ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى يېپىلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى يېپىلدى

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى شەۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى

«ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى» تەستىقلاندى، «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى» قاتارلىقلار ماقۇللاندى

2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. سۈرەتتە: يىغىن نەق مەيدانى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. شەۋكەت ئىمىن يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 536 نەپەر، ئەمەلىي قاتناشقىنى 484 نەپەر بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا جۇ خەيلۇن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەلنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق، باش كاتىپىلىق ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىندا نامسىز بېلەت تاشلاش شەكلى قوللىنىلىپ، لى نىڭپىڭ، زۇمرەت ئوبۇل، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقاممەت ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، مۇتەللىپ روزى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا، ۋاڭ شۆدۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خامچوتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا تۈرلۈك قارالمىلار تاماملانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا، ھەرقايسى ۋەكىللەر، ئەزالار يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، مۇزاكىرە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، روھنى ئۇرغۇتتى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش باشلانغان يىل. ئۇلۇغ ئىش بىزنى چاقىرماقتا، مۇقەددەس بۇرچ بىزنى رىغبەتلەندۈرمەكتە. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن، كەم - كوتسىز ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىجىل تۈردە نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچەپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى ئۆلچەمگە توغرىلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. «ئۈچ يېڭى» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىستېمىلىق قاراش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، پۈتۈن گەۋدە خاراكتېرلىك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى»نى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى قوللاش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باشتىن - ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى پىروگراممىسى ۋە روھى قىلىپ، باشتىن - ئاخىر «ئۈچ يېڭى» تەلىپىنى يېڭى تەرەققىياتنىڭ چوڭ لوگىكىسى قىلىپ، تۈزگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى چىڭ كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، جان تىكىپ ئېلىشىش ئارقىلىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى شان - شەرەپنى نەقىشلەپ، «14 - بەش يىل» باشلانغان يىلدا يېڭى قالتىس سەھىپىلەرنى پۈتۈش كېرەك.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يېپىلدى.

يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.