يېڭى نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلايلى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلايلى

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بۈگۈن ئېچىلدى

يېڭى نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلايلى

− ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

بۈگۈن ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئېلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ شەرەپلىك بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ھەرقايسى سەپلىرىدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ياخشى چارىلىرىنى ئورتاق كۆزلەپ، «14 - بەش يىل»نىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ قېتىمقى يىغىن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئامما پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

تىرىشقانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، يەرگە ئەجىر قىلساق، يەر بىزنى ئالدىمايدۇ. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «13 - بەش يىل» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بەش يىل. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2020 - يىلىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەسكىن خىرىسى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا بولۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەش، تۈرلۈك مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش سىياسىتى ۋە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، نازارەت قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش نەتىجىسى گەۋدىلىك بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى تۈزۈم، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

2021 - يىلى مۇھىم، زور ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋاقىت تۈگۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ باشلىنىش يىلى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، بىز خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج. بىز ۋەكىللەرنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيلى.

يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ! ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، كېچە - كۈندۈز ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى