تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ كومىتېتى 1 - قېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى»نى قاراپ چىقتى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى. يىغىندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا سۇنۇلغان تەكلىپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىشنى 2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 14دە ئاخىرلاشتۇرۇش قارار قىلىندى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەكلىپلەردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىش چۆرىدىلىشى، دىققەت ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان، جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تېمىلار كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا تەكلىپ بېرىلىشى كېرەك. تەكلىپلەر كەسكىنلىككە، ئىلمىيلىككە، مۇمكىنچىلىككە ئىگە بولۇشى، بىر ئىشقا بىر تەكلىپ بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىخچام، مېغىزلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇشى، ئەھۋالمۇ، تەھلىلمۇ بولۇشى كېرەك. تەكلىپ - تەۋسىيەلەردە كىرىش ئېغىزى كىچىك بولۇش، داۋلى چىڭ بولۇش، نىشان توغرا بولۇش، ئېنىق، كونكرېت بولۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.

«لايىھە»دە تەكلىپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئۇسۇلى، ئاساسىي تەلەپلەر، تاپشۇرۇلۇش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈش ۋە بېجىرىش ھەم تەكلىپ تۇرغۇزۇش شەرتلىرى ئېنىق بەلگىلەندى. تەكلىپ خىزمىتى سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمىتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپلەرنى يىغىش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋە يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى داۋاملىق تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ، تەكلىپ كومىتېتى بۇ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرغۇزۇپ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئالاقىدار بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە يوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى