تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى»نى ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندۇرىمىز

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيۇ شۇخۇانى زىيارەت

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

«13 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. «14 - بەش يىل»نىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چۆرىدەپ، ئىلىنىڭ «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى»دىن ئىبارەت ئەۋزەل بايلىقىنى قانداق قىلىپ ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ؟ مۇخبىر يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيۇ شۇخۇانى زىيارەت قىلدى.

«13 - بەش يىل»دا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلدى

«<13 -بەش يىل> مەزگىلىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. بولۇپمۇ 2020 - يىلىدىن بۇيان، بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، <ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش> خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، <ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش> ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <3+1> نۇقتىلىق خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، <13 - بەش يىل>نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، <14 - بەش يىل>نى ئوڭۇشلۇق باشلاش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدۇق» دېدى چيۇ شۇخۇا.

چيۇ شۇخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت ۋە ۋەزىيەتكە قاراپ يېپىق ھالقىلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەككىز تۈرلۈك كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قورغاس پورتى دۆلەت دەرۋازىسىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش خاراكتېرلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن دائىملاشقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۆزگەرتىپ، پاسسىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئۆزگەرتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى، بولۇپمۇ پورتلارنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى پورتلاردا كېڭەيتىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قېتىملىق يۇقۇم مەزگىلىدە بىرمۇ كىشىنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكى ياكى نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنىڭ سۈپىتى ئۆستى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. دىققەتنى ئەمەلىي ئىقتىساد، پورت ئىقتىسادى، ساياھەت ئىقتىسادىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئېشىش قۇتۇپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2020 - يىلى تۈرلۈك تۈرلەردىن 1024ى يولغا قويۇلدى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 793ى تاماملاندى، 84 مىليارد 920 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمەلىيلىشىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %141.2 ئاشتى؛ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئەتراپىدا ئېشىشى مۆلچەرلەندى، بۇ، 2015 - يىلىدىكىنىڭ 1.6 ھەسسىسىگە باراۋەر، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى تۇنجى قېتىم 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 ئاشتى، بۇ، 2015 - يىلىدىكىنىڭ 1.55 ھەسسىسىگە باراۋەر، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %74 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتىدە يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

چيۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %77ىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىپ، شەھەر - بازارلاردا 54 مىڭ ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى 513 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، مۆلچەرلىنىشىچە، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا 32 مىڭ 966 يۈەن، 15 مىڭ 412 يۈەنگە يەتتى؛ كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئۈزۈك يول، «گالنى بوغۇدىغان» يولنى راۋانلاشتۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

«14 - بەش يىل»دا ئەگىم يولدا ئېشىپ كېتىش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

«ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ئاساسىدا، يىرىك پىلان تۈزۈشنى جىددىي تۇتۇۋاتىدۇ، ئىلمىي تۈزۈشتە ھەم <سەكرەپ شاپتۇل ئۈزۈش>، ھەم مەشغۇلاتچانلىقى بولغان، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان تەرەققىيات نىشانى گەۋدىلەندۈرۈلدى» دېدى چيۇ شۇخۇا.

چيۇ شۇخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن بىر ھەسسە قاتلاشقا، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى بىر ھەسسە قاتلاشقا، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە زور ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ.

مەۋقە ئۆزگىچە بايلىق، رايون ئورنى، سىياسەت ئەۋزەللىكىگە قويۇلۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پورت ئىقتىسادى، ساياھەت ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ چوڭ ئىقتىساد زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، 1 - كەسىپنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆلەملەشتۈرۈش، 2 - كەسىپنى كۈچەيتىش، زورايتىش، 3 - كەسىپنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «ئىككى قۇتۇپ، بىر رايون، كۆپ توپ» كەسىپلەر توپى رايونىنى شەكىللەندۈرۈش تېزلىتىلىپ، ئىلى خاسلىقىغا ئىگە، بىرقەدەر مۇكەممەل زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، نۆۋەتتە ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار مەركىزىي خامچوت ئىچى، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى، جەمئىيەت كاپىتالى سېلىنما تۈرىدىن 8474نى ئەمەلىي پىلانلىدى ۋە زاپاس ساقلىدى، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 2 تىرىليون 410 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئىلىنىڭ ئەگىم يولدا ئېشىپ كېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە تۈزەش نۇقتىلىق كۈچەيتىلىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا «يېشىل كارىدور» كۈچەپ بەرپا قىلىنىدۇ. «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، سىجىل تۈردە ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ كەپە رايونلار ۋە كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش سالمىقى سىجىل زورايتىلىپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ ئازادە ئۆيلەردە تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلىدۇ.

چيۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سىستېمىلىق تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەش كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدار سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى ساقلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىلىدۇ.

ئۈچ چوڭ بۆلەك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

«پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇنى ھەقىقىي تۈردە كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا قوللانغىلى بولىدۇ.» چيۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: «ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 -، 11 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، ئوبلاستتىكى تۆت يۈرۈش بەنزىدىكى رەھبەرلەر ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەپ ئۆگىنىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جانلىق، كۆپ خىل ئۆگىنىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مەركەزلىك تەربىيەلەپ ئۆگىنىش، ساھە ئايرىپ سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىش، لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەپ يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەش - ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئۆگىنىشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، تولۇق قاپلاش، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى».

چيۇ شۇخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش، غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلىپ شىمالىي شىنجاڭ شەھەر بەلبېغى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىستراتېگىيە، چوڭ ئەندىزىگە كىرگۈزدى. ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار بۇ مۇھىم، زور تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىككى قورغاس، ئىككى ئىلى»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، كۈيتۈن شەھىرى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ مۇھىم ئېشىش قۇتۇپى ۋە يېشىل ئېكولوگىيە خاس ئىقتىسادىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئۈچ چوڭ بۆلەك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زور كۈچ بىلەن يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زورايتىپ، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەر، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تايىنىش نۇقتىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىلىنىڭ «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ، ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى»دىن ئىبارەت ئەۋزەل بايلىقىنى ئەۋزەل كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

چيۇ شۇخۇا مۇنداق دېدى: «ئىلى كۈتۈۋالىدىغان تەرەققىيات پۇرسىتى مىسلىسىز، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پەقەت پۇرسەتنى تالىشىپ چىڭ تۇتۇپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسەكلا، ئىلىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا چوقۇم ماھىيەتلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى