تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

قاتمۇقات تاغلار، گىرەلىشىپ كەتكەن جىلغىلار... ئون يىل ئىلگىرى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى مارياڭ يېزىسى پىل كەنتىدىكى بالىلار تاغ ئېگىز، يول يىراق بولغاچقا، تىك يارغا يامىشىپ، ئاسما ئارقان بىلەن سىيرىلىپ ئاندىن مەكتەپكە كېلەلەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، تۈپتۈز ئاسفالت يوللار كەنت ئېغىزىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، ئوقۇش باشلانغاندا، مەكتەپ ئاپتوموبىلى كېلىپ بالىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئىلگىرىكى يول يۈرۈش تەس بولۇش ياكى ئائىلىسى نامرات بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش ئەھۋالى ئەمدى كۆرۈلمەيدۇ، يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قاناتلىنىپ ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ پەرۋاز قىلدى.

بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، مائارىپ كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ. مائارىپ نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسىدىغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ۋە نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە نامرات رايونلارغا مايىللىشىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

يېزا مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، خۇش خەۋەر كېلىشى بىلەن، يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى − مەكتەپ «2020 - يىللىق مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولىدا خاسلىقى بار مەكتەپ» بولۇپ تاللانغانىدى.

«مەكتىپىمىزنىڭ قىياپىتى يىلدىن - يىلغا يېڭىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ياخشى شارائىتىمىز بار بولدى» دېدى ئىشقۇل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۈن خۇشال ھالدا.

ئىشقۇل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرسىڭىز، ئوقۇتۇش بىناسىدا مۇزىكا ئۆيى، گۈزەل سەنئەت ئۆيى، تەجرىبىخانا قاتارلىقلار تولۇق بولۇپ، سىرتتا، پۇتبول مەيدانىدا، ۋاسكېتبول مەيدانىدا بالىلارنىڭ جۇشقۇن سىيماسىنى ئۇچرىتالايسىز. دۆلەتنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن 2018 - يىلى بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار كونا مەكتەپ بىناسى بىلەن خوشلىشىپ، يېڭى مەكتەپكە كۆچۈپ كىردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز سەرخىللىشىپ، مائارىپ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى ھەم ناھىيە تەۋەسىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنى نامايان قىلىپ، شۇ جايدىكى چولپان مەكتەپكە ئايلاندى.

مەكتەپ پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى، ئىشقۇل يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆزگىرىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش»نى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

2014 - يىلىدىن بۇيان، دۆلەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» ۋە «ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» قاتارلىق مائارىپ ساھەسىدىكى مۇھىم، زور خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، بۇ، نامرات رايونلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاپتونوم رايونىمىز «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى جىددىي ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلار، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ناھىيەلەرنىڭ ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، ئەڭ نامرات رايونلارنى ئاۋۋال ياخشىلاپ، بالدۇر نەپكە ئېرىشتۈردى. يېقىنقى بەش يىلدا، جەمئىي 19 مىليارد 840 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىنىپ، 6 مىليون 470 مىڭ كىۋادرات مېتىر مەكتەپ بىناسى ئۆزگەرتىپ سېلىندى، كېڭەيتىپ سېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەك مەبلەغ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئىشلىتىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردە D دەرىجىلىك خەتەرلىك ئۆيلەرنى تۈگىتىش، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدىغان دەرسخانا قاتارلىق 20 تۈرلۈك ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرسەتكۈچى پۈتۈنلەي ئۆلچەمگە يەتتى. بۇلتۇر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون پۈتۈن رايون بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى.

«نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، شەھەر بىلەن يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى.

ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا يول قويماسلىق

گەرچە مەكتەپكە بېرىپ دەرس ئوقۇيالمىسىمۇ، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى قاراما كەنتىدىكى بىلالجان ئەنىۋەر يەنىلا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدى.

13 ياشلىق بىلالجاننىڭ پۇتى 2 - دەرىجىلىك مېيىپ بولغاچقا، تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايتتى. ھەر ھەپتىدە گەزلىك بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتتى.

كەلپىن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ لۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر ناھىيە بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %100كە يەتتى، بىلالجانغا ئوخشاش مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيالمايدىغان ئۆسمۈر بالىلاردىن 27 سى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ناھىيە « ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتۇش» شەكلىنى قوللىنىپ، ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىدە «بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

2016 - يىلىدىن باشلاپ، لوپ ناھىيەسىنىڭ دول يېزىسى قوغاچئېرىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇنجان قادىرنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىدە بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن كۆپەيدى، ھەر يىلى ئوقۇش باشلىنىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئۇ مائارىپ تارماقلىرى تارقاتقان تىزىملىككە ئاساسەن، كەنتتىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ. «قايسى ئۆيدىكى بالا مەكتەپتە ئوقۇمىسا، بىز مۇئەللىم بىلەن بىللە ئۆيىگە بېرىپ خىزمەت ئىشلەيتتۇق، بىراق، ھازىر بۇنداق ئەھۋال تۈگىدى!» دېدى تۇرسۇنجان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قاتار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، ناھىيە تەۋەسىدە ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈشنى ناھىيەمۇناھىيە بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق ئوقۇش بۆلىكىنى بېكىتىش ئارقىلىق، نازارەت قىلىش - ئۆلچەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بىرمۇبىر ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش يولىدا «بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپتىن 4276سى بار بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 3 مىليون 305 مىڭ 400 كىشىگە يەتكەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95.51 بولغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئائىلىلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىشى، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەپ، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى كەڭشىۋەر كەنتىدىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، مال دوختۇرلۇق مۇتەخەسسىسى، بېيىش ماھىرى 28 ياشلىق مەردان يالقۇن نامى چىققان ئىقتىدارلىق ياش.

مەردان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، 2017 - يىلى، ئۇ جاپاغا چىدايدىغان، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان غەيرەت - شىجائىتىگە تايىنىپ، توخۇ فېرمىسى قۇرۇپ، يىللىق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، ئىككىنچى يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇلتۇر مەردان يەنە قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كالا باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. «بۇ يىل مەن ناھىيە بازىرىدىن بىر يۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋېلىپ، كەلگۈسىدە بالامنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيەلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقچى.» كەلگۈسىگە نىسبەتەن مەردان ئىشەنچكە تولدى.

مەردانغا ئوخشاش، ماھارەت ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ نامرات قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەنلەردىن يەنە ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى رۇقىيەم ھەسەنمۇ بار. بۇلتۇر، ئۇ بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئالدى. «بالىمىز ياراملىق بولدى، تۇرمۇشىمىز ئۈمىدكە تولدى، كەلگۈسىمىز ئىستىقباللىق بولدى» رۇقىيەمنىڭ دادىسى ھەسەن ئابدۇرېھىمنىڭ چېھرىدە بەخت جىلۋىلىنەتتى.

ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى كەسىپلەر باغچىسىغا كىرىپ مەكتەپ قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق، كەسپىي مائارىپ بىلەن رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىراكتىكىسى قىلىش ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپتى، يەنە %20تىن %30كىچە بولغان ئوقۇغۇچى ئاساسىي قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلىق ئىش ئورنىغا چىقتى.

بىر ئادەم كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەنسە، بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، بىر ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «ھەممە ئادەم تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇش، ھەممىسى ماھارەت بىلىدىغان بولۇش، ھەممە ئائىلىدە ئۈمىد بولۇش»تەك مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىشىشىغا كۈچ قوشتى. ئاپتونوم رايون دىققەتنى نامرات رايون، نامرات نوپۇسقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېقىنقى بەش يىلدا جەمئىي 2 مىليارد 889 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسپىي مائارىپنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون كەسپىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر يىلى جەمئىيەتتىكى كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن تەربىيەلىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈردى.

نامرات رايونلاردىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش، بىلىم ۋە تېخنىكا ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش. «ئىرادە» جەھەتتىن يۆلەش، «ئەقىل» جەھەتتىن يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش، ئۈمىد - ئارزۇلارغا كۈچ قوشۇش. «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، «ئوقۇشتىن توختاپ قېلىش نۆل بولۇش» تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە مائارىپنىڭ كۈچىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى