شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، گۈزەل شىنجاڭ زادى قانداق؟ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ · تەسەۋۋۇردىكى 2035» ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجاد قىلىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى. بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.


«مەن مارستا ئوقۇيمەن» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53- باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق 3-سىنىپ چېن روخەن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ما تىڭ)

«ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش» (ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 122- باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 7-سىنىپ سۈي تۇڭرۇي يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جېڭ يافاڭ)

«بىللە ئۇسسۇل ئويناش» (ئاپتور: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپ گۇرۇھى (بېيسۈيتيەنچياۋ مەكتەپ رايونى) 2- يىللىق 5-سىنىپ مۇسلىمە قاھار يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: سۇبات سۇلتان)

«قۇملۇقتىكى مەرۋايىت» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھەرلىك 12- ئوتتۇرا مەكتەپ 7- يىللىق 9-سىنىپ دىلخۇمار ئەركىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: چياۋ جيالى)

«ئىناق يۇرت-ماكان . گۈزەل شىنجاڭ» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەلىك 2- باشلانفۇچ مەكتەپ 4- يىللىق 5-سىنىپ ما شۆشىن)

«كەلگۈسى» (ئاپتور: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەلىك 4- باشلانفۇچ مەكتەپ 5- يىللىق 2-سىنىپ ۋاڭ جۈنچېن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: سەي جۈن)

«كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش» (ئاپتور: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك 1- باشلانفۇچ مەكتەپ 3- يىللىق 2-سىنىپ لياۋ كېشىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئايقىن ئۇكۇڭباي)
«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!
ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە
ئەسەر تەلىپى:
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.
قاتنىشىش ئۇسۇلى:
بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.
ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى