تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولۇندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيان، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار 767 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 668 پارچە تەكلىپ تۇرغۇزۇلۇپ، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەندىكى 78 ئورۇننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلۇپ، ھەممىسى ۋاقتىدا بېجىرىلىپ بولۇندى.

بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان 668 پارچە تەكلىپ ئىچىدە، ھەل قىلىنغان ياكى قوبۇل قىلىنغان A تۈردىكى تەكلىپ 214 پارچە بولۇپ، %32.1نى ئىگىلىدى؛ پىلانغا كىرگۈزۈلگەن ياكى ھەل قىلىنىۋاتقان B تۈردىكى تەكلىپ 375 پارچە بولۇپ، %56.1نى ئىگىلىدى؛ دەرھال ھەل قىلىش قىيىن بولغان پايدىلىنىشقا قالدۇرۇلغان C تۈردىكى تەكلىپ 79 پارچە بولۇپ، %11.8نى ئىگىلىدى.

تەكلىپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلىرىگە چېتىلىدۇ. ئەزالار يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر تولۇق قوبۇل قىلىندى ھەم بېجىرىلىشى پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە يېزا - بازار، كەنت ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش چۆرىدىلىپ تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارچىلاشقا بولىدىغان سەپلىمە ماتېرىياللارنى يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر «ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە سانائەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى تۈزۈشنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش چۆرىدىلىپ تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پائال قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشتى. ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ياخشى قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولدى.

مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش چۆرىدىلىپ تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭنىڭ دۇنياۋى مەدەنىيەت مىراس يېرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش، شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپى بىلەن ساياھەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى شىنجاڭ تاشكېمىر سەنئىتى مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەتچىلىكنى ئېچىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر پائال قوبۇل قىلىندى.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش چۆرىدىلىپ تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى زورايتىش، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، قۇملىشىشنى تىزگىنلەش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى تۈزۈپ چىقىشنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى، زۇمرەت سۇنى قوغداش جېڭى، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەر ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق