تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى ھەم ساھەلەرنىڭ تەكلىپلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى، پىكىر ئالماشتۇردى.

«دوكلات قالتىس، ئەمەلىي بوپتۇ، بىزنى تولىمۇ روھلاندۇردى، غەيرىتىمىزنى ھەسسىلەپ ئۇرغۇتتى!» مۇزاكىرە نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى، ئەزالار بەس - بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بىر يىلدىن بۇيانقى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىش ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا يېڭى بىر يىللىق خىزمەتلەردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلەر ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

ئەزالار بىردەك مۇنداق قارىدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. دوكلاتتا نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ يەكۈنلىنىپتۇ، يېڭى بىر يىلدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا نىشان ئېنىق، تەدبىرلەر كۈچلۈك بوپتۇ، بۇلار جەزمەن كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

«دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلغان، باش تېما روشەن، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، دەۋرچانلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.» ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل، مەن مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى چىڭ كۆزلەپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

«دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئىخچام، مەزمۇنلۇق، ئەمەلىي بولۇپ، ھەربىر سۆز - جۈملىدە سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى يادرولۇق مۇھىم مەزمۇن نامايان قىلىنىپتۇ.» ئەزا ياڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئۆتكەن بىر يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، بولۇپمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى نەتىجىلەر نامايان قىلىنىپتۇ، بۇ، كىشىنى چەكسىز روھلاندۇرىدۇ.

ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 17 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، 308 مىليون يۈەن پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى. بۇ، سىياسىي كېڭەشنىڭ «يادرو»لۇق كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «يېڭى بىر يىلدا مەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەستايىدىل ئەقىل - چارە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن».

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا پائال ئاتلىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش... ھەربىر ئەزا بۇ يىللىق دائىمىي كومىتېت خىزمىتىدىن دوكلاتىدىن ئۆزىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىق سىيماسىنى تاپالايدۇ.» ئەزا لۇ جىڭيى مۇنداق بىلدۈردى: ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.

«تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئارقا - ئارقىدىن نامايان بولدى، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ بولۇندى، بۇ بىزنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى، تولىمۇ روھلاندۇردى.» ئەزا ئابلەت مەخسۇت بىر يىلدىن بۇيان تەكلىپ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى ئالقىشلىدى.

ئەزا مامېي مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا قابا ناھىيەسىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ كۆزلەيمىز، بولۇپمۇ قىشلىق ساياھەت بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، سالمىقى بار تېخىمۇ كۆپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى «ساياھەت تامىقى» ئارقىلىق بېيىش يولىغا مېڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

«بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، <14 - بەش يىل> باشلانغان يىل. ئىتتىپاقلىق غەلىبىنىڭ ئەڭگۈشتەرى، بىز ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.» دېدى ئەزا راخمانجان داۋۇت.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، چاۋ جىن، مېھرىگۈل غوپۇر، پەرىزات ئابدۇل، سۈي يۈنيەن، ۋاڭ يۈجاۋ، لياڭ لىخۇا يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى