تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ رۇەن فۇجۇڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، سىزنى ھەم سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 12 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى يولداش رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋىيېتنام خەلقىنى يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىدا بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 13 - قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، باش شۇجى يولداش رۇەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. مەن جۇڭگو - ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، باش شۇجى يولداش رۇەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىش، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

سىزنىڭ يۈكسەك خىزمەت ئورنىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.