تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش باش لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون مەدەنىيەت - ساياھەت سىستېمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەر ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولۇشى؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئومۇمىي مىقدارى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغدىشى، ۋارىسلىق قىلىشى، ئەۋج ئالدۇرۇشى؛ بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئاقىل مەدەنىيەت ساياھىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوبراز تەشۋىقاتى بىلەن مەھسۇلات ماركېتىڭىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يول بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، دەل جايىدىكى ماركېتىڭنى يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ياڭرىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى يارىتىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى مەھسۇلات ئېچىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە 2020 - يىلى دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن مەدەنىيەت - ساياھەت ئورۇنلىرى تەقدىرلەندى ۋە ئۇلارغا ۋىۋىسكا بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى