تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە «مەھەللە دەرۋازىسى»نى چىڭ ساقلاش

− ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى ياقۇتگۈل سۇلتان توغرىسىدا

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«مەن داۋاملىق مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىمەن» دېدى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى قەشقەر شەھىرى ئۆستەڭبويى كوچا باشقارمىسى يۇمىلاق شەھەر يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياقۇتگۈل سۇلتان.

1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، ياقۇتگۈل ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نەق مەيداندا تەقدىرلەندى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن كۈچ سىنىشىشتا، ياقۇتگۈل مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توسۇشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ئاھالىلەر ئىچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق، گۇمانىي ئاغرىق كۆرۈلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

ئاھالىلەرنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈش

ئون يىللىق ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە «پېشقەدەم جەڭچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياقۇتگۈل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە «مەھەللە دەرۋازىسى»نى ساقلاش مەسئۇلىيىتىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى پىششىق بىلەتتى.

ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش، ئائىلىسىدە كۆزىتىش، مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش... «يۇقۇم چېكىندۈرۈلمىسە، مەنمۇ چېكىنمەيمەن.» ياقۇتگۈل مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قورقۇشقا ئاساسى يوق، چېكىنىشكە تېخىمۇ ئاساسى يوق.

ياقۇتگۈل تۇرۇشلۇق مەھەللىدە 1658 ئائىلە، 5322 ئاھالە بار. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە، ياقۇتگۈل پۈتۈن كۈچى بىلەن قىلغان بىر ئىش − «ئالدىنى ئېلىش» بولدى، يەنى ۋىرۇسنىڭ مەھەللىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەممە تىنچلاندى، لېكىن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە، بىز قىلچە بوشاڭلىق قىلساق بولمايدۇ».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ياقۇتگۈل كېچىسى مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ، يۇقىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما - ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئۆگەندى، كۈندۈزى پارتىيەلىك كادىرلارنى يېتەكلەپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدىكى تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئايرىم ئاھالىلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكى، ھەتتا بەزىدە ئەيىبلىشىگە قارىتا، ياقۇتگۈل سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ خىزمەتكە مېھرىم بار. گەرچە بەزى ئاھالىلەر ئاغرىنسىمۇ، لېكىن بۇنى ئۇلارنىڭ ياردەمگە ئەڭ موھتاج ۋاقتى دەپ چۈشىنىمەن. بىزنىڭ مەھەللە ئەڭ ئاساسىي قاتلامدا، بىر ئائىلىگە بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرسەكمۇ، ئۇ ئائىلىگە نىسبەتەن چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بەرگەن بولىمىز».

ياقۇتگۈل سەۋرچانلىق بىلەن ئاھالىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مېھىر بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ، قائىدە سۆزلەپ قايىل قىلدى. 38 ياشلىق بۇ «كوچا باشقۇرغۇچى» كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ئاھالىلەر ئىچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق، گۇمانىي ئاغرىق كۆرۈلمەسلىكتىن ئىبارەت لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ياقۇتگۈلنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت تەجرىبىسىنى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ − ئۇ ئاھالىلەرنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكتى. «سىز ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىشىڭىز، ئۇلار ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇنلا ئۇلار ئۈچۈن ئويلاپ بولۇشىڭىز كېرەك» دېدى ئۇ.

كۆپچىلىك ياققان ئوت كۆككە تۇتىشار

«مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە تايىنىدىغىنىمىز كۆپچىلىكنىڭ كۈچى.» ياقۇتگۈل مۇنداق دېدى: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە تېخىمۇ شۇنداق».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى باشلانغان باسقۇچتا، ياقۇتگۈل «مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسى − دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى − ئولتۇراق رايون ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى − بىنا پارتىيە گۇرۇپپىسى» تەشكىلىي سىستېمىسىغا تايىنىپ، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، تەۋەلىك رايونىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى، ساقچى ئىشلىرى خادىملىرى، بىنا باشلىقى، بىرلەشمە ئائىلە باشلىقى قاتارلىق ھەرقايسى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئائىلىدە كۆزىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى.

«مەن چارلاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە مەسئۇل بولاي» «مەن باشلامچى بولۇپ ئائىلىلەرگە كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرەي» «مەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تەشكىللەي»... مەھەللە «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىدىكىلەر ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى، «پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئالدىغا چىقىش، ئامما ئەگىشىپ ئىشلەش»تەك كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلاشتى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلغان ئاھالە 96گە يەتتى، ھەتتا باشلىنىشىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش خىزمىتىنى چۈشەنمىگەن، ئاغرىنغان ئاھالىلەرمۇ كېلىپ پىدائىيلارغا ئېھتىياجى بار - يوقلۇقىنى سورايدىغان بولدى.

ياقۇتگۈل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن بىللە، خىزمەتچى خادىملار ۋە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەردە زىيادە ۋەھىمە پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ تەۋەلىكتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنى ئاھالىلەر ۋىيشىن توپىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ۋاقتى چىققاندا ياردەملىشىپ ئاھالىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى؛ يەنە پىسخىك مەسلىھەتچىنى توپقا كىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، ئاھالىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، سىن يىغىنىغا قاتنىشىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت لايىھەسى تۈزۈش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرىغا يوللاش، تۆۋەنگە يەتكۈزۈشتىن سىرت، ياقۇتگۈل ۋاقىت چىقىرالىسىلا، مەھەللىنى ئايلىنىپ، تەكشۈرۈپ يوچۇقلارنى تېپىپ چىقتى. «كۆپچىلىك ياققان ئوت كۆككە تۇتىشار، كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش چىقارسا، چوقۇم ۋىرۇسنى چېكىندۈرەلەيدۇ.» ئۇنىڭ مەدەت بېرىشى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

«مەھەللە خىزمەتچى خادىمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خەتەرلىك پەيتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتىمىز ۋە بۇرچىمىز» دېدى ياقۇتگۈل.

ئاھالىلەرنىڭ كىچىك ئىشى دەل مەھەللىنىڭ چوڭ ئىشى

«چەكمەنچى كوچىسى 2 - گۇرۇپپا 32 - نومۇرلۇق ئۆيگە سۈت تالقىنى، تاغارچى كوچىسى 7 - گۇرۇپپا 251 - نومۇرلۇق ئۆيگە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى، قۇمدەرۋازا يولى 21 - نومۇرلۇق قورۇ 1201 - نومۇرلۇق ئۆيگە بىر خالتا ئۇن، خەلق غەربىي يولى 132 - نومۇرلۇق قورۇ 5 - بىنا 1102 - نومۇرلۇق ئۆيگە بىر تۇڭ سۇ يېغى، تۈگمەن كوچىسى 4 - گۇرۇپپا 23 - نومۇرلۇق ئۆيگە سەۋزە»... مۇشۇنداق مال سېتىۋېلىش تىزىملىكىدىن ياقۇتگۈل كۈندە بىرمۇنچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياقۇتگۈل تېزدىن پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتى تەشكىللىدى، ئۇلار مال سېتىۋالغۇچى ۋە تېز يەتكۈزگۈچى بولدى.

«ئاھالىلەرنىڭ بالكوندا تۇرۇپ ھەربىر چاقىرىشلىرى، ۋىيشىن توپىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەربىر تۈرلۈك ئىلتىماس - تەلىپى، تېلېفوندا ئىنكاس قىلغان ھەربىر مەسىلىسى ئولتۇراق رايون بىنالىرى ئارىسىدا چېپىپ يۈرگەن پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ئېرىشتى» دېدى ياقۇتگۈل.

خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى ئاھالىلەرنىڭ ۋىيشىن توپىدا قالدۇرغان مال سېتىۋېلىش سۆزلىرىنى بىرمۇبىر تىزىملاپ، كۈندىلىك مال سېتىۋېلىش تىزىملىكىنى رەتلەپ بولغاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلىپ، تىزىملىك بويىچە ماددىي ئەشيالارنى بىر - بىرلەپ سېتىۋالدى، ئاندىن ھارۋا بىلەن ھەربىر بىنا ۋە بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئىتتىرىپ ئاپىرىپ، ئۇچراشماي يەتكۈزۈپ بەردى.

60 ياشلىق ئىگە - چاقىسىز موماي بانۇخان ئىمىن كۆكتاتقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، مەھەللىدىن ياردەم سورىغاندا، ياقۇتگۈل يېقىن ئەتراپتىكى ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىمنى ياردەملىشىپ مومايغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى. مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىنالىرىدا لىفىت بولمىغاچقا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار بىناغا توختىماي چىقىپ - چۈشتى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ ۋايسىمىدى، چۈنكى ياقۇتگۈل باشتىن - ئاخىر بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، كۆپچىلىككە ئۈلگە بولدى.

«يېپىق ھالەتتە تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 1.3 توننا مېۋە - كۆكتات يەتكۈزدۇق، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىدىن جەمئىي 26 توننىغا يېقىن توشۇدۇق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىش، سۇ، پار تۇرۇبىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، توك، سۇنى ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش قاتارلىق ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن 100 قېتىمدىن ئارتۇق تەمىنلىدۇق، ئاغرىپ قالغان ئاھالىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىئانە قىلغان، دورا سېتىۋالغان پۇل 14 مىڭ يۈەن بولدى.» ياقۇتگۈل مۇنداق دېدى: ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك كىچىك ئىشلىرى دەل مەھەللىنىڭ مۇھىم چوڭ ئىشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى