تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشىگە بولغان مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشىگە بولغان مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشىگە بولغان مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، چېگرا سىرتىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سىجىل يامراۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ۋە تارقاق تارقالغان ئاغرىق مىساللىرى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈۋاتىدۇ. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە زۆرۈر بولمىسا يۆتكىلىپ يۈرمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىش يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرىنى ئازايتىشقا، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2021 - يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ۋە گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى بېسىپ تارقاتقان «ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجى بويىچە ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزىدىغان ئامما كۆپىيىشتەك يېڭى ئەھۋالغا قارىتا، تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى، خەلق ئاممىسىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق، ساغلام، بىخەتەر، كاتتا چاغان ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاممىنى ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق، تەرتىپلىك يېتەكلەش كېرەك. يۇقۇم خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى رايونلاردىكى ئامما بىردەك ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشى، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش سەۋەبلىك يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. يۇقۇم خەۋپ - خەتىرى ئوتتۇراھال رايونلاردىكى ئامما پىرىنسىپ جەھەتتە ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشى، ئالاھىدە ئەھۋالدا سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، تەۋەلىكتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. يۇقۇم خەۋپ - خەتىرى تۆۋەن رايونلار ئاممىغا ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش، زۆرۈر بولمىسا سىرتقا چىقماسلىقنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك. ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرىدىكى خادىملار باشلامچىلىق بىلەن ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشى، سىرتتىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر، مەكتەپتىن ئايرىلمىغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. ھەقىقەتەن سىرتقا چىقىشى زۆرۈر بولغان كىشىلەر پىرىنسىپ جەھەتتە يۇقۇم خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى، ئوتتۇراھال رايونلارغا بارماسلىقى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزىدىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، بولۇپمۇ چوڭ، ئوتتۇراھال شەھەرلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىشى، تولۇق تەييارلىق كۆرۈشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى، تاللا بازار، سېتىش مەيدانلىرى، تىرىك، يېڭى مەھسۇلاتلار ئېلېكتىرون سودىسى، ئەشيا ئوبوروت تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنى نورمال تىجارەتنى ساقلاشقا يېتەكلەپ ۋە قوللاپ، تۇرمۇش زۆرۈر بۇيۇملىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، ئۆكسۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مەھەللە، يېزا - كەنتلەردىكى پارچە سېتىش تور نۇقتىلىرىنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىشتا ھەر كۈنلۈك تىجارەت ۋاقتىنى سەككىز سائەتتىن كەم قىلماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. باھادىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، مۇھىم تاۋارلار بازىرىنىڭ تەمىناتىغا ۋە باھانىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تور، تېلېۋىزىيە، رادىيو قاتارلىق مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پىروگراممىلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش، ھەقسىز ئېقىم مىقدارى، تور سىن ئەپلىرىدە ۋاقىتلىق ھەقسىز كىنو قويۇش قاتارلىق تور مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، يۇقۇم خەۋپ - خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى كۇتۇپخانا، مۇزېي، كىنوخانا - تىياتىرخانا، باغچە، تەنتەربىيە مەيدانلىرى قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەت بوشلۇقلىرىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، ئېچىۋېتىش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنى مول، كۆپ خىل مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سانغا چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرگە ئاساسەن، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، دەم ئېلىش كۈنىدىكى ساياھەت پائالىيەتلىرىنى موللاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ساياھەت قىلىش، ئىستىراھەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنى ئاممىنىڭ چاغانلىق ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچراشمايدىغان، ئاز توپلىشىدىغان تۈرلۈك ئىستېمال تۈرلىرى ۋە جەمئىيەت مۇلازىمىتى بىلەن پائال تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزىدىغان ئاممىنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. شەھەر، يېزىلاردىكى مەھەللىلەر ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دائىرىلەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزىدىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشى ۋە ئۇنى قاندۇرۇشى كېرەك. يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزىدىغان خادىملار بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەت كاپالىتىنى پائال ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ياتاق كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، مەكتەپتە قالغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈش ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئەھۋالغا قاراپ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن باغلاشتىن ئىبارەت بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى قوزغىتىش كېرەك، شارائىتى يار بەرگەن جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مۇۋاپىق بايراملىق ياردەم پۇل ياكى ۋاقىتلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقاتسا بولىدۇ. قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار، يېتىم بالىلار، ئۆيدە قالغان ئاياللار ۋە بالىلار، تۇرمۇشتا تايانچى يوق سەرگەردان تىلەمچىلەر، مېيىپلەر، روھىي كېسەللەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى جۈملىدىن ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش سەۋەبلىك يوقلاشقا ئامال بولمىغان ياشانغانلار، بالىلار قاتارلىقلارنى تېگىدىن ئېنىقلاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىپ يوقلاشنى كۈچەيتىش، قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا ياردەم بېرىش - يۆلەش، غەمخورلۇق قىلىش بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى قاراش، مۇلازىمەتنى جايىدا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا يەنە ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايلىق بولۇشى، تەرتىپلىك بولۇشى ۋە مال تىرانسپورت، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزگەن ئاممىنىڭ مائاشى، دەم ئېلىشى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش ياخشى كەيپىياتىنى پائال يارىتىش، تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.