تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقتى

    2-ئاينىڭ 4- كۈنى، ۋەكىل يى سەنتەي (سولدىن 1- كىشى) ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىشغا قاتناشقاندا، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4- كۈنى، ۋەكىل رەشىدە ئابلىز (سولدىن 2- كىشى) تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىشغا قاتناشقاندا، ئاساسىي قاتلامنىڭ قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆز قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى

    2-ئاينىڭ 3- كۈنى، ۋەكىل شەۋكەت ياسىن خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سۆز قىلدى.
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

    2-ئاينىڭ 3- كۈنى، ۋەكىل دىلمۇرات مەمەت (سولدىن 1- كىشى) شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

    2-ئاينىڭ 4- كۈنى، ۋەكىل سالاھىدىن مەمەت قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا سۆز قىلدى.
ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق