تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسى، پىلان لايىھەسى دوكلاتى ۋە خامچوت لايىھەسى دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى مەھكەم ئىگىلىنىپ، ھەم «13 - بەش يىل»مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ ھەم تەرەققىياتتا ساقلانغان بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىنىپتۇ. دوكلات ئىخچام، ئەمەلىيەتچىل، يارقىن نۇقتىلىرى كۆپ بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىدە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇلۇپتۇ، ناھايىتى كۈچلۈك بولغان پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە، دەۋر خاراكتېرىگە، ئىستراتېگىيەلىككە ۋە يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە بوپتۇ.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، روھنى ئۇرغۇتىدىغان بولۇپ، ئەھۋال دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى چىڭ تۇتۇلۇپتۇ، ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپتۇ.» ئەزا گۈلباھار مەمەتئېلى مۇنداق دېدى: دوكلاتتىن مەن «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، يۇرتۇمدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدىم. تېببىي خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە داۋالاش - سەھىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

ئەزا رەيھان يۈسۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىدە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىگە قارىتا ئېنىق نىشان، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بىز ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزىمىز، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەيدىغان ئېگىزلىك بەرپا قىلىپ، ئۇل تەتقىقات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز.

ئەزا جاڭ لىشىن مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئالىي مەكتەپلەر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئۆزىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئورۇن بەلگىلىشى ۋە خاسلىقىغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، پەن قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئىلمىي تەتقىقاتتا «ماسلاشتۇرۇش نۇقتىسى»نى توغرا تېپىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، چاۋ جىن، سۈي يۈنيەن، پەرىزات ئابدۇل، جاڭ جىلى، ۋاڭ يۈجاۋ، چېن چياڭۋېي، جاۋ شىيا، لياڭ لىخۇالار يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى