تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

− قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەن جېڭيۈنى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

«13 - بەش يىل» مەزگىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئەڭ تېز ئاشقان، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن مەزگىل بولدى، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. «14 - بەش يىل»غا نەزەر سالغاندا، قىزىلسۇ ئوبلاستى قانداق قىلىپ رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، مۇھىت ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات - تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەن جېڭيۈنى زىيارەت قىلدى.

كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئاجىز تۈرلەر كۈچەيتىلدى

«<13 - بەش يىل> مەزگىلىدە قىزىلسۇ ئوبلاستى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا غەلىبىلىك يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، كارخانىلارنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، قىزىلسۇ ئوبلاستى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاپ، 56 مىڭ 300 ئائىلىدىكى 250 مىڭ 900 ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، 214 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈلدى، تۆت نامرات ناھىيە (شەھەر)نىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %53.21 تىن نۆلگە چۈشتى» دېدى ئەن جېڭيۈ.

ئەن جېڭيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: «شۇ يەرنىڭ سۈيى، تۇپرىقى شۇيەردىكىلەرنى باقالماسلىق» قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2016 - يىلىدىن باشلاپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، نامرات ئاممىنىڭ تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن چىقىشىغا ياردەم بەردى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە توققۇز ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا 10 مىڭدىن ئارتۇق چارۋىچى كۆچۈرۈلۈپ، سۇ، توك، يول، پار، تەبىئىي گاز، يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، مەدەنىيەت مەيدانى قاتارلىق يۇمشاق، قاتتىق دېتال يانداش ئەسلىھەلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق قۇرۇش، تولۇق قاپلاشقا ماس قەدەمدە تۈرتكە بولۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزىلسۇ ئوبلاستى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخى (ھەمراھ زاۋۇت)، باقمىچىلىق مەيدانى، ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكى قاتارلىق بىر تۈركۈم كۆچۈرۈشنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات تۈرلىرىنى ماس قەدەمدە يۈرۈشلەشتۈردى، بىر قاتار كۈچلۈك يادرولۇق تەدبىرلەر كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە مەھەللە ئىدارە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇس ئۈنۈمسىز تاغنىڭ سىرتىدا ئىللىق ئائىلىگە ئىگە بولدى.

سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر تورى، ئېنېرگىيە ئېچىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قۇرۇلۇپ ۋە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇھىم تىرەككە ئىگە قىلدى. ناھىيە دەرىجىلىك ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى، بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتۈن ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار، بالىلار، مېيىپلەرنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈردى. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق كۇتۇپخانا، ناھىيە (شەھەر)لىك تەنتەربىيە مەيدانى، يېزا - بازار پۇتبول مەيدانى قاتارلىق مەدەنىيەت ساھەلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى ۋە تەنتەربىيە، چېنىقىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى.

«بۇ بەش يىلدا، بىز خەلق تۇرمۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قەتىئي تۈردە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى پۈتتۈرۈپ ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدۇق. <13 - بەش يىل> مەزگىلىدە، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە جەمئىي 1563 نۇقتىلىق تۈر يولغا قويۇلۇپ، 61 مىليارد 705 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى» دېدى ئەن جېڭيۈ.

كەسىپ ئاساسى كۈچەيتىلىپ، ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى

ئەن جېڭيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» تەرەققىيات فاڭجېنى بويىچە، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پۈتۈن ئوبلاست سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى، تۆۋەن كاربونلۇق، يېشىل ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

1 - كەسىپ جەھەتتە، ئاشلىق، پاختا، شال مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى، سۈپىتى تۆۋەن، ئۈنۈمى تۆۋەن باغلارنى ئۆزگەرتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش بېغى بەرپا قىلىش، باغ - ئورمانچىلىق ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ۋە باغ - ئورمان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېرىقچىلىقتا سىجىل ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دېھقان - چارۋىچىلار <تېرىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق>تىن <تالىشىپ تېرىش>قىچە بولغان جەرياندا، يېزا ئىگىلىكى ئۈنۈمى بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمى تەڭ ئاشتى» دېدى ئەن جېڭيۈ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈپ، ئېڭىز ئورنىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېمىتىپ سۇغىرىش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. قىزىلسۇ ئوبلاستى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش ئارقىلىق نەپكە ئېرىشكەن دېھقانلارنى يۆلەپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

