تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاۋات كەنتى: ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈش تۇرمۇشنى تېخىمۇ تاتلىق قىلدى

   بايان قىلغۇچى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چەرچەن ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ئاۋات كەنتىدىن دېھقان تۇرسۇنجان ئىسمايىل

   خاتىرىلىگۈچى: شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

   چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇلار مەركىزىدىن شېن دەنخۇڭ، ئامانجان

   قولۇمدىكى بىر-بىرىدىن توق چىلانلارغا قاراپ، كۆپچىلىككە بۇ يىللاردىكى چىلان ئۆستۈرۈش كەچۈرمىشىمنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولدۇم.

   2005-يىلى، دادامنىڭ قولىدىن 20 مو چىلانلىقنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، 2008-يىلىغا كەلگەندە 50 موغا كېڭەيتتىم. 2018-يىلى، چەرچەن ناھىيەسى ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىدى، مەن بازارنىڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈشكە باشلىدىم. 2020-يىلى، چىلانلىقىمدىن جەمئىي 12 توننا ئورگانىك چىلان ھوسۇل ئالدىم، مۇشۇ بىر تۈردىنلا 240 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم.

   ئورگانىك چىلان تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى.

   ئىلگىرى كەنتتە يول چىرىغىمۇ، يەسلىمۇ يوق ئىدى، قىشتا بالىلارنى مەكتەپتىن كەچ قويۇپ بەرگەندە، ئاتا-ئانىلار قول چىراغ يېقىپ بالىلارنى ئالغىلى باراتتۇق. ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئېشىپلا قالماي، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشتى. 2017-يىلى، كەنتتە چىرايلىق يەسلى قۇرۇلدى. 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، كەنتكە 208 قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىلىپ، كەچ كىرىشى بىلەنلا ھەممە يەر يوپيورۇق بولۇپ كەتتى. كەنتتە يەنە پىيادىلەر يولى ياسالدى، بالىلار مەكتەپكە بارسا، مەكتەپتىن يانسا، ئاتا-ئانىلار ئەمدى ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق.

   2020-يىلى كەنتىمىزگە 2 مىليون 960 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېزىلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ھەممە ئائىلە سۇ چۈشۈرۈش شەكلىدىكى تەرەت قاچىسى ئىشلىتىدىغان بولدى، مۇنچا، يۈز يۇيۇش قاچىسى، كۆكتات يۇيۇش كۆلچىكىمۇ ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلاندى، بۇنىڭ شەھەردىكى تۇرمۇش بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق.

   بۇ يىل «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، كەنتىمىزنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كىچىك نىشانى بار: كەلگۈسى بەش يىلدا، ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، چىلان سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، كەنتنىڭ ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 3600 موغا كېڭەيتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 2020-يىلىدىكى ئاساستا 4500 يۈەن ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىمىز.

   ئىشىنىمەنكى، ھەربىر كىشى ئۆز نىشانىغا قاراپ بوشاشماي تىرىشسىلا، ۋەتىنىمىز بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى بەختلىك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق