ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى 25 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىندا مۇناسىۋەتلىك دوكلات ۋە ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى(لايىھەسى)نى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى، بۇ ئۈچ دوكلاتنى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مۇتەللىپ قاسىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.