2 - كەسىپ جەھەتتە، قىزىلسۇ ئوبلاستى نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۈرلەردە ئىش باشلاش، قۇرۇلۇشنى تاماملاش، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەن جېڭيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: بەش يىلدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستىدا 150 تىن ئارتۇق نۇقتىلىق سانائەت تۈرىدە ئىش باشلىنىپ، جەمئىي 26 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. سانائەت باغچە رايونىدىن تۆتى قۇرۇلۇپ، جەمئىي 374 كارخانا ماكانلاشتى، سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 16 مىليارد 135 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 8878 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەل قىلىندى. خاس باغچە رايونى ۋە نۇقتىلىق كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، باغچە رايونىنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەت يانداش ئىقتىدارى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، باغچە رايونىنىڭ چوڭ كارخانا، چوڭ تۈر، چوڭ كەسىپلەرنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

3 - كەسىپ جەھەتتە، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدىكى تيەنمېن مەنزىرە رايونى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى مۇزلۇق باغچىسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى خۇڭسەن جىلغىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ سەنچيەننيەن ئۆرپ - ئادەت كوچىسى، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش، قىرغىز مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت كەنتى، ئويتاغ «پامىر رەسساملار كىچىك بازىرى» قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

ئەن جېڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: بەش يىلدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دىققەتنى باشتىن - ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويدى، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات - تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن نەتىجىلەردىن تولۇق بەھرىمەن بولدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

«<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ؛ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 ئەتراپىدا ئاشۇرىدۇ؛ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10 ئەتراپىدا ئاشۇرىدۇ؛ شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7 ئەتراپىدا ئاشۇرىدۇ؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %10تىن كۆپرەك ئاشۇرىدۇ» دېدى ئەن جېڭيۈ.

ئەن جېڭيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، قىزىلسۇ ئوبلاستى رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، مۇھىت ئەۋزەللىكى، ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى ۋە يەر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئەمگەك كۈچى تەننەرخى تۆۋەن بولۇش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە - چېۋە، چارۋىچىلىقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپنى زىچ چۆرىدەپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساپا قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنىڭ كەسىپلىشىشى، ئۆلچەملىشىشى، كۆلەملىشىشى، تۈجۈپىلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىياسەت، پەن - تېخنىكا، ئەسلىھە - جابدۇق، ئىختىساسلىقلار ۋە تۈزۈلمە تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

كەلگۈسى بەش يىلدا، قىزىلسۇ ئوبلاستى چوڭ تۈرلەرنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلايدۇ. ئىسلاھات چارىسى، بازارلاشقان يۈرۈشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ قوزغىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەل ئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بازار يېتەكچىلىكىدىكى سېلىنمىنىڭ ئىچكى ئېشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلايدۇ. قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كارخانىلارنى مانگان، قوغۇشۇن - سىنك، ۋانادىي تىتان، گىپىس قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پائال يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىشقا يېتەكلەيدۇ. يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېتەكچى پىكرىنى تۈزۈپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ «زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ كىرگۈزۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «كىچىكلىكتىن كۆلەملىشىشكە ئۆرلەش» كارخانىسىدىن 100نى يېتىشتۈرۈشنى پىلانلاپ، تىرىشىپ جەمئىي 20 كارخانىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بىرتۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. يېشىل كان، يېشىل زاۋۇت بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، سەككىز كارخانىنى دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ.

ئەن جېڭيۈ مۇنداق بىلدۈردى: «<14 - بەش يىل> مەزگىلىدە، بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى