تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىمىز

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇينى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«13 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەممە جايدا يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەممە جايدا يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى قانداق قىلغاندا يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ؟ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇينى زىيارەت قىلدى.

كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ؟

دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق بىلدۈردى: ئاقسۇ ۋىلايىتى سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى - مېتاللورگىيە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردىن ئىبارەت «ئالتە چوڭ كەسىپ» توپىنى سەرخىللاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاشلىق، پاختا، مېۋە - چېۋە، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ بازا» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، چارۋىچىلىقتا «10، 100، 1000، 100 مىليون» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش جەھەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىدىن ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، نېفىت نازۇك خىمىيە سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆمۈر ئېلېكتىر بىلەن كۆمۈر - تۇز بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئايلانما ئىقتىسادنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توقۇمىچىلىقنى زورايتىش، بوياقچىلىقنى ئۇزارتىش، خىمىيەلىك تالا توقۇمىچىلىقىنى پىلانلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى تاۋلاش، پىششىقلاشنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ تېخنىكا تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى - مېتاللورگىيە كەسپىنى زورايتىدۇ، كۈچەيتىدۇ. يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە تېجەش - مۇھىت قوغداش، بىيو تېببىي دورا، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «ئالاقە تورى +»، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ.

3 - كەسىپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى سودا ئەشيا ئوبوروت بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، توردا، تور سىرتىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىلىدىغان سودا ئەشيا ئوبوروتى يېڭى ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاقسۇ سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئاۋىياتسىيە پورتى ئەشيا ئوبوروتى، تاشيول - تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى - ئائىلە سايمانلىرى، ئاپتوموبىل - ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى - يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى، دورىلارنى توپ - پارچە سېتىش، گۈل، قۇش، بېلىق ئىستېمالى، كۆكتات، مېۋە - چېۋە توپ سېتىش قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كەسپىي بازارلارنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، «ساياھەت +» «+ ساياھەت»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسىپ زەنجىرىنى بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي كۈسەن . سېھىرلىك ئاقسۇ» سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئاقسۇنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى ئېگىزلىك قۇرۇلۇشى قەدىمىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىدۇ.

ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ، ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىدۇ

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، نەتىجىلىرى مول بولدى: دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، داۋالاش - سەھىيە، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى قاتارلىق نۇقتىلىق ئىسلاھاتلاردا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سىجىل تۈردە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى گەۋدىلىك بولدى، «نۇقتا، لىنىيە، دائىرە» خىزمەت مېخانىزمى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلدى...

دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئورۇنلاشتۇرغان مۇھىم، زور ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، جەمئىيەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ.

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى خەلققە قولايلىق، كارخانىلارغا پايدىلىق بولغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كارخانا بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى ئاقسۇغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىدۇ. پۇقراۋى كارخانىلار، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى دۆلەت كارخانىلىرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. باغچە رايونىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى باغچە رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى، تەرەققىيات ئەندىزىسىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، پەرقلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى دەل جايىدا پىلانلاپ، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرىدۇ. سىرتقا يۈزلەنگەن كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى يۆلەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىدۇ. سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە باھالاش، مۇكاپاتلاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «يۈز، ئون، بىر» «ئون ئامبار، يۈز كارخانا» «ئون شەھەر، يۈز دۇكان» «يۈز كەنت، مىڭ زاۋۇت» قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «ئاقسۇ خاۋگويۈەن» سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.

خەلق تۇرمۇشى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، ياخشىلىنىدۇ

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتى قانداق قىلىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ؟

دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىك، تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»تەك قويۇق كەيپىياتنى پائال يارىتىدۇ.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنى پۇختا، ياخشى باشقۇرۇپ، شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتقا قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ.

كۆپ قاتلاملىق، كەڭ دائىرىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش، كۈتۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كۈتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. «ساغلام ئاقسۇ» ھەرىكىتى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، تېببىي دورا - سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، داۋالاش مۇلازىمىتى، داۋالىنىش كاپالىتى، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ.

«شەھەر ئورمان ئىچىدە، سۇ شەھەر ئىچىدە، ئادەم باغ ئىچىدە بولۇش» خىزمەت پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، باغچە شەھەر قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىدۇ. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى پۇختا تۇرغۇزۇلۇپ، «كۆكيار روھى» زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاقسۇنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى