1-ئاينىڭ 28-كۈنى، تىيانشان باغچىسىدىكى قار-مۇز تۈرىنى ھېس قىلىش رايونىدا، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ماھارەت كۆرسەتمەكتە.
(مۇخبىر جياڭ شياۋ فوتوسى)
شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما تىڭ): 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى قار-مۇز تەنتەربىيەسى ساياھىتى پەسلى توردا باشلاندى، قار-مۇز تۈرى يېتەكچىلىرى توردا يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى نامايان قىلدى.
تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى، قار-مۇز تېيىلىش شوتىسى، مۇز ئۈستى كىچىك چانىسى... شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان باغچىسىدىكى قار-مۇز تۈرلىرىنى ھېس قىلىش رايونىدا، قار-مۇز تۈرى يېتەكچىلىرى تۈر بويىچە بۆلەك ۋە ۋاقىتقا بۆلۈپ بىۋاسىتە تارقىتىش سۇپىسى ئارقىلىق، توردا شەھەر ئاھالىلىرىگە تۈرلۈك قار-مۇز تەنھەرىكىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرسەتتى. «مۇز تېيىلىشتىن بۇرۇن، بىز ئاۋۋال تەييارلىق ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز، بولۇپمۇ قول بېغىشىمىز ۋە پۇتىمىزنىڭ ھەرقايسى بوغۇملىرى ھەم پېيىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك... » فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش يېتەكچىسى خۇاڭ چېن بىرنەچچە ئوقۇغۇچىنى باشلاپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش كامېراسى ئالدىدا كۆپچىلىككە تەييارلىق خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش، مۇز ئايىغىنى قانداق كىيىش قاتارلىقلارنى ئۆگەتتى.
خۇاڭ چېن مۇنداق دېدى: «توردا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ توردا قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئىگىلەپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرۈپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى مېھراي ھاكىم مۇنداق دېدى: «بىز <ئالاقە تورى + ساياھەت>، <ئالاقە تورى + تەنتەربىيە>، <تەنتەربىيە + ساياھەت> قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قىشلىق <بۇلۇت ساياھىتى> يېڭى ئەندىزىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، بىر قاتار تور پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدۇق».
«تىيانشان رايونىمىز يەنە بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرگە 1600 پارچىدىن ئارتۇق ھەقسىز <قار-مۇز ھېس قىلىش كارتىسى> تارقىتىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قار-مۇز ھەرىكىتىنى چۈشىنىش، قاتنىشىش، ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.» مېھراي ھاكىم مۇنداق دېدى: «<قار-مۇزنى ھېس قىلىش كارتىسى> تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، قار موتوسىكلىتى، مۇز ئۈستى سوقما ئاپتوموبىلى، قار-مۇز سېيرىلغۇچى، توكلۇق كاردىڭ ئاپتوموبىلى، مۇز ئۈستى چانىسى، مۇز ئۈستى پىرقىرىغۇچى، مۇز ئۈستىدە ئەركىن تېيىلىش ئاپتوموبىلى، مۇز ئۈستىدە ۋېلسىپىتى قاتارلىق كۆپ خىل قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ھېس قىلالايدۇ».