تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى كوچىلىرى «ئۇز ياسىنىپ» چاغاننى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى

جەنۇبىي نەنخۇ يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەرگە ئېسىلغان قىزىل پانۇس. (مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى)

دوستلۇق يولىنىڭ كوچا مەنزىرىسى. (مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى)

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ): قىزىل پانۇسلار ئېگىز-ئېگىزلەرگە ئېسىلىپ، بايرام كەيپىياتى قويۇقلاشتى. ئىككى كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى ئاساسلىق، قوشۇمچە غول يوللارغا قىزىل پانۇس، دەرەخلەرگە بېزەك بۇيۇملىرىنى كۆپەيتىپ ئېسىپ، چاغاننى كۈتۈۋېلىش سۈرەتلىرى ۋە چاغانلىق لوزۇنكىلارنى چاپلاپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىپ، خۇشال-خۇرام بايرام كەيپىياتىنى ياراتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى جەنۇبىي دوستلۇق يولىدا، خىزمەتچى خادىملار يولنى بويلاپ ئۇزۇن شوتا ئارقىلىق، بايراملىق قىزىل دۇخاۋا پانۇسلارنى يول چىراغلىرىغا، دەرەخ شاخلىرىغا ئېسىش بىلەن ئالدىراش بولدى. «كوچىلار پاكىز، رەتلىك بولۇپ، چاغان پۇرىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.» شەھەر ئاھالىسى جاۋ شىنخۇا يان تېلېفونىنى ئېلىپ كوچىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتتى.

  سايباغ رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى) ئەسلىھە باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى خې لياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ رايون دوستلۇق جەنۇبىي يولى، دوستلۇق شىمالىي يولى، ياڭزىجياڭ يولى، چاڭجياڭ يولى قاتارلىق يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە كېچىلىك مەنزىرە رايونىنى كۆپەيتىپ، رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى كېچىلىك مەنزىرىسى بەرپا قىلغان.

شىخۇڭ يولى يەر ئاستى يول ئېغىزىمۇ بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. (مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى)

  خۇڭسەن باغچىسى ئىچىدە، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېسىلغان قىزىل پانۇسلار بىلەن شەكلى ھەر خىل، رەڭدار گۈللۈك پانۇسلار ئۆزئارا ماسلىشىپ، قەھرىتان قىشتا كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ ئاتا قىلدى. «يېڭى يىل پۇرىقى ناھايىتى كۈچلۈك، يول بويلاپ قىزىل پانۇسلار ئېسىلىپ، ھەممە جاي بايرام كەيپىياتىغا تولدى» خۇڭسەن باغچىسى ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ شيۇمېي ھەر كۈنى باغچىغا كېلىپ بەدەن چېنىقتۇراتتى، باغچىدىكى چىغىر يول ۋە ئۇزۇن كارىدورغا ئېسىلغان قىزىل پانۇسلار ئۇنىڭ كۆزىنى چاقناتتى.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، پانۇس ئاسقاندىن باشقا، ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لار يەنە كوچا بويىدىكى دۇكان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، مەكتەپلەر، ئورگانلارغا چاغانلىق بېزەك بۇيۇملىرىنى چاپلايدىكەن، ئايرودۇرۇم، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى، ئاپتوموبىل بېكىتى، ئاممىۋى قاتناش بېكىتى قاتارلىق نۇقتىلارغا چاغانلىق رەسىم ۋە چاغانلىق لوزۇنكىلارنى ئاسىدىكەن.

دوستلۇق جەنۇبىي يولىدا، ئىشچىلار پانۇسلارنى ئاسماقتا. مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى

  ئۇنىڭدىن باشقا، 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە ۋە 2-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچ سائەت 19:30دىن ئەتىسى سائەت 1:00گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بايرام ئەندىزىسى بويىچە توققۇز چوڭ نۇقتىلىق تەۋەلىك رايونىدىكى مەنزىرە يورۇتۇش ئەسلىھەسى، ئاساسلىق كوچا، يوللاردىكى دەل-دەرەخلەرنى يورۇتۇش ئەسلىھەسى، گۈزەللىك قۇرۇلۇشى بىنالىرىنى يورۇتۇش ئەسلىھەسىنى ئاچىدۇ. كەچ سائەت 20:00دىن 22:00گىچە، خۇڭسەن چوڭ كۆۋرۈكى تەۋەلىك رايونى، كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونى، دوستلۇق سودا چەمبىرىكى، ئەلنەپ سارىيى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى يولغا قويۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە قويۇق چاغان پۇرىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى