تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك كەسپى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ بىڭبىڭ خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي خەيخۇڭ توقۇمىچىلىق، گۈل بېسىش ۋە بوياش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتاتتى، ئىشچىلار كارخانا يېڭىدىن سېتىۋېلىپ كىرگۈزگەن توقۇش ئۈسكۈنىسىنى قوراشتۇرۇش، تەڭشەش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بۇ تۈركۈم ئۈسكۈنىلەر بىر ئاي ئىچىدە ئارقا-ئاقىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  «نۆۋەتتە، شىركەتتە ھازىر بار بولغان 680 ھاۋا پۈركۈپ توقۇش ماشىنىسىنى تەڭشەش تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھەركۈنلۈك رەخت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭ مېتىر ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى ئىلگىرىكىدىن %30 ئۆستى. شىركەت يەنە يېڭى رەخت توقۇش ئۈسكۈنىلىرىنى داۋاملىق كىرگۈزىدۇ» دېدى شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ياردەمچىسى لى چېن.

  شىنجاڭ جۇڭتەي خەيخۇڭ توقۇمىچىلىق، گۈل بېسىش ۋە بوياش چەكلىك شىركىتى يىپ ئېگىرىش، كىيىم-كېچەك رەخت ماتېرىيالى، گۈل بېسىش ۋە بوياشنى بىر گەۋدە قىلغان زامانىۋىلاشقان توقۇمىچىلىق كارخانىسى بولۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىش بىلەن بىللە، شىركەت ئۈسكۈنىلەرنى ۋاقتىدا يېڭىلىدى، يەنە تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبخانىسى تەسىس قىلىپ، ئەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. «ياخشى خام ماتېرىيال بولغاندىلا ياخشى مەھسۇلات بولىدۇ، ئىلغار سىناق قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈش شىركەتنىڭ پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش ئىش تەرتىپىنى قاتتىق كونترول قىلىش رولىنى ئويناپ، مەھسۇلات ۋە يېرىم تەييار مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىگە كاپالەتلىك قىلدى» دېدى لى چېن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقۇمىچىلىق كەسىپلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى كۈنسايىن گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كۆلەمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىللە، توقۇمىچىلىق كەسىپلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردى. تولۇق ئاپتوماتلاشقان يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر، يېڭى تىپتىكى يىپ ئېگىرىش تېخنىكىسى كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىپ، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچى روشەن دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كەسىپ زەنجىرىنى ئاخىرقى ئۇچىغىچە ئۇزارتىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى