تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدىكى چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش قول تۇتۇشۇپ بەخت تىلەشتى!

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق كومىتېت پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى ۋاڭ لىنا كىچىك دوست ۋاڭ زىخەنگە «春» خېتىنى قىيىشنى ئۆگەتمەكتە. مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن پېڭ، پىراكتىكانت ئاينار جۇماش فوتوسى، خەۋىرى) «بۈگۈنكى پائالىيەت ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە بالىلىرىم بىلەن بىرگە قاتنىشىمەن!» 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيتاشەن تارماق رايونى خۇايۈەن ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى جۇ خۇڭشيا قوشكېزەك ئوغۇل-قىزىنى ئېلىپ بىر مەيدان چاغانلىق بەخت تىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇ خۇڭشيا ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللىگەن چاغانلىق بەخت تىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە پېنسىيەگە چىققان بىر قىسىم كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەكلىپ قىلىندى، پېشقەدەم يولداشلار بالىلار بىلەن بىللە چۇنليەن يازدى، گۈل قىيدى. چاغانلىق تىلەكلەر بىلەن تولغان بۇ ئەسەرلەر چاغاندىن بۇرۇن تەۋەلىكتىكى پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار، پېشقەدەم نەمۇنىچىلارغا سوۋغا قىلىنىدۇ.

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىدىكى شىنجاڭ 1-ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى پېنسىيونېرى جۇ ياڭچېڭ بالىلار يېڭىلا قىيغان «春» خېتىنى ئاسماقتا. مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى

  بۈگۈنكى پائالىيەت بىزنىڭ ياش، ئۆسمۈرلەرگە قارىتا قانات يايدۇرغان قىشلىق تەتىللىك يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز ھەرقايسى مەھەللىلەردىكى «ئالتە يېرىم» دەرسخانىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، ياش، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيەۋى تەربىيە ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاشۇرۇش پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چوڭ قول كىچىك قولنى تۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بالىلارغا ئەنەنىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، يەنە تەۋەلىكتىكى ياشانغانلارنىڭ پېنسىيە تۇرمۇشىنى بېيىتالايمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ فاجۈن.

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن تارماق رايونى خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى جۇ خۇڭشيا قوشكېزەك بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە چۇنليەننى كۆرسەتمەكتە. مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى

  2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن تارماق رايونى خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن گاۋ ۋېي كىچىك دوستلار بىلەن بىللە مەھەللە ئاھالىلىرىگە چۇنليەن يازماقتا. مۇخبىر چىن پېڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى