تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» 8-تۈركۈمدىكى تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

    شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتەن، گۈزەل شىنجاڭ قانداق بولىدۇ؟ «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ««بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035»  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«كىتاب گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى  7- يىللىق 1-سىنىپتىن گو يافېي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: يەن مى)
«يېشىل شەھەر» (ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13- ئوتتۇرا مەكتەپ 3- يىللىق 8-سىنىپتىن ليۇ شىنيەن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: لياڭ شياۋشى)
«ئاجايىپ ئىسىل تائاملار شەھەرچىسى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 9- ئوتتۇرا مەكتەپ 7- يىللىق 6-سىنىپتىن شۈ شۇيۈ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ۋاڭ يىڭ)
«كەلگۈسىدىكى دوختۇر ماشىنا ئادەم» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 126- ئوتتۇرا مەكتەپ 1- يىللىق 17-سىنىپتىن جاۋ چيۇيۈ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: تېڭ گوخۇ)
«ئالەم بوشلىقىدا سەيلە قىلىش» (ئاپتور: شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى شەرقىي شەھەر سىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى 4- يىللىق 13-سىنىپتىن ئايزىمگۈل توختاجى؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: يۈ ياڭفەن)
«ئاقىل چارۋىچىلىق فېرمىسى» (ئاپتور: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى ساميۈزى بازارلىق  ئوتتۇرا مەكتەپ 5- يىللىق 3-سىنىپتىن ئەلفىيار؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى:جياۋ پېڭ)
«كەلگۈسىدىكى ئۇلۇڭگۇر كۆلىدىكى كۆل ئاستى چوڭ كۆۋرۈكى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بورۇلتوقاي ناھىيەلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپ 6- يىللىق 3-سىنىپتىن لۈ خۇڭرۈي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ساۋ پىڭپىڭ)

«ئالەم بوشلىقى بازىسى» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى شىگوبى بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ  6- يىللىق 2-سىنىپتىن مارغۇزا ئېرمۇرائات؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: بەي زىيۈ)

«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

 ئەسەر تەلىپى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

قاتنىشىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.