تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

توختى ياقۇپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

توختى ياقۇپ، ئەر، ئۇيغۇر، 1962 - يىلى 10 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ بايدىن، 1984 - يىلى 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1991 - يىلى 6 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئالىي بوغالتىر.

1980 - يىلى 9 - ئايدىن 1984 - يىلى 8 - ئايغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد شۆيۈەنى مالىيە فاكۇلتېتىنىڭ مالىيە كەسپىدە ئوقۇغان؛ 1984 - يىلى 8 - ئايدىن 1991 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ كەسىپ باشقارمىسىدا كادىر بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1988 - يىلى 10 - ئايدىن 1991 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىدە ۋەزىپە بىلەن چېنىققان)؛ 1991 - يىلى 7 - ئايدىن 1994 - يىلى 10 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مەدەنىيەت - مائارىپ - مەمۇرىي مالىيە باشقارمىسىدا مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛ 1994 - يىلى 10 - ئايدىن 1997 - يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مەدەنىيەت - مائارىپ - مەمۇرىي مالىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995 - يىلى 9 - ئايدىن 1996 - يىلى 7 - ئايغىچە تيەنجىن داشۆسى باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭ مىللىي كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 1997 - يىلى 11 - ئايدىن 2001 - يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى خامچوت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (1999 - يىلى 3 - ئايدا باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك بولغان) (بۇ مەزگىلدە: 1998 - يىلى 9 - ئايدىن 2000 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ داشۆسىنىڭ سىياسىي - ئىقتىساد كەسپى ئاسپىرانتلار دەرسى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2001 - يىلى 5 - ئايدىن 2002 - يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى خەزىنە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (2001 - يىلى 3 - ئايدىن 2002 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)؛ 2002 - يىلى 5 - ئايدىن 2002 - يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مەمۇرىي - سىياسىي قانۇن باشقارمىىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 2002 - يىلى 11 - ئايدىن 2011 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر بولغان (2001 - يىلى 3 - ئايدىن 2004 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 2007 - يىلى 3 - ئايدىن 2007 - يىلى 9 - ئايغىچە مالىيە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە بىلەن چېنىققان؛ 2008 - يىلى 3 - ئايدىن 2009 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوتتۇرا ياش - ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 2009 - يىلى 7 - ئايدىن 2010 - يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش 1 - خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان)؛ 2011 - يىلى 7 - ئايدىن 2016 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2015 - يىلى 3 - ئايدىن 2016 - يىلى 2 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە، ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرىدا تۇرۇشلۇق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان)؛ 2016 - يىلى 7 - ئايدىن 2018 - يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر، ئاپتونوم رايونلۇق ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛ 2018 - يىلى 11 - ئايدىن 2020 - يىلى 5 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر بولغان؛ 2020 - يىلى 5 - ئايدىن 2020 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 2020 - يىلى 6 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق