بايان قىلغۇچى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى فۇچۈەن كوچىسى مەھەللىسى «شياڭ»لى شياڭچىن ياخشى قوشنىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى خېسەن
بۇ يىل مېنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا بەش يىل بولدى، 100دىن ئارتۇق ياشانغان كىشىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشنىڭ پەقەت تازىلىق قىلىش، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىشتەك كۈندىلىك غەمخورلۇق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ياشانغانلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئېھتىياجى بار بولدى، مەسىلەن، «تور بىلەن ئۇچرىشىش». «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە: پىدائىيلار مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەمخورلۇق قىلىش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، بىزنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىمىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ياشانغانلارنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، دەل جايىدا پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمەن. بىز مەھەللىدە ياشانغانلار دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ رەقەملىك تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدۇق، مەسىلەن، ئۇلارغا كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش، ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىتىپ، ياشانغانلارنىمۇ ئالاقە تورى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن تولۇق بەھرىلەندۈرىمىز.
(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىمىڭ رەتلىگەن)