تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى.

ۋەكىل لى جۈەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ئېنىق، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئورۇنلاشتۇرمىسى پۇختا بوپتۇ، ئۆتكەن بەش يىللىق نەتىجىلەرگە يۈكسەك ئىخچام، ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي نەزەر سېلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ھەمدە 2021 - يىللىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغاندا مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئورۇن بەلگىلەش دەل جايىدا بوپتۇ، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بوپتۇ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاسلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بولۇپمۇ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن روھلاندىم، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ۋەكىل لى جۈەن تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ بەردى.

ۋەكىل گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا دىققەت تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن، دىققەت خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، ئېكولوگىيە، مەدەنىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بۇ يىل ھەم كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ، بۇ، كىشىنى تولىمۇ روھلاندۇرىدۇ. دوكلاتتا شىنجاڭنى قوللاۋاتقان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭدا رايون ھالقىغان «چاچما باغچە رايونى» قۇرۇشىنى قوللاش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.

ۋەكىل ماۋ گوفىڭ مۇنداق دېدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون ئاشلىق، پاختا، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ۋەكىللىكىدىكى خاس يېزا ئىگىلىكىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى تەجرىبىخانىلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر بولسۇن ياكى ئېتىزلاردىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى بولسۇن، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا گىرەلەشتۈرۈپ، خاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى سەرخىللاشتۇرۇش، كۈچەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋەكىل گۈلجاينار خۇمار مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئەمەلىيلىشىشى پۇختا بوپتۇ، ھەم نەتىجىلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ھەم مەسىلىگە يۈزلەنگەن ئەمەلىي دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنت كەسىپ تەرەققىياتىنى زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشىشكە يېتەكلەيمەن.

ۋەكىل كامران زۇنۇن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى، كارخانىلار، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار كۆپ نەپكە ئېرىشتى. بۇلتۇر چىقىرىلغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتىلغان بىر قاتار سىياسەتلەر نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى، بىز پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى. ھۆكۈمەتنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى، تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا بىرقىسىم قوللاش، يۆلەش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەكىل تالەيگۈل تۇردىباي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاپتونوم رايون يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارغا ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملىشى كېرەك.

ۋەكىللەر قاراپ چىقىش جەريانىدا يەنە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، مۇستەھكەملەش، داشۆنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ياخشى ھەل قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، گۆش كالىسى، گۆش قويى باقمچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، شى شىن، رايىدە، جېڭ جو، خېي خۇڭۋېي، ۋاڭ نالار يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق