تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى يۇقىرى بولدى، تۇرمۇش ئۈمىدكە تولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇق مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا بادامنى پىششىقلىماقتا. بۇ شىركەت «ئېلېكتىرونلۇق سودا + ئۆزئالدىغا بەرپا قىلغان سۇپا + دېھقان ئائىلىسى» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاس قۇرۇق مېۋىلىرىنى سېتىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ گۈللۈك يېزىسى تەڭلىچى كەنتى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى، كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ھىمام ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇراتتى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن، ئۆي بىخەتەر، پاكىز، سۇ، توك، پار تەل بولۇپ، تۇرىدىغان جايى بولۇش ئىشقا ئېشىپ، يېپيېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغانىدى.

2020 - يىلىغىچە، يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسىي تەلەپ ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. خەلقنىڭ ئارزۇسى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭىش ئەڭ تەس بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى قەتئىي يەڭدى، نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %32.32كە يەتتى.

تۇرمۇشقا ئۈمىد بېغىشلاش

گەرچە چىللە كۈنلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئاتۇش شەھىرىدىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاغۇ يېزىسى يەنىلا ئانچە سوغۇق ئەمەس ئىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رازىگۈل تۇرامەت يېزىدىكى ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتىدا باتارېيە ئۆزىكىنى ئەپچىللىك بىلەن پاياتلاۋاتاتتى. دەم ئېلىش ۋاقتىدا، ئۇ دائىم زاۋۇتتىن چىقىپ يىراقتىكى تاغقا نەزەر سالاتتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۆيى تاغ ئېتىكىدە بولۇپ، ئىلگىرى يامغۇر ياغسىلا ئۇ قىيان كېلىپ ئۆيىنى ئېقىتىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى.

2019 - يىلى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش يولغا قويۇلدى، رازىگۈل ئائىلىسىدىكىلەر تاغدىن چۈشۈپ، كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش رايونىغا كۆچۈپ كەلدى، ئۇ سېخقا كىرىپ ئىشلەپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 675 مىڭ 600 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 584 مىڭ 900 ئائىلە بار. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە تۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى.

نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى دەل جايىدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۇرالغۇ كاپالىتىنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، نامرات ئاممىنى ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈردى.

− نامراتلىقنىڭ ئەۋلاد ئارا داۋاملىشىشى ئۈزۈپ تاشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىز يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مۇكاپاتلاش، قەرز بېرىش، ياردەم بېرىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش، كېمەيتىش»تىن ئىبارەت كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ «بىرمۇ بالىنى ئائىلىسى نامرات بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالدۇرماسلىق، ئوقۇشتىن توختىتىپ قويماسلىق»تەك تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى نەقلەشتۈردى.

− «ساغلاملىق مۇداپىئە لىنىيەسى» بەرپا قىلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى؛ نامرات ئاغرىقلارنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىدا «ئالدى بىلەن داۋالاش، ئاندىن ھەق تۆلەش» ۋە «بىر كۆزنەكلىك» راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ يېزا، كەنت دوختۇرخانا(داۋالاش ئۆيى)لىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

ئۆسمۈرلەر مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولدى، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولدى، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولدى... ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەر نامرات ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئۈمىد بېغىشلىدى.

تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىش

2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، يېزا تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى يانداش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، بۇ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، نېمىلا ئىش قىلساق ئىشەنچىمىز بار.» قاراقاش ناھىيەسى قاراساي بازىرى قۇمبويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنتوختى تۇرسۇنباقى: ئىلگىرى تۆگە باقاتتىم، بېقىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى بىلمىگەچكە، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ناھايىتى تۆۋەن ئىدى، دېدى. 2019 - يىلى، كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى، تۇرسۇنتوختىنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دادىللىق بىلەن قاتتىق ئىشلەپ، تۆگە باقمىچىلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، يىللىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى قوغۇنچى كەنتىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى ئارقا - ئارقىدىن يېنىپ، كەنتتىكى قاتتىقلاشتۇرۇلغان يوللارنى يورۇتىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ.

قوغۇنچى كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق ئېلىۋېتىش ئۈچۈن، كەنت ماھارەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت پارتىيە مەكتىپى، دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى ۋە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى، كەنت ئاھالىلىرى تېخنىكىغا تايىنىپ پۇل تاپتى، ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى. كەنت ئاھالىلىرى خۇشال ھالدا: «ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېيىشتى.

تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىش كۆز قاراشنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىدىكى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى توغرايار كەنتىدىكى ئاياللار ئىلگىرى يۈزىنى ئېچىپ يالاڭباش يۈرۈشكە پېتىنالمايتتى، ھازىر زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئايال ھەيدەش كىنىشكىسى ئالدى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى. بۇ يەردە ئاياللار يېرىم دۇنيالىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى شال تېرىپ، خاس مەھسۇلات سېتىپ، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىپ، ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، يۇرت سېغىنىشىنى بېسىشقا تەكلىپ قىلدى، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق خاس مەھسۇلاتى بولغان گۈرۈچنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساتتى، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسى «دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى»گە ئايلاندى.

دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3600 مېتىر كېلىدىغان تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە، ۋەچە يېزىسىنىڭ شەرافدى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى پارنىك ياساپ، كۆكتات تېرىپ، گۈل تېرىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى بارغانسېرى كېڭەيتتى.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش

مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى تەڭبازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق روزى ئەنۋەرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، مېڭىگە قان چۈشۈش ئاسارىتى بولۇپ، دائىم ناھىيەدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتەتتى، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغاچقا، ناھىيەگە بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئالاتتى.

2017 - يىلىدىن باشلاپ، يېزىلىق دوختۇرخانا ھەر يىلى ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمىتى كېلىشىمى ئىمزالىدى، دوختۇر ئۇنىڭ ئۆيىگە قەرەلسىز بېرىپ، كېسىلىنى ھەقسىز داۋالىدى. «بىز دېھقانلارمۇ ئائىلە دوختۇرى مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنەلەيدىغان بولدۇق، بۇ ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئىش ئىدى» دېدى روزى ھاياجانلانغان ھالدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاشنى تېزلەتتى، نۇرغۇن رايونلاردا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش، توك ئىشلىتىشى قىيىن بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، خەۋەرلىشىشى قىيىن بولۇش قاتارلىق ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن كونا، چوڭ قىيىن مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىندى، يېزا - بازار يوللىرىنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %100كە يەتتى، شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرىنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %100كە يەتتى، ئېغىر نامرات كەنتلەرگە ئوپتىك تالا يەتكۈزۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2018 - يىلى 3 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويدى، بۇ تۈر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى بارلىق ئېغىر نامرات كەنتلەرنى قاپلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى چەت - ياقا نامرات رايونلاردا «چوڭ ئېلېكتىر تورى»نىڭ ئۇزارتىلىشى، قاپلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تەمىنلىگەن توكنىڭ بېسىمى تۆۋەن بولۇش، ئىشەنچلىك دەرىجىسى ناچار بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

قاتار - قاتار «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»لىرى، قاتار - قاتار يورۇق يول چىراغلىرى، قاتار - قاتار يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوپتىك تالالار يېزا - كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، خەلق قەلبىنى يورۇتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش يولىنى ئاچتى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى