تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«13-بەش يىل»لىق نەتىجىلەر كۆزنى چاقناتتى «14-بەش يىل»غا ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، شىنجاڭ خىزمىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىككى يىغىنىدا ۋەكىللەر، ئەزالار قاراپ چىقىش، مۇزاكىرە قىلىش داۋامىدا مۇۋەپپەقىيەتلەر توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىشەنچ توغرىسىدا توختىلىپ، «14-بەش يىل»نى باشلاش ئۈچۈن بىرلىكتە ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

قالتىس مۇۋەپپەقىيەت

شىنجاڭنىڭ «13-بەش يىل»ىغا نەزەر سالساق، مۇساپە ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىدى، مۇۋەپپەقىيەتلەر ئادەتتىن تاشقىرى كۆزنى چاقناتتى.

«مۇقىم، ئىناق بولغان جەمئىيەت مۇھىتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەڭ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شايار ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شەپقەت ھوشۇر مۇنداق دېدى: مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىنىڭ پايدىسىدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا تىنچ، ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك ئىنتايىن ياخشى مەنزىرە بارلىققا كەلدى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتتى ھەم يىلسېرى ئاشتى، شەھەر-يېزىلارنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «قالتىس نەتىجىلەرنى، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ».

«<سالاپەتلىك بولۇش، گۈزەل بولۇش> ئىزچىل شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولدى. بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 2020-يىلىدا، شىنجاڭ سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ئالدىدا، شىنجاڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كۈچنى توپلاپ تەرەققىي قىلىپ، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %3.4 ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.

«ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قەدىمى پۇختا، مەزمۇت تاشلاندى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە نەپ يەتكۈزدى.» تارىم داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى لى چىڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئون نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، شىنجاڭ مۇتلەق نامراتلىقنى تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، بۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىكى <ئەڭ ئىللىق مۇۋەپپەقىيەت>». قەشقەر شەھىرىنىڭ شامالباغ بازىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رەيھانگۈل ئىمىر چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، مائارىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قاتارلىق قۇرۇلۇشلار پۇقرالارنى ھەقىقىي ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى. «كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلاندى، تەبەسسۇمى تېخىمۇ كۆپەيدى، گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىشتىكى غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى».

قەتئىي ئىشەنچ

پەۋقۇلئاددە تەرەققىيات جاۋاب قەغىزىگە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئىشەنچ ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن.

«بۇ ئىشەنچ ھەم بىز قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن كەلگەن، ھەم پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىكىمىزدىن كەلگەن.» شەپقەت ھوشۇر مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئالاھىدە غەمخورلۇقى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشەنچ مەنبەيىمىز، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى، بايلىق، سىياسەت ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىزگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلىشى بۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كاپالىتى. «پۇرسەتنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشساقلا، چوقۇم بېكىتىلگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ گوخۇا مۇنداق دېدى: «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات كۆلىمى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىركەتنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 7 مىليارد يۈەنگە يەتمەيدىغان ھالەتتىن ئېشىپ 15 مىليارد يۈەنگە يەتتى، ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئىشەنچى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. بۇنىڭدىن كېيىن كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىكى باشلامچى ۋە ئاساسىي قوشۇن بولىمىز.

«شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭدىن مەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى.» لى چىڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ، پەن تەتقىقات جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پائال ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان

«14-بەش يىل»نىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تەدرىجىي نامايان بولماقتا.

گاۋ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىل شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭنىڭ «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن نىشان ۋە يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

«شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش سانائەت ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئايرىلالمايدۇ، كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار.» جاڭ گوخۇا مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، شىركەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تىجارەت، تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاقىل كان قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كانچىلىق گۇرۇھى بەرپا قىلىدۇ.

«شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقى تېخىمۇ زور، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىنىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى ۋېنجۈەن مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئېگىزلىكتىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمىز.

يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. «14-بەش يىل» باشلانغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلار غەيرەت-جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق