تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ شانلىق سەھىپە پۈتۈش

− ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2020- يىللىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن

پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇپ يەلكەن چىقىرىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىش، يېڭى مۇساپىدە كۆكرەك كېرىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش.

2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تۈرلۈك خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش قەدىمى مەزمۇت بولۇش

ۋاقىت قىس، رىتىم تېز، ۋەزىپە ئېغىر، قىيىنلىق دەرىجىسى زور، تەلەپ يۇقىرى بولۇش نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئايلاندى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزامىدىن سەككىزنى، نىزام خاراكتېرلىك قارار، بېكىتمە ۋە مۇھىم، زور ئىشلار توغرىسىدىكى قارار، بېكىتمىدىن ئۈچنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، يەرلىك نىزام، يەككە نىزامدىن 20نى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، 42 نىزامنى مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 31نى ئەنگە ئېلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىلىمات بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىش، پايدىلىنىش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەرزىيەت نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گېئولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزاملىرىنى تۈزدى، بۇلار، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرگە چېتىلغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن سىستېمىسى بىلەن يۈرۈشلەشتى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن جىپسىلاشتى.

− تۇنجى قېتىم ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى تەسىس قىلدى. تۇنجى تۈركۈمدە تەسىس قىلغان توققۇز ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە تەرتىپلىك قاتنىشىشقا تەشكىللىدى ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ نىزام چىقىرىشقا ئائىت پىكىر - تەكلىپلىرىنى نىزام چىقىرىش ئورگىنىغا ئىنكاس قىلىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدە خەلق ئاممىسىنىڭ نىزام چىقىرىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، يەرلىك نىزام چىقىرىش ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى.

− تۇنجى قېتىم نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلدى. دائىمىي كومىتېت بىرقەدەر كۈچلۈك نەزەرىيەۋى ساپاغا ئىگە، ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسى مول 20 نەپەر نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسىنى تۇنجى قېتىم نىزام چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇلار نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆكەرتىشنى باشقۇرۇش نىزامى» «قومۇل شەھىرىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «تۇرپان شەھىرىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم سۈپىتىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق 20 يەرلىك نىزام ۋە يەككە نىزامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ئاممىۋى سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار بەش قانۇن - نىزامنى تاللاپ، مۇتەخەسسىسلەرنى نىزام چىقىرىلغاندىن كېيىنكى باھالاشقا تەشكىللىدى؛ يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى ساھەسى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ساھەسى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتىكى يەرلىك نىزاملارنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى تاماملىدى... مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ماختاشقا ئەرزىيدىغان بۇ نىزام چىقىرىش تەدبىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، بىر يىلدىن بۇيان نىزام چىقىرىش قەدىمى مەزمۇت، كۈچلۈك بولدى.

دەل جايىدا كۈچەش  نازارەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇش

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»نىڭ 19 تۈرلۈك خىزمەت دوكلاتىنى، سەككىز تۈرلۈك قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى قانات يايدۇردى، 16 تۈرلۈك مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نازارەت قىلىش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار قانۇنسىز سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يېيىشتەك ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىغا دائىر ئىككى قېتىملىق قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، خىزمەتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقتى ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ياخشىلاش ۋە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تۈرلۈك مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش سىياسىتى ۋە «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتتى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نازارەت قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.

خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇردى. 2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي رەڭگىنى روشەنلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دەۋا مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەم ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەم سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسىنى سوراپ بىلدى، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى سوراپ بىلدى.

2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، تۇنجى قېتىم نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بىلەن بىرلەشمە كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇنجى قېتىم ئۇدا ئىككى يىل ئوخشاش بىر مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراپ، تۇنجى قېتىم مەسىلە مەركەزلەشكەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىغا سىجىل نازارەت قىلىش، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىشنى ھاۋالە قىلىپ، تۇنجى قېتىم ئەدلىيە خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇنجى قېتىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئەھۋالى ۋە مەخسۇس دوكلاتتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈملۈك قىلدى، تېخىمۇ نوپۇزغا ئىگە قىلدى.

ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش  ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلىدى.

تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇھىم بولغان قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش شەكلى. بىر يىلدىن بۇيان، ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ - تەۋسىيەلەر ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان 11 پارچە ۋەكىللەر تەكلىپىنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ تاماملاندى، چوڭ يىغىندا بېرىلگەن 415 پارچە تەۋسىيە ۋە يىغىن يېپىق مەزگىلدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان ئالتە پارچە تەۋسىيەنىڭ ھەممىسى بېجىرىلىپ تاماملاندى، تەۋسىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەردىن ھەل قىلىنغان ياكى تەدرىجىي ھەل قىلىش پىلانلانغانلىرى تەۋسىيە ئومۇمىي سانىنىڭ %80.72ىنى ئىگىلىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر «يىلتىز» تارتتى، ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى چىقارغان «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىش − پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە يېزىلغان بىر پارچە خەت»كە پائال ئاۋاز قوشۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئاتلىنىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانات يايدۇرغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەرىكەتتە» باش تېما پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بەردى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي تەكلىپ بەردى، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسەتتى، ياخشى چارە كۆرسەتتى.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ئىقتىدارى مۇكەممەل، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، شەھەر، يېزىلارنى قاپلىغان، ئاممىغا يېقىن بولغان ۋەكىللەر ئائىلىسى، ۋەكىللەر ئىشخانىسى ۋە ۋەكىللەر ئالاقىلىشىش پونكىتىدىن 5923نى قۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى.

بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سىياسىي ئورگانلىق ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى. دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. كادىرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. 2021 - يىلى پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشنىڭ تۇنجى يىلى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، پۇختا، ئەستايىدىل ھالدا غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.