تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جىڭ ناھىيەسى: قىش كۈنلىرى پارنىك يېشىللىققا تولدى، كىرىمى ئاشقان دېھقانلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى

  ئانار بۇلۇت: يېقىندا، جىڭ ناھىيەسى دۇڭجۇاڭ كەنتىدىكى خۇڭشىڭ كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكى يېشىللىققا تولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، كوپىراتىپ ئەزالىرى شوخلا مايسىسىنى جىددىي، تەرتىپلىك كۆچۈرۈۋاتاتتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەركەزلىك يېتىشتۈرگەن كۆكتات مايسىلىرىنى ئەنئەنىۋى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىش ۋە كۈچنى تېجەيدىكەن، سۈپىتى ياخشى، ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن، كۆكتات مايسىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كۆكتاتچى دېھقانلارغا سېتىلىدىكەن. دۇڭجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقان لى گېڭشەننىڭ پارنىكتا كۆكتات تېرىۋاتقىنىغا 12 يىل بولدى، ئۇ ھەر يىلى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن كۆكتات مايسىسى زاكاز قىلىدۇ.

  لى گېڭشەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، ئىلگىرى پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرگەندە تېخنىكا كەمچىل بولغاچقا، كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈشى تەكشى بولمىغان، مايسىلار دائىم قۇرۇپ قالىدىغان، سېسىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، كېلەر يىللىق ھوسۇلغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. «مەركەزلىك مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى، باشقۇرۇشنى بىر تۇتاش قىلغاندا، كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆستۈرگىلى، شۇنداقلا ئەمگەك ۋە كۈچنى تېجەپ، تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. مەنمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرمەكچى، بۇ يىل يەنە ئىككى، ئۈچ پارنىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىمەن» دېدى لى گېڭشەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەسىلسىز كۆكتات تېرىش دېھقانلارنىڭ بېيىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى دۇڭجۇاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلارنىڭ ئارقا تىرەك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، 260 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە يېڭىدىن زامانىۋى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكى ۋە يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش قىلىپ، پارنىكتا كۆكتات تېرىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» مەشغۇلات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، مايسا يېتىشتۈرۈش ھالقىسىدىن سۈپەتنى بىرتۇتاش ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  چېن يەن مۇنداق دېدى:«ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا 100دىن ئارتۇق كۆكتات پارنىكى بار، ھەر بىر پارنىكنىڭ يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون يۈەنگە يەتتى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، كۆكتات سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز».

مەنبە: جىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، گۈلسۇنئاي، چېن يۇڭلياڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى