يىغىپ بېقىشنى ئالغا سىلجىتىمىز.

ئەمىن ئۆي كاپالىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. تۇرالغۇ ئىجارە بازىرىنى تېزدىن يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەر بىلەن تەمىنلەشتە ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىغا مايىل بولۇش، ئۆي ئىجارە ئېلىش ھوقۇقى بىلەن ئۆي سېتىۋېلىش ھوقۇقى تەڭ بولۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسەت تەدبىرىنى بېكىتىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئىلكىدىكى بىكار يەردىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئۆي سېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارە ئۆي سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجارە ئۆي بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجارە ئۆيلەرگە دائىر باج - ھەق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، شەھەر - بازاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋالالماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىمىز. شەھەر - بازاردىكى كەپە رايون ۋە شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەمدە يولغا قويۇپ، شەھەر - بازاردىكى كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، شەھەر - بازاردىكى 1714 كونا ئولتۇراق رايوننى، 231 مىڭ 500 ئائىلىلىك ئۆينى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز، ئولتۇراق رايونلارنىڭ يانداش ئەسلىھەلىرى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ھازىرقى تۇرالغۇلارغا لېفىت ئورنىتىشنى قوللايمىز، مەھەللىلەرنىڭ ياشانغانلارنى كۈتۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز، يېزىلاردا ئۆي بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، يېزىلاردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز.

كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1 - قەرەللىك) قۇرۇلۇشىدا قېپقالغان 287 مىڭ ئائىلىلىكنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز. «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» بىلەن «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» نى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلاپ، تۇرمۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىمىز.

چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا بويى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى كەسىپلەر توپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پىششىقلاش سودىسىنى قوبۇل قىلىش - يۆتكەش بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك بازىلارنى يېتىلدۈرىمىز، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز.

ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، ماددىي ئەشيا كاپالىتى سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىمىز. بىخەتەرلىك ئېڭىنى ھەقىقىي، پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسىلەرنىڭ يۈز بىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىمىز.

مۇقىملىق ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم ياشىشىدىكى ئەڭ ئاساسىي تەلەپ ۋە ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە قارا، رەزىل كۈچلەردىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بىرىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەردىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، تىنچ، تەرتىپلىك ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىمىز، پۈتكۈل جەمئىيەتكە مۇقىملىقنىڭ پايدىسىنى تولۇق يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مۇقىملىق پايدىسىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خورام ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

11) بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايمىز

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمىز بىلەن بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىمىز. بىڭتۇەننىڭ «مەمۇرىيەت» فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ئۆزگەرتىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئاپتونوم رايون بەرگەن مەمۇرىي فۇنكسىيە ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىشى، ياخشى يۈرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بىرىپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىنىڭ كەسىپ جايلىشىش، نوپۇس ئورۇنلىشىش، شەھەر - بازارلىشىش ئەندىزىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر تۈركۈم شى، شەھەر ۋە تۈەن - بازارلارنى يېڭىدىن قۇرۇشىنى قوللايمىز، بىڭتۇەننىڭ قاتناش، سۇچىلىق، ئېلېكتىر كۈچى، خەۋەرلىشىش قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىدىكى سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا پائال شارائىت يارىتىپ بىرىمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، كادىرلار - ئىختىساسلىقلار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق يارىتىلغان، مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىنغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئورتاق بەرپا قىلىنغان ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

12) تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاققىچە مۇقىملىقىنى ساقلايمىز

ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بىرىمىز. شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرىچىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيمىز، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، قاتتىق زەربە بىرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشتۇرماستىن چىڭ ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىردە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. قانۇن قورالىدىن پايدىلىنىپ كۈرەش قىلىپ، جىنايەتكە زەربە بىرىپ، قانۇنچىل تەپەككۇر ۋە قانۇنچىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، مەسىلىنى ھەل قىلىمىز، زىددىيەتنى تۈگىتىمىز. خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز، كارخانا قەرزى خەۋپ - خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالىمىز، سودا بانكىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلىسى خەۋپ - خەتىرىنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز. ئەرزىيەت تۈزۈم - مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىش − بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى. شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بىرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ 14 - بەش يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بىرىش يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە پائال ماسلىشىپ، شىنجاڭغا كادىرلار - ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بىرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بىرىش، شىنجاڭغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بىرىش، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بىرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بىرىش، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بىرىش، شىنجاڭغا مەدەنىيەت ئارقىلىق ياردەم بىرىش، شىنجاڭغا تەنتەربىيە ئارقىلىق ياردەم بىرىشتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسۇقى، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكى پولاتتەك سېپىلنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەيمىز، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى ۋە ئارمىيە - خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ھەربىيلەر شان - شەرەپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقى دەرىخىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمىز، باراقسان ئۆستۈرىمىز، مەڭگۈ ياشنىتىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنياغا زىيان سالماقتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ھېلىھەم ئىنتايىن كەسكىن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كېرىچىنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا ئوبدان تۇتۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاشتا چىڭ تۇرىمىز، سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، پورت دۆلەت دەرۋازىسى، شىنجاڭغا كىرىش دەرۋازىسى، مەھەللە، ئىدارە - ئورۇن دەرۋازىلىرىنى قەتئىي ياخشى ساقلايمىز، 8 تۈرلۈك كۆزىتىش، سىگنال بىرىش مېخانىزمىنى ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيمىز، كېڭەيتىمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! 14 - بەش يىل مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بۇرچىمىز شەرەپلىك، ۋەزىپىمىز مۈشكۈل، بىز جەزمەن ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. سىياسىي قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمىز. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشتە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىمىز، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى ۋە ئامما نازارەتچىلىكى، ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ كەسىپلىشىش ئىقتىدارى، ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز. پۈتۈن كۈچ بىلەن پاك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت بەرپا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمىز، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان، ئىشتا نەتىجە يارىتالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىمىز. ھۆكۈمەت باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چىقىمنىڭ يېڭىدىن ئېشىشىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئادەتتىكى چىقىملارنى قاتتىق تىزگىنلەپ ۋە ئازايتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت يوشۇرۇن قەرزىنىڭ يېڭىدىن كۆپىيىشىنى توسۇپ، ھۆكۈمەت ئىقتىسادچىل بولۇش بەدىلىگە خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى تۇرمۇشىنى قولغا كەلتۈرىمىز، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ «جاپا كۆرسەتكۈچى» بەدىلىگە خەلق ئاممىسىنىڭ «بەخت كۆرسەتكۈچى» نى قولغا كەلتۈرىمىز. ئىستىل ياخشىلاشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى داۋاملىق تۈزەيمىز. بارلىق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ تۈگىمەس ھۆججەتتىن، ئۈزۈلمەس يىغىندىن، باھالاش - تەكشۈرۈشلەرنى كۈتۈۋېلىشتىن، ماتېرىيال - جەدۋەل يوللاشتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىمىز.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ئارزۇ كۈرەش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ! بىز يېڭى دەۋردىكى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە مەردانە قەدەم بىلەن ئاتلانماقتىمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 3 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەممە بىرنىيەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، گۈللەنگەن - باياشات، مەدەنىي - ئالغا ئىلگىرىلىگەن، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خورام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر، تەرجىمە - تەھرىرلىك باشقارمىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.