تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تۇراخاننىڭ يېڭى يىللىق ئارزۇسى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ خەيشيا خەۋەر قىلىدۇ): «ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بۇ يىل يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، يىللىق كىرىمىمنى 250 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمەن». 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، تۇراخان تۇرسۇن 2020-يىللىق كىرىمىنى ھېسابلاپ، 2021-يىللىق كىرىمىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن تۇراخان ئەسلىدە شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تۆمۈرلۈك يېزىسىدىكى چارۋىچى ئىدى. 2009-يىلى «يېشىللىقنى ئېگىزلىكتە قالدۇرۇش، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش» سىياسىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، تۇراخان ئېرى نېرىسجان غوجىئابلا بىلەن بىللە چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى تاشساي كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. تاشساي كەنتىگە يېڭى كۆچۈپ كەلگەندە، تۇراخان ئۇزاق مۇددەت چارۋىچىلىق رايونىدا تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، شۇنداقلا ھەم چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، ھەم مەبلىغى كەمچىل بولغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىرىمى پۈتۈنلەي ئوتلاق تولۇقلىمىسى ۋە تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ياردەم پۇلىغىلا تايىنىپ قېلىپ، تۇرمۇشىنى ئارانلا قامدىدى.

2014-يىلى، تۇراخان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارىغا ئايرىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، تۇراخان ئۆزىنى ئۆزى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، نامرات قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىرادە باغلىدى.

تۇراخان ئەر-خوتۇن قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كىيىم-كېچەك پىششىقلاش ماھارىتى، چىلان ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، كالا-قوي ئىلمىي باقمىچىلىقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. تۇراخاننىڭ ئېرى ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ئۆگىنىش ئارقىلىق، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالدى. تۇراخانمۇ كۆپ خىل تېخنىكىنى ئىگىلەپ، بېيىش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتى.

2018-يىلى، تۇراخان تاشساي كەنتى «ئىككى كومىتېت»ى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مېڭجىلۈ كىچىك تاللا بازىرىنى ئاچتى. ئۇنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلىشى بىلەن، سودىسى كۈنسېرى مۇقىملاشتى، ھەر ئايدا 3000 يۈەن ساپ كىرىم قىلدى.

2020-يىلى، ئۇنىڭ تاللا بازىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى كۆپەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىلان سېتىشىغا ياردەم بەردى، مۇشۇ بىر تۈردىلا تۇراخاننىڭ يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى. «بۇ مەستانە توپلاشقا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان ئىش، مۆلچەرىمچە 2021-يىلى، مەن تېخىمۇ كۆپ چىلان ساتالايمەن، كىرىمىمنىڭ 60 مىڭ يۈەنگە يېتىشىدە گەپ يوق». تۇراخان ئىشەنچكە تولغان ئىدى.

تاللا بازىرىنى ئاچقاندىن سىرت، تۇراخان يەنە بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەتلەس كىيىم-كېچەكلەرنى تىكىپ، توردا ساتتى، 2020-يىلى سېتىش كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگە يەتتى، يەنە ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدى.

تاللا بازىرىنىڭ سودىسى ئىزىغا چۈشۈپ، بىر ئادەم يېتىشىدىغان ھالەتكە يەتتى. ئېرى نېرىسجان ئارقىدا قېلىشنى خالىماي، ئۆيدە كالا بېقىشقا باشلىدى. 2020-يىلى ئۇ باققان سەككىز تۇياق كالا ئىلمىي بېقىش ئارقىلىق ياخشى بوردالدى. «2021-يىلى، ئائىلىمىزدە بەش تۇياق كالا كۆپىيىشتىن ئۈمىد بار، تۆت تۇياق كالىنى ساتماقچى بولۇۋاتىمىز، ئائىلە كىرىمىمىز يەنە 50 مىڭ يۈەن كۆپىيىدۇ» دېدى نىرىسجان خۇشال ھالدا.

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، نېرىسجان تاشساي كەنتىدىن چاقىلىق بازىرىغىچە بولغان يولۇچى توشۇش لىنىيەسى تىجارەت ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى، ئۇ چاقىلىق بازىرىغا بېرىش-كېلىش ئۈچۈن يەتتە كىشىلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالدى. «ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 6000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن. 2021-يىلى، مەن 70 مىڭ يۈەن تاپالايمەن» دېدى نېرىسجان خوتۇنىغا.

تۇراخان مۇنداق دېدى: «قىشتا نىسبەتەن بىكارراق بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىگىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. تاشساي كەنتىدە توغراقلىق، قۇملۇق، چىلانزارلىق بار، دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، بۇ يىل بىز دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، ياش ۋاقتىمىزدا ياخشى ئىشلەپ، بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى».

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى