تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئاقسۇدا 13 دېھقان رەسسام ئۆزگىچە تۇرمۇشنى سىزىپ چىقتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ): 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيىدا، دېھقان رەسسام نەبىجان ئابدۇراخمان نۇرغۇن تاماشىبىننىڭ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى يايراپ كەتتى. «مېنىڭ ئىككى ئەسىرىم بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىندى، ئۇلار <تىككۈچى قىز>، <يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل>دىن ئىبارەت، بۇنچە كۆپ تاماشىبىننىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم» دېدى نەبىجان.

  1-ئاينىڭ 23-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە بىر مەيدان رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇردى، «مەن جېجياڭ-شىنجاڭنى سۆيىمەن»، «مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قۇرايلى»——چاغاننى كۈتۈۋېلىش دېھقانلار رەسىملىرى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى بويىچە جەمئىي 13 دېھقان رەسسامنىڭ 85 پارچە رەسىمى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى، ئىگىلىنىشىچە، رەسىم كۆرگەزمىسى 2-ئاينىڭ ئاخىرغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  «بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان دېھقانلار رەسىملىرىنىڭ باش تېمىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھەممىسىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېھىر-مۇھەببىتى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى تەسۋىرلەش باش تېما قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ چوڭ، ياخشى ۋەزىيىتى ۋە جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى زور نەتىجىلەر نامايان قىلىندى». ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئەسقەر تۇردىنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان دېھقانلار رەسىملىرىنىڭ باش تېمىسى روشەن، رەڭدار، مول بولۇپ، زامانىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

  «كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان 85 پارچە ئەسەر 130 دېھقان رەسسامنىڭ 400 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن تاللاپ چىقىلغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى 2020-يىلى 10-ئايدا ئۇيۇشتۇرۇلغان <جېجياڭ-ئاقسۇ دېھقانلار رەسىملىرى ئىجادىيىتى تەربىيەلەش كۇرسى>غا قاتناشقان» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسى، كەسىپلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى يۈ سۇڭ.

  يۈ سۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020-يىلىدىن باشلاپ، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مەن جېجياڭ-شىنجاڭنى سۆيىمەن» ماركىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلىپ، «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى»، «مەدەنىيەت بازىسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاش»، «ئەدەبىيات-سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش»، «مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىق تۆت چوڭ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغان.

  «بىز دېھقانلار رەسىملىرىنى بىر تۈرلۈك كەسىپ قىلىپ، دېھقانلار رەسىملىرى ئىجادىيىتى —— ھاسىلىي مەھسۇلاتلار لايىھەلەش —— ئىشلەپچىقىرىش، ياسىمىچىلىق —— ئوراپ قاچىلاش، سېتىش —— ماركا ئارقىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدۇق» دېدى يۈ سۇڭ، بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاقسۇ دېھقانلار رەسىملىرى سەنئىتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

  «ئاقسۇ دېھقانلار رەسىملىرىنى كېڭەيتىش ھەمدە ئالاقىدار مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاقسۇنىڭ دېھقانلار رەسىملىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە دېھقانلار رەسىملىرىنىڭ نەشر ھوقۇقى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى» دېدى يۈ سۇڭ.

  دېھقانلار رەسىملىرى ئاپتورى لۇتپۇللا ئەخمەت بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە. «<جېجياڭ-ئاقسۇ دېھقانلار رەسىملىرى ئىجادىيىتى تەربىيەلەش كۇرسى>دا، مەن جېجياڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەندىم، رەسىملىرىمنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتى، باش تېمىسى تېخىمۇ روشەنلەشتى» دېدى لۇتپۇللا.

  بۇ قېتىم چاغان تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، لۇتپۇللا بەخت كالىسىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىشى تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغانىدى. «بۇ ئىجادىيەتكە تەخمىنەن بىر ئايدەك ۋاقىت سەرپ قىلدىم، قولۇمدىكى رەسىم قەلىمى ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللارنى سىزىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى لۇتپۇللا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ رەسىملىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كۆرگەزمە قىلىنىپلا قالماستىن، كەلگۈسىدە يەنە جېجياڭ ئۆلكىسىدە سەييارە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ رەسىملىرى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىمۇ پات يېقىندا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

«مەن جېجياڭ-شىنجاڭنى سۆيىمەن»، «مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قۇرايلى» __ چاغاننى كۈتۈۋېلىش دېھقانلار رەسىملىرى ئىجادىيەت نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى نەق مەيدانى. ئىختىيارىي مۇخبىر يې شىتىڭ تەمىنلىگەن

دېھقانلار رەسىملىرى ئاپتورى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيىدا يېڭى ئەسىرىنى ئىجاد قىلماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىر يې شىتىڭ تەمىنلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى