يېڭى ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

− ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

گۈللەپ ياشناشقا تەق بولدى ھەممە، كۈتمەكتە باھارنىڭ گۈلدۈرمامىسىنى. بارلىق ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز ئىككى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك، ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان ۋەكىللەر، ئەزالارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن» ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچىدىغان، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان، پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان مۇھىم پەيتتە ئېچىلغان بولۇپ، «ئىككىنچى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنى پىلانلاش، «14 - بەش يىل»لىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىشتەك مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. يىغىن مەزگىلىدە، ھەرقايسى ۋەكىللەر، ئەزالار يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق بىلەن، مۇقىملىق، تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە كېڭەشتى، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى سۇندى، يىغىن كىشىنى روھلاندۇرىدىغان مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى.

كۈرەش ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، مەسئۇلىيەتچانلىق گۈزەل سەھىپە پۈتتى. «13 - بەش يىل»غا قايتا نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم قويۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى، يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرى قەرەلىدە تاماملاندى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى پەقەتلا مۇقەددىمە؛ بوشاشماي تىرىشساقلا نىشانغا ھامان يېتەلەيمىز. «14 - بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم قويىدىغان ھالقىلىق بەش يىل. 2035 - يىلىغا بارغاندا پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نىشانى بويىچە، بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلىدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلىنىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ياخشىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ، جەمئىيەت مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى يېڭى يۈكسىلىشكە ئېرىشىدۇ. بۇ سەككىز «يېڭى» دېگەن سۆز شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەرگەن، «ئىككىنچى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى چالغان.

مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ، باشلىنىش يىلى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلۈپ، زورايتىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ، سېلىنما ۋە ئىستېمال كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىدۇ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملىنىپ، كېڭەيتىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە ياخشىلىنىدۇ... ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، مەۋقە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى ھەربىر كونكرېت نىشانغا، ھەربىر تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتكە، ھەربىر خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىغا ئايلاندۇرۇلغان، تۈرلۈك كۆزلىمە نىشانلار كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ھەم ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇپ، بۇ، بىزنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن «14 - بەش يىل»نىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، پۇختا، ئەستايىدىللىق بىلەن غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، يېڭى ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى