تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

«بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ. تەسەۋۋۇردىكى 2035» 2-تۈركۈمدىكى تاللانغان ئەسەرلەر كۆرگەزمە قىلىندى

 شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلبىدە، 2035-يىلى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز، گۈزەل شىنجاڭ زادى قانداق؟ 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە قانات يايدۇرغان «بالىلار قەلىمىدىكى شىنجاڭ . تەسەۋۋۇردىكى 2035» ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال ئىجاد قىلىپ، بەس-بەستە ئەسەر ئەۋەتتى.  بىز بىرلىكتە شىنجاڭدىكى «كىچىك رەسسام»لارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار كەلگۈسىدىن ھۇزۇرلىنايلى.

«كەلگۈسىدىكى سۇ دۇنياسى» (ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجربىە باشلانغۇچ مەكتىپى 5-يىللىق 6-سىنىپ لى زىشىن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: خۇ شاۋلېي)

«كەلگۈسىدىكى تېخنىكا: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈزۈش ماشىنىسى» (ئاپتور:ئۈرۈمچى شەھەرلىك 66-ئوتتۇرا مەكتەپ 8-يىللىق 4-سىنىپ لى شۈنيۈ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى؛لياڭ شياۋبو)

«تەسەۋۋۇردىكى 2035» (ئاپتور: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 113- ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىللىق 4-سىنىپ ۋاڭ كېجيا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ شياۋشۆ)
«كەلگۈسىدىكى كىچىك ياردەمچى» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى خاڭگۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 4-يىللىق 1-سىنىپ گۈلمىرە ئابدۇراخمان يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جاڭ لې)

«گۈزەل شىنجاڭنىڭ سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل» (ئاپتور: شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاقدالا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 1-سىنىپ لو خەيلۇڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: جياڭ نەنچۈن)

«<زوقلىنىش> گۈزەل 2035» (ئاپتور: شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى خاڭگۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپى 4-يىللىق 2-سىنىپ نۇربىيە يۈسۈپ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: چېن فەنفەن)

«2035 شىنجاڭنىڭ توكلۇق دەۋرى» (ئاپتور: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسى باۋجياديەن بازارلىق  مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپ جاڭ چېنلۇ  يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: چيۇ ياچىن)
«تەسەۋۋۇر 2035» (ئاپتور: شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجربىە باشلانغۇچ مەكتىپى 4-يىللىق 3-سىنىپ جەن جىچى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى: شۈ چېن)

«كىچىك رەسسام»لار دەرھال قەلەمنى ئېلىپ ئىجادىيىتىڭلارنى باشلاڭلار!

ئەسەر توپلاش، كۆرگەزمە قىلىش ۋاقتى:

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە

 ئەسەر تەلىپى:

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە پەقەت رەسىم سىزىش تۈرىدىكى ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ، ئەسەرنىڭ شەكلى چەكلەنمەيدۇ. تاللانغان ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قايتۇرۇلمايدۇ.

قاتنىشىش ئۇسۇلى:

بىرىنچى. ئەسەر توپلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان رەسىم ئەسەرلىرى چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا (سىكاننېرلانغان ياكى سۈرەتكە تارتىلغان) شەكلىدە پوچتا ساندۇقىغا يەتكۈزۈلۈشى كېرەك: xjxpt@126.com، ھۆججەت نامىغا ئەسەرنىڭ نامى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئىككىنچى. باھالاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كەينىگە ئەسەرنىڭ نامى، ئاپتورنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، مەكتەپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرى ئەسكەرتىلىدۇ ھەمدە ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى 65-نومۇر ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە مەكتىپى، ما شىنبو (قوبۇل قىلىدۇ) ، تېلېفون: 13999265138.

«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.