تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئونىڭ «ئەسىر يالغان - ياۋىداق سۆزى»گە قەتئىي رەددىيە بېرىمىز

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتە ئېلان قىلىپ، پاكىت بىلەن ھېسابلاشماي، پۈتۈنلەي تۇترۇقسىز گەپ قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا «ئىرقىي يوقىتىش» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دەپ بوھتان چاپلىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىمەن ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

شىنجاڭدىن «قۇسۇر چىقىرىش»، شىنجاڭغا «قالپاق كىيدۈرۈش» پومپېئونىڭ ئادەتلەنگەن ھىيلە - نەيرىڭى. ئۇنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە نۇرغۇن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلەرنى تارقىتىشى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش، شىنجاڭنى ئۆزى ئالدىن قۇرغان كىشىلىك ھوقۇق توزىقىغا چۈشۈرۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش، خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنى خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلەش، جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاش، جۇڭگونىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇش ئۈچۈندۇر، بۇ پەقەت ئۇنىڭ ناچار پەزىلىتىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشتەك رەزىل نىيىتىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. شىنجاڭنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكى، تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىت ئالدىدا، پومپېئو تارقاتقان يالغان - ياۋىداق سۆزلەر جەزمەن ئۆز - ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ؛ پومپېئو چاچقان زەھەر جەزمەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ؛ پومپېئونىڭ غالجىرلاشقان، تەلۋىلەشكەن قىلمىش - ئەتمىشلىرى جەزمەن تارىخنىڭ شەرمەندىچىلىك تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ!

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بىز جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشتىن ساقلاشقا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدۇق. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشتى. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلدۇق، جەمئىي 3666 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىنىپ، 32 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، 3 مىليون 64 مىڭ 900 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردۇق، مۇتلەق نامراتلىق ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇردۇق، 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 1 تىرىليون 359 مىليارد 710 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7.2 ئاشتى؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 128 مىليارد 230 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 157 مىليارد 760 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.7 ئاشتى؛ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى. بىز خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى ئادەتتىكى ئاممىۋى مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلققە پايدا يەتكۈزىدىغان، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا ئىشلەتتۇق. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.1 ئاشتى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاشنى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ۋە 12 يىللىق ئاساسىي مائارىپ بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى %99.7كە يېتىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈلدى. بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن بويىچە مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغدىدۇق، ۋارىسلىق قىلدۇق ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇردۇق، قانۇن بويىچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدۇق، ھەرقايسى مىللەتلەر بېرىش - كېلىش قىلىپ، سىڭىشىپ بىللە ئۆتۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. بىز ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ۋە دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدۇق، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قاتارلىق دىنىي مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە دىنىي پائالىيەت شارائىتىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىپ، دىنلار ئىناقلىقى ۋە رايىشلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ چەكسىز ئەۋزەللىكى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. 2018 - يىلى 12 - ئايدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جەنۋەدە دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 80 نەچچە تۈركۈم ئۆمەك - گۇرۇپپىدىكى 1200دىن كۆپرەك كىشى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى، مەن ئۆزۈممۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت ئۆمەك - گۇرۇپپىلىرىنى كۈتۈۋالدىم، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ياخشى باھا بەردى، بەس - بەستە شىنجاڭنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىكەن دېيىشتى.

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئاقىللار ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ. پومپېئونىڭ قەبىھ قىلمىشى ۋە رەزىل ھىيلە - نەيرەڭلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ھەرقانداق تۆھمەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنى توسۇيالمايدۇ؛ ھەرقانداق يالغان - ياۋىداق سۆز شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىدەك، ئىلگىرىلىگەنلىكىدەك پاكىتنى يوققا چىقىرالمايدۇ؛ ھەرقانداق سۇيىقەست شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. پومپېئو مەيلى قانداق يالغانچىلىق قىلسۇن، قانداق ئالدامچىلىق قىلسۇن، ھەق - ناھەقنى قانداق ئاستىن - ئۈستۈن قىلسۇن، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزەلمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مەزمۇت قەدىمىنى توسۇيالمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.