تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى

گۇچۇڭ ناھىيەسىدە 300 مىڭ تۇياق ساغلىق تۆللەش يۇقىرى مەزگىلىگە كىردى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شىنجۈن، لو ۋېيدۇڭ): يېقىندا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىدە 300 مىڭ تۇياق ساغلىق تۆللەش يۇقىرى مەزگىلىگە كىردى، ھازىرغىچە، 260 مىڭ تۇياق قوزا تۆللەندى، مۆلچەرلىنىشىچە 2-ئاينىڭ بېشىدا 350 مىڭ تۇياق قوزا تۆللىنىش، قوش تۆللەش نىسبىتى %10كە، ئەي بولۇش نىسبىتى %97كە يېتىدىكەن.

  1-ئاينىڭ بېشىدا، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگوۋ بازىرى جامبۇلاق كەنتىدىكى باقمىچى جاڭ لۇرۇڭنىڭ قوتىنى 70 نەچچە قوزىنى «كۈتۈۋالدى». ئىللىق قوتاندا، تۇغۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان قوزىلار بىر-بىرىگە يۆلىنىپ، توختىماي مەرەيتتى. جاڭ لۇرۇڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «110دىن ئارتۇق دېمېي نەسىللىك ساغلىق باقتىم، نۆۋەتتە نەسىللىك قوزىدىن 70تىن ئارتۇق تۆللەندى، قوش تۆللەش نىسبىتى %20كە يەتتى، ساغلىقلار كېيىن يەنە داۋاملىق قوزىلايدۇ. مەن باققان بۇ دېمېي نەسىللىك ساغلىقىنىڭ نەسلى ياخشى، گۆشى تەملىك، بۇ يىل يازدا قوزىلار خېلى چوڭ بولغاندا دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى مال بىلەن تەمىنلەيمەن، بىر قوينى تەخمىنەن 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە يىل ئاخىرىدا قوتاندىكى ساغلىق 480 مىڭ تۇياققا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 300 مىڭ ساغلىق سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق قىشتا تۆللىگەن. تۆللەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، گۇچۇڭ ناھىيەسى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، باقمىچىلارنى تۆللەش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ھەرقايسى كەنتلەرگە بېرىپ تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، تۆللەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  گۇچۇڭ ناھىيەلىك ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى نەسىل ياخشىلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گالىماتېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، گۇچۇڭ ناھىيەسى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمە كۆچۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلار ئارقىلىق ئىلگىرىكى ئەتىياز پەسلىدە تۆللەش، كۈزدە بازارغا سېلىشتەك تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ساغلىقنىڭ كۆپىيىش دەۋرىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان، قىشتا تۇغۇلغان قوزىلارنىڭ يېتىلىش دەۋرى قىسقا بولۇپ، ھەر يىلى 5-، 6-ئايدا بازارغا سېلىنىپ، بازارنى ئالدىن ئىگىلىيەلەيدىكەن. «بىز بۇلتۇر 8-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ناھىيەدىكى باقمىچىلار باققان دېمېي نەسىللىك ساغلىقلىرىنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇپ، بۇ ساغلىقلارنىڭ قىشتا تۆللىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. قىشتا تۇغۇلغان قوزىلار قوتاندىن چىقىشى بالدۇر، بازارغا كىرىشى تېز، تەننەرخى تۆۋەن، باھاسى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ بېشىدا بۇ قوزىلار بازارغا سېلىنىپ، باقمىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى گالىماتې.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق