تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ جەڭ، چوڭ سىناقتىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ جاۋاب قەغىزى

−ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

2020 - يىلى، جەزمەن تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ.

بۇ ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جاۋاب قەغىزىگە قايتا نەزەر سالساق، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭىلىق يارىتىش سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يادرونى قوغداپ، مەركەزگە مۇلازىمەت قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

ئۆگىنىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش

ئىدىيە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يېتەكلەيدۇ، ئىدىيە كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردى.

بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بەردى. سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلىدى.

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش سۆھبەت يىغىنى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى يېتەكچى قىلىنغان ئۆگىنىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر پەسىلدە بىر قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش − شەبنەم مۇنبىرى»دىن 25 مەيدان ئۆتكۈزۈپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، دائىم ئۆگىنىش، دائىم يېڭىلاشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. سىياسىي كېڭەشنىڭ تور، گېزىت، ژۇرنال، كۇتۇپخانا، خەتتاتلىق - رەسساملىق يۇرتى قاتارلىق بەش چوڭ بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەخسۇس ئىستون ئېچىپ، باش تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توپى قۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئورگان كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق لېكسىيە سۆزلىشىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تولۇق قاپلىدى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك ئەزالارنىڭ تەشكىلىي مۇناسىۋىتىنى قوش باشقۇرۇش، پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالار بىلەن ئالاقىلىشىش، پارتىيەلىك دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى باھالاش قاتارلىق تۈزۈملەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پارتىيەلىك ئەزالارنى تولۇق قاپلىشى، پارتىيە خىزمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئورتاق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىش

چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، چوڭ سىناقتا مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

پەۋقۇلئاددە مەزگىلدە، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش سالمىقى تېخىمۇ ئاشتى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، توردا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىك كېڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئەزالارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق باش تېمىلار توغرىسىدا ئەقىل - چارە كۆرسىتىشكە تەشكىللىدى. 400دىن ئارتۇق پىكىر، تەكلىپ توغرا ھەم ئېنىق كۆزقاراشلارغا تولغان بولۇپ، ھەممىسى ناھايىتى قىممەتلىك.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى «قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى» دېگەن ئوچۇق خەتنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلدى، جەمئىي 308 مىليون يۈەن پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى. داۋالاش، سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزالار ئاق خالاتنى دوبۇلغا قىلىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، باشتىن - ئاخىر قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئەزالار كېچە - كۈندۈز دېمەي، قاتتىق قوغداپ، چىڭ ساقلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى؛ كارخانىچى ئەزالار باشلامچىلىق بىلەن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى...

خەلق سىياسىي كېڭىشى خەلقنى كۆزلەيدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە، خەلق سىياسىي كېڭىشى «قاتتىق يادرو» كۈچىگە ئايلاندى.

مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىش

خەلق سىياسىي كېڭىشى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى تۈپ ئاساسى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، باشتىن - ئاخىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، بىر يۆنىلىشتە تەڭ ئىلگىرىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باشلامچىلىق بىلەن جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ۋە ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشى، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بەردى. قاتتىق نازارەت قىلىش، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىسىدا، ئۈچ ئېغىر نامرات ناھىيە قەرەلىدە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن يەتتە نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسى مۇستەھكەملەندى، ئۆستۈرۈلدى.

«بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرىدىغان ئېغىزلارنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا - كەنت ۋاڭخۇڭلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ۋاڭخۇڭ ئىقتىسادىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنسا» «جەنۇبىي شىنجاڭدا قول سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى قۇرۇپ، دوپپا، ساپال بۇيۇملار، بۆشۈك، گىلەم قاتارلىقلارنى مودا تاۋارغا ئايلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلسا»... بۇلتۇر 5 - ئايدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا، ئەزالار بەس - بەستە «ياخشى چارە» تەقدىم قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يەنە ئەزالارنى نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش، جىغان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىش، كۈچ چىقىرىشقا تەشكىللىدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چىڭ كۆزلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كېڭەشتى. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ «تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش»نى چۆرىدەپ، ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى؛ ئاتچىلىق كەسپى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارالما قىلىپ، ئەزالارنى ساھەلەر بويىچە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، مەخسۇس خىراجەت تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئات مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش قاتارلىق تەكلىپلەر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

خەلقنى كۆزلەش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتتى. «ئۈچ بىر گەۋدە قىلىنغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش»نى چۆرىدەپ ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بېرىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى سىياسىي كېڭەش كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئايلاندۇردى.

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ئالتاي تېغى ئېكولوگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، تەبىئىي توغراقلىقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چۆرىدەپ تەڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى ھەم ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى.

دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتنى، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش

مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇشتەك بۇ ماركا قانداق قىلغاندا بارغانسېرى نۇرلىنىدۇ؟ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىدىكى سەكرەش قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟ بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پائال تۈردە يېڭى سۇپا بەرپا قىلىپ، يېڭى مېخانىزم ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىرىشىپ سىياسىي كېڭەش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىدىن بۇيان 767 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، 668 پارچە تەكلىپ بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى، «يۈزتۇرا كېڭىشىش نىسبىتى» «بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى» «رازى بولۇش نىسبىتى» بىردەك %100 بولدى. بۇ ئۈچ چىرايلىق سانلىق مەلۇمات ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يەنىلا قانائەت قىلمىدى، «بىز ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، داۋاملىق ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تەكلىپنى جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك».

«قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۈزتۇرا سىردىشىش شەكلى ئارقىلىق قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.» بۇلتۇر 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئاچقان ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خەن مىڭيۈەن «سۆز قىلدى»، بىراق، بۇ قېتىم ئۇ «بارماق ئۇچى» ئارقىلىق سۆز قىلدى. شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى APPدا، يىغىن بىلەن ماس قەدەمدە تەسىس قىلىنغان باش تېمىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توپى ئارقىلىق، ئەزالار نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىمۇ كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلدى.

سىنلىق يىغىن سىستېمىسى، ئەزالار مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى ئارقىلىق، «بۇلۇت تېرمىنالى»دا كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يىراقتىن كېڭىشىش، تېلېفوندا سۆھبەتلىشىش قاتارلىق بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش شەكىللىرىنى قوللىنىپ، تەكلىپ بەرگۈچى، تەكلىپ بىجىرگۈچى ئىككى تەرەپ پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇردى؛ ئۈن - سىننى تورغا ئۇلاش ئارقىلىق، «ئېكراننى ئېكرانغا توغرىلاپ» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى... بىر يىلدىن بۇيان، رەقەملىك سىياسىي كېڭەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى تېخىمۇ كەڭ سۇپىغا ئىگە بولدى.

مەۋقەنى يېڭى باسقۇچقا قويۇپ، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلاندى. يېڭى بىر يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە بوران - چاپقۇن توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى