تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» 7-تۈركۈمدىكى تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

    شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتەن، گۈزەل شىنجاڭ قانداق بولىدۇ؟ «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان ««بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035»  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«ئاجايىپ كەلگۈسى پىلانېت» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ 6- يىللىق 3-سىنىپتىن نەفىسە پەرھات؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ۋۇ ياخۇڭ)
«ئالەم بوشلىقىغا ئۇچۇش» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 77- باشلانغۇچ مەكتەپ 2- يىللىق 1-سىنىپتىن دۇڭ يىشىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جېڭ تۇڭتۇڭ)
«بوشلۇق شەھىرى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 97- باشلانغۇچ مەكتەپ (جىنيىڭ چەت ئەل تىلى مەكتىپى) 4- يىللىق 1-سىنىپتىن جاڭ جيارۈي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: يې خۈي)
«باياۋاندىكى <خېشې> ناملىق» (ئاپتور: شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىق 16-سىنىپتىن ئىسمائىل قۇربان؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خۇڭ خۇپىڭ، يۈ لاڭ)
«مېنىڭ ئالەم ئارزۇيۇم» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھەرلىك 9- باشلانغۇچ مەكتەپ 6- يىللىق 3-سىنىپتىن چۇ كېيىڭ؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جۇ جۇڭپىڭ)
«ۋىرۇس ئەمدى ئىنسانىيەتكە تەھدىت سالالمايدۇ» (ئاپتور: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھەرلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ 7- يىللىق 6-سىنىپتىن فەن جىنكۈي؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: رۇڭ چۈنخې)
«پەن-تېخنىكا دەۋرى» (ئاپتور: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپ 6- يىللىق 1-سىنىپتىن لو جياجى؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: پەن رۇڭ)
«2035- يىلىدىكى ئىلى دەرياسى» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھەرلىك 22- ئوتتۇرا مەكتەپ 2- يىللىق 10-سىنىپتىن جاۋ نىڭشىن؛ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ۋېي فاڭفاڭ)

«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

 ئەسەر تەلىپى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

قاتنىشىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.