تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

«ياخشى مائارىپ»نىڭ يېزا-كەنتلەردە جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش

سۆزلىگۈچى: ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسى قۇرۇمدۇق كەنتى يىدالياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەمەتمۇسا ساۋۇت

خاتىرىلىگۈچى: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

مەن يىدالياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى، مەنمۇ ئىلگىرى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم، مەن ئانا مەكتىپىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم، يەنە يېزا-كەنت مائارىپىنىڭ قەدەممۇقەدەم تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈردۈم.

ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ گىمناستىكا مەيدانى قاتتىقلاشتۇرۇلمىغانىدى، مەكتەپتە يېشىللىقمۇ يوق ئىدى، سىنىپلار كېسەكتىن سېلىنغانىدى، ئاساسىي ئىشخانا ئۈسكىنە شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش مۇھىتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مەكتەپ ئىچىدىكى يوللار ئومۇميۈزلۈك قاتتىقلاشتۇرۇلدى، گىمناستىكا مەيدانىغا يېڭىدىن يۈگۈرۈش يولى، گۈللۈك ياسالدى، ئوقۇتۇش بىناسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ئازادە، يورۇق بىناغا ئۆزگەرتىپ سېلىندى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشخانا، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن تولۇق، مەكتەپتىكى تۈرلۈك تەنھەرىكەت سايمانلىرى بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت يېزا-كەنت مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يىدالياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ قاتتىق دېتاللىرىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

1997-يىلى، مەن ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقاندا، بىر ئادەم بىر سىنىپقا مەسئۇل بولۇپ، ھەركۈنى ئالتە سائەت دەرس ئۆتەتتۇق. ھازىر مەكتەپتە نەچچە ئون ئوقۇتقۇچى بار، بالىلارنىڭ دەرسلىرى موللاشتى، تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، كومپيۇتېر، تەنتەربىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق.

ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ئۆسكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇشتىكى ئەڭ زور خۇشاللىقىم بولدى.

يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش نامراتلىقتىن سىجىل قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

بىزنىڭ بۇنداق ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپتە، بالىلارنىڭ مۇئەللىملەرنىڭ يېنىدا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى تېخىمۇ كۆپ بالىنى مەنپەئەتلەندۈرىدۇ.

بۇ يىل «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، يېزا-كەنت ئاساسىي مائارىپى يېزا-كەنت ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينايدۇ. يېزا-كەنت مائارىپىنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ياخشى قۇرۇش، كۈچلۈك قۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. مەن ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچى كۈچىنى ئاشۇرۇش، يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلەرنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا، مەن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش، ئۈن-سىن ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسلىك ماتېرىيالى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئەڭ يېڭى ئوقۇتۇش ئىدىيەسى، ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەيمەن، بۇ ئارقىلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئاساسىي ماھارىتىنى ئۆستۈرىمەن.

پەقەت شەھەر-يېزا مائارىپىنىڭ پەرقىنى يەنىمۇ كىچىكلىتپ، «ياخشى مائارىپ»نىڭ يېزا-كەنتلەردە جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، يېزىلاردىكى يېڭى ئەۋلادلار گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى