تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قايتا يولغا چىقىش

− ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئېچىلغانلىقىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي

باھارنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھاۋا ئېچىلىپ، كاتتا يىغىن قەرەلىدە ئېچىلدى.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتناشقان 500گە يېقىن ۋەكىل غەيرەت - جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ پەلەمپەيدىن چىقتى.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ قەدەم ئېلىش يىلى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان باشلانغان يىل. تارىخنىڭ ئىشكالىسى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بەلگە قىلدى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە يىغىن باشلاندى، يىغىن زالى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى، بولۇپمۇ 2021 - يىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

«ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلىسەك، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.» بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1 ئاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسى قەرەلىدە تاماملاندى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا.

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار پۇرسەت ۋە ئەۋزەللىككىمۇ ئىگە بولىدۇ.» ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا قىيىنچىلىق، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، پۇرسەت، ئەۋزەللىكنى چىڭ كۆزلەپ، 15 جەھەتتىن «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر ۋە مۇھىم، زور تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بولۇپمۇ ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ، بۇ يىل نۇقتىلىق كۈچەشكە تېگىشلىك 12 جەھەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەت تىزىپ چىقىلدى، بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەر پۇختا، كۈچلۈك بولدى.

دوكلات قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىدى، دوكلاتتىكى ھەربىر جۈملە سۆز قەلبكە ئورنىدى. يىغىن مەيدانىدا پات - پات ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، بۇ ئالقىش سادالىرى خەلق رايىنىڭ دوكلاتقا قايتۇرغان ئىنكاسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ بىرلىشىپ گىرەلىشىشى.

سائەت 12دىن 7 مىنۇتلار ئۆتكەندە ئېچىلىش مۇراسىمى ئاياغلاشتى. ۋەكىللەر يىغىن مەيدانىدىن چىقتى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە، بۇرچقا، مەسئۇلىيەتكە بولغان ئويلىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئېنىق بولدى.

«بۇ دوكلاتتىن كونكرېت تەدبىر، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش رىتىمى ۋە تەنتەنىلىك ۋەدىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى قۇربان نىياز مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ بۇ يىل شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، مەسئۇلىيەتنى قەلبىمگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، يۇرتۇمنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزىمەن».

«1000 يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى ھەل قىلىندى، ئەمدى بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز، ئىشىنىمىزكى، <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ!» پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى كەبانۇ سىتقەدەم كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېدى.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا پۇقراۋى كارخانىلاردا ئەلالىرىنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش، باش رول ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، بىزدەك پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى!» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شې ياخۇي مۇنداق دېدى: «جاپالىق ئەجرىمىز بىلەن ھوسۇل ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، شىنجاڭ چوقۇم ئىشنى چىرايلىق باشلاپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ!»

شىنجاڭ خەلق سارىيىنىڭ سىرتىدا شامال چىقىپ، قىزىل بايراقلار لەپىلدىدى.

ئۇلۇغۋار تەرەققىيات پىلانى ئاستىدا، قەلبلەر ئالغا بېسىشقا تەلپۈنۈپ، بارلىق مەۋجۇداتلار ھاياتىي كۈچكە تولدى.

«يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما گوۋېي مۇنداق دېدى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە موھتاج، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەردانە قەدەم تاشلاپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى