تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنى 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

شۆھرەت زاكىر، ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى

نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، 14 ئەزا يىغىندا سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، كۇڭ شىڭلۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەزا شېڭ چۇنشوۋ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت - تارىخىي ماتېرىياللار ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئەزا پاتىگۈل مەمەت مائارىپ ساھەسىگە ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ۋاسىتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى مەردانىلىك بىلەن ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

ئەزا باقىتىۋ ئىنايەت سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئەزا پۇ شۆمېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: دىن ساھەسىنىڭ ئاڭلىق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىدىيە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئەزا خەن جۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مائارىپ سۈپىتى، مائارىپ ئىسلاھاتىدا يېڭى يۈكسىلىش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئەزا جياڭ پىڭئەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: يېزا ئېلېكتىرون سودىسى، ئەشيا ئوبوروت سودىسى، يېزا ئىگىلىكى ئىستىراھەت، ئېكسكۇرسىيە ساياھىتى، يېزا - كەنت پۇقراۋى قونالغۇسى قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ھالدا كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، مەنپەئەت زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئەزا ئەنۋەر تۇرسۇن مۇنداق تەكلىپ بەردى: سىياسەت، پۇل مۇئامىلە مەدىتى سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتىكى قوشۇلما قىممەت پايدىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىنى دېھقانلارغا قالدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئەزا بۇرھان قاھار مۇنداق تەكلىپ بەردى: رەقەملىك ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقى بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئەزا شيې شۈەن ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قاتنىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى بىر تۈركۈم كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئەزا ما خۇادۇڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: خاسلىققا ئىگە يايمىلار ھەم ئەتىگەنلىك، كەچلىك بازار ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىنچىكىلەشكەن، قېلىپلاشقان ئەندىزە ئارقىلىق شەھەر ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەزا سۈن بىن سۆزىدە مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، گېئولوگىيە ئىشلىرى زور نەتىجە يارىتىدىغان مۇھىم پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كانچىلىق خەلقئارا ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېزىلما بايلىقلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئەزا ۋاڭ جياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈش، ئىدېئولوگىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىش ھەم ئالاقىدار قانۇنچىللىق كاپالىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەزا گاۋ فاشۈي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، يوچۇقلارنى ئېتىشنى تېزلىتىپ، بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ئەزا ئېرمۇقاممەد رەشى سۆزىدە مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىياسىي ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىشلەش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دەۋرنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ئەزالىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، پېڭ جيارۈي، جارۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چۇڭجيۇۋ، جاۋ چىڭ، مەڭلىك سىيىت، قادىلبېك قامزا، سۈن خۇڭمېي يىغىنغا كېلىپ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى