تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

1 مىليون 577 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى

  ئانار بۇلۇت: 2020-يىلى، توققۇزتارا ناھىيەسى يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال ئىلھام بېرىپ، 3154 يەككە سودا-سانائەتچى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىغا 1 مىليون 577 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى.

  ئاھالە ۋاڭ چۈەن ناھىيە بازىرىدا ئاپتوموبىل بالونى دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، ئاساسلىقى ئاپتوموبىل بالونى ۋە ئاپتول سېتىش ھەمدە تۆت چاقلىق ئورۇن بەلگىلەش، تېز رېمونت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. 15 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بالون دۇكىنىنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكى 50 كىۋادرات مېتىردىن ھازىرقى 180 كىۋادرات مېتىرغا، ئىشچىلارنىڭ سانىمۇ ئەسلىدىكى بىر كىشىدىن ھازىرقى بەش كىشىگە يەتتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى جەريانىدا، ئۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆيىدە دەم ئالدى، ئىككى ئاي تىجارەت قىلمىغاچقا، دۇكىنىنىڭ سودىسىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىدى، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

  سودىگەر ۋاڭ چۈەن مۇنداق دېدى:«ھۆكۈمەت مۇناسىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بىزگە 500 يۈەن تولۇقلىما بەردى، بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ بىزدەك يەككە تىجارەتچىلەرگە بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ دۇكاننى ياخشى باشقۇرۇپ، خېرىدارلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار، ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت» دېدى.

  سودىگەر جاڭ ياۋشيا مۇنداق دېدى: «پۇل ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، دۆلەت بىزنى ئويلاپتۇ، بۇنىڭدىن قەلبىمىز ئىللىدى».

  «ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ئون تۈرلۈك تەدبىرى»گە ئاساسەن، نۆۋەتتە، توققۇزتارا ناھىيەسى ناھىيە دائىرىسىدە 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە بىر قېتىملىق ئىجارە ياردەم پۇلى ئۈچۈن 500 يۈەن بېرىشنى تاماملىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئوبلاست، ناھىيە مالىيەسى %50نى ئۈستىگە ئالدى.

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، يى جىنفېڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق