تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلەشلىرى ھەممىگە ئايان

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) كەسكىن بايانات ئېلان قىلدى

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىلگىرىلەشلىرى ھەممىگە ئايان

ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «ئىرقىي يوقىتىش» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دەپ بىلجىرلىدى، بۇ پۈتۈنلەي پاكىتقا كۆز يۇمغان يالغان - ياۋىداق سۆز، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلغانلىق ۋە قەستەن قارا چاپلىغانلىق، بۇنىڭغا قارىتا، بىز كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز.

شىنجاڭدا ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئىزچىل سىجىل ئاشتى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس 21 مىليون 815 مىڭ 800 ئادەمدىن كۆپىيىپ 24 مىليون 867 مىڭ 600 ئادەمگە يەتكەن، 3 مىليون 51 مىڭ 800 ئادەم كۆپىيىپ، %13.99 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە: ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 171 مىڭ 500 ئادەمدىن كۆپىيىپ 12 مىليون 718 مىڭ 400 ئادەمگە يەتكەن، 2 مىليون 546 مىڭ 900 ئادەم كۆپىيىپ، %25.04 ئاشقان؛ خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسى 8 مىليون 829 مىڭ 900 ئادەمدىن كۆپىيىپ 9 مىليون 6800 ئادەمگە يەتكەن، 176 مىڭ 900 ئادەم كۆپىيىپ، %2.0 ئاشقان. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى پۈتۈن شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، خەنزۇ مىللىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. دۇنيادا بۇنداقمۇ نوپۇس يۇقىرى سۈرئەتتە كۆپىيىدىغان «ئىرقىي يوقىتىش» بولامدۇ؟ بىز پومپېئونى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى چوقۇم ئېسىڭدە چىڭ ساقلا، پاكىتقا ھۆرمەت قىل، ئەمدى يالغان - ياۋىداق سۆز توقۇما!

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدۇ. بىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئاز - كۆپ، تەرەققىيات دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە ئۆز رايونى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. شىنجاڭدا بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە، 42 مىللىي يېزا تەسىس قىلىنغان. ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق باراۋەر قانۇنىي ئورۇندىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تەربىيەلىنىش، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ۋەكىل %64.2نى ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئەزا %46.7نى ئىگىلىدى. بىز پومپېئونى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، سەن ھەقىقىي ئەھۋالغا كۆز يۇمساڭ بولىدۇ، ئۆز گېپىڭنى يورغىلاتساڭ بولىدۇ، لېكىن يالغان - ياۋىداق سۆز ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆز مۇقەررەر ئۆز - ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ!

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى. بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئىزچىل قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىدۇق، ۋارىسلىق قىلدۇق ۋە ئەۋج ئالدۇردۇق. ھازىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئاساسلىقى ئون خىل تىل - يېزىقنى قوللىنىدۇ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچە، شىبەچە قاتارلىق ئالتە خىل تىل - يېزىقتا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق ساھەلەر ھەمدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەڭ قوللىنىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىلاسسىك كىتابلىرىنى پائال توپلاپ، قوغداپ ۋە قۇتقۇزۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان «قۇتادغۇبىلىك»نى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇق، قىرغىز مىللىتىنىڭ «ماناس» داستانى، موڭغۇل مىللىتىنىڭ «جاڭغىر» داستانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى رەتلەپ نەشر قىلدۇق، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پومپېئو كۆرەلمەيدۇ ھەم كۆرۈشنى خالىمايدۇ، پەقەت تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپلا ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈيدۇ، تۆھمەت قىلىدۇ، بوھتان چاپلايدۇ. بىز پومپېئونى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، ئەمدى ئاغزىڭغا كەلگىنىچە بىلجىرلىما!

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش جۇڭگونىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ سىياسىتى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارغا ئوخشاش، سىياسىي ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە باراۋەر ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بىز دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ۋە دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، دىنىي سورۇن ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى كۈچەپ ياخشىلىدۇق، كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تولۇق ھۆرمەت قىلىندى ۋە قوغدالدى. بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ھېيت - بايرام، قائىدە - يوسۇن، ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆرپ - ئادەتلىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدۇق، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك ئادىتى بار مىللەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئۆرپ - ئادىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. شىنجاڭدىكى ئالاقىدار مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى «قۇربان ھېيت» «روزى ھېيت»نى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاممىۋى بايرام قىلىپ بېكىتتۇق؛ تۇپراققا دەپنە قىلىش ئۆرپ - ئادىتى بار مىللەتلەرگە مەخسۇس يەر ئاجرىتىپ قەبرىستانلىق قۇرۇپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. پومپېئو تارقاتقان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلەر دەل ئۆزى توقۇپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان يالغان - ياۋىداق سۆز. بىز پومپېئونى شۇنداق كەسكىن ئاگاھلاندۇرىمىزكى، بۇ يەردە تۇغۇلۇپ، بۇ يەردە ئۆسكەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق سېنىڭ «كۈنى ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى غالجىرلىق»ىڭنىڭ ھەقىقىي غەرىزىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتكەن، سېنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىڭنىڭ ھەممىسى خام خىيال!

مىڭ ئېغىز يالغان - ياۋىداق سۆز بىر پاكىتنى يوشۇرالمايدۇ: ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولدى، تەرەققىيات سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە. شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2 ئاشتى. خەلق تۇرمۇشى روشەن ياخشىلاندى، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.7كە يەتتى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى.

پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا، پومپېئونىڭ بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ، ئۆزى توقۇغان جۇڭگوغا قارشى خىيالىي چۈشكە مەپتۇن بولۇپ ھوشىنى تاپماسلىقىدىكى غەرىزى − جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد گۈللەنگەن، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيىتى پۈتۈن دۇنيادا ھەممىگە ئايان، بۇنى ھەرگىزمۇ پومپېئو تارقاتقان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. پومپېئو دېگەن بۇ «كۈنى ئاخىرلاشقان چۈپرەندە» جەزمەن تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.