بايان قىلغۇچى: ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ بازىرى چىگۇڭ كەنتى «لېيې پۇقراۋى قونالغۇ»نىڭ قۇرغۇچىسى جوۋ چېڭ
شەھەر تېز رىتىمى بىلەن يېزا - كەنت ئاستا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىسىدا، پۇقراۋى قونالغۇلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك شىنجاڭ تۇپرىقىدا «ئۆسۈپ يېتىلىش»كە باشلىدى. كەلگۈسى بەش يىلدا، مەن پۈتۈن شىنجاڭدا يەنە ئون پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشنى پىلانلاۋاتىمەن. مەن ئىنچىكە پىلانلاپ، چوڭقۇر قېزىپ، ئىجادىي بەرپا قىلىپ، ھەربىر پۇقراۋى قونالغۇدا شۇ جاينىڭ ئادىمىيەت مەنزىرىسىنى تارقىتىپ ۋە ئىپادىلەپ، قونۇپ قالغان ساياھەتچىلەردە ئىللىق، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىمەن.
ئاپتونوم رايون ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، مەن نەنسەن قاتارلىق جايلاردا بەش پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتىم. بۇنىڭ ئىچىدە، «لېيې پۇقراۋى قونالغۇ»سى 2019 - يىلى شىنجاڭ پۇقراۋى قونالغۇ ئىجادىيەت يىللىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇپ ۋە كۆپ خىللىشىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەن ناخشا - مۇزىكا ئۆگەنگەن، دائىم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئويۇن قويۇپ، نۇرغۇن پۇقراۋى قونالغۇلار بىلەن ئۇچرىشىمەن. مېنىڭچە، پۇقراۋى قونالغۇلار ئۇزاققا مېڭىش، ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، يۇرتنى سېغىندۇرۇش ھېسسىياتىنى قوزغايدىغان ئامىللار ئۈستىدە كۈچەپ، ساياھەتچىلەرگە بۇ يەرگە كەلگەندە بالىلىق چاغلىرىدىكى يۇرتىنى ئەسلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، ساياھەتچىلەرنى «دائىم ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇش»نى ئويلايدىغان قىلىشى كېرەك.
(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى رەتلىگەن)