تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىنىڭ قارارى

(2021- يىلى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ھەم 2020 - يىلىدىكى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر، مۇھىم، زور تەدبىرلەر ۋە 2021 - يىللىق خىزمەت ئومۇمىي تەلىپى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانى، نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى!

ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14- بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035- يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى(لايىھە)»نى تەكشۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى»نى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان - ۋەزىپىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەمدە ئىلگىرىلىشىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناق - ئىتتىپاق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى!

ئاپتونوم رايوننىڭ 2020- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات» ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاشنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ 2020- يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 -يىللىق خامچوتى توغرىسىدىكى قارار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قوشۇلدى. يىغىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاشنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى مۇدىر شەۋكەت ئىمىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىللىق ئاساسىي ۋەزىپىلەر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ بالدىقىنى ئۆرلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن تەبرىكلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىدىن رازى بولۇپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2021 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، سوت قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن تەبرىكلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى باش تەپتىش لى يۇڭجۈن بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرىدىن رازى بولۇپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2021 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ، مەمۇرىي، ئاممىۋى مەنپەئەت تەپتىشلىكى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، ماس، تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن تەبرىكلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